UyghurWiki
UyghurWikiقەدىمقى ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرىئەمەلدارلىق ئىمتىھان تۈزۈمى

ئەمەلدارلىق ئىمتىھان تۈزۈمى

قەدىمكى ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرى ئەمەلدارلىق ئىمتىھان تۈزۈمى جۇڭگونىڭ فېئوداللىق سۇلالىلىرىدە ئىمتىھان ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەمەلدار تاللايدىغان بىر خىل تۈزۈم. بۇ، ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان نۇرغۇن تالىپلارنىڭ نام چىقىرىپ تەمىناتقا ئېرىشىش ئارقىلىق ئەجدادلىرىغا شان - شەرەپ كەلتۈرۈشنى قوغلىشىدىغان چىقىش يولى بولۇپ كەلدى. سۇي سۇلالىسى كەيخۇاڭ7 - يىلى (587 - يىلى) سۇي ۋېندى ۋېي، جىن سۇلالىلىرىدىن بۇيانقى نەسەبىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىگە قاراپ ئەمەلدار تاللايدىغان توققۇز دەرىجىلىك لىللا تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇمۇشلۇقلارنى تاللاش پەرمانىنى چۈشۈردى. سۇي ياڭدى تەشرىپدارلىق ئىمتىھانى تەسىس قىلدى ھەمدە بۇ خىل ئىمتىھان ئېلىش ئۇسۇلىنى تۈزۈم قىلىپ بېكىتتى. ئاتالمىش «ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى» ئوقۇمۇشلۇقلارنى پەنلەر بويىچە تاللاش دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىنىڭ دائىمىي ئىمتىھان ۋە تۈزۈم ئىمتىھانىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرى بار ئىدى. دائىمىي ئىمتىھان موللىلىق ئىمتىھانى، دەستۇر شەرھلەش ئىمتىھانى، تەشرىپدارلىق ئىمتىھانى، قانۇن ئىمتىھانى، خەتتاتلىق ئىمتىھانى، ھېساب ئىمتىھانى قاتارلىق ئىمتىھان تۈرلىرىگە بۆلۈنەتتى، دەستۇر شەرھلەش، تەشرىپدارلىق ئىمتىھانى بېرىدىغانلار بىرقەدەر كۆپ ئىدى. دەستۇر شەرھلەش ئىمتىھانىدا كۇڭزىچىلارنىڭ دەستۇرلىرىنى پىششىق يادلىيالايدىغان - يادلىيالمايدىغانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بولغاچقا بىرقەدەر ئۆلۈك ئىدى، تەشرىپدارلىق ئىمتىھانىدا نەزم - بېيىت يېزىش قابىلىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىلەتتى. مۇھىم ئەمەلدارلارنىڭ كۆپىنچىسى تەشرىپدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ئۆسۈدىغان بولغاچقا، تەشرىپدارلىقتىن ئۆتسىلا قالتىس يۈز - ئابرۇي تېپىپ، «ئوردا بوسۇغىسىدىن كىردى» دەپ قارىلاتتى. تەشرىپدارلىق ئىمتىھانىدا نەزم - بېيىت يېزىش قابىلىيىتىگە قاراپ تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىلەتتى، بۇمۇ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەشھۇر شائىرلاردىن قالغان ئىش بولۇپ، تاڭ شېئىرلىرىنىڭ شېئىرىيەت ساھەسىدە يۈكسەك پەللىگە چىققانلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەبى ئىدى. تۈزۈم ئىمتىھانى بېكىتىلگەن تىزىملىكنى پادىشاھ كۆرۈپ پەرمان چۈشۈرۈپ ئىمتىھان ئېلىپ تاللايدىغان تۈزۈم ئىدى. ۋۇ زېتيەن پادىشاھ بولغاندىن كېيىن، يەنە پادىشاھ شەخسەن ئوردىدا ئىمتىھان ئېلىش ئۇسۇلىنى بەرپا قىلدى ھەمدە سەركەردە تاللايدىغان جانبازلىق ئىمتىھان تۈرىنى قوشتى. ئەمەلدارلىق ئىمتىھان تۈزۈمى مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىغىچە داۋاملىق قوللىنىلىپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى. مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرلىرىدە ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئۆلكە مەركەزلىرىدە ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم يۇرت ئىمتىھانى ئېلىناتتى، ئىمتىھان مەزگىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە8 - ئايدا بولاتتى، ئومۇمەن شۇ ئۆلكىدىكى موللا، خانلىق بىلىم يۇرتىنى پۈتكۈزگەن موللىلار، تەۋسىيە قىلىنغان موللىلار قاتارلىق ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەر تەشرىپدار دەپ ئاتىلاتتى. ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم پايتەختتە خۇلاسە ئىمتىھانى ئېلىناتتى، ئىمتىھان ۋاقتى دېھقانلار كالېندارى بويىچە2 - ئايدا بولاتتى، كېيىن3 - ئايغا ئۆزگەرتىلدى، ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەر تەۋسىيە قىلىنغان تەشرىپدارلار دەپ ئاتىلاتتى. تەۋسىيە قىلىنغان تەشرىپدارلار پادىشاھنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى ساراي ئىمتىھانىغا قاتنىشاتتى. بۇ يەنە ئوردا ئىمتىھانى دەپمۇ ئاتىلاتتى، «ئۈچ بىرىنچى» ئۇسۇلى بويىچە قوبۇل قىلىناتتى: بىرىنچى دەرىجىلىكى ئۈچ نەپەر بولۇپ، ئۇلارغا تەشرىپدارلىق ۋە دەرىجە ئىنئام قىلىناتتى، بىرىنچىلىككە ئېرىشكىنى ئەلىيۇلئەلا، ئىككىنچى بولغىنى ئەلا، ئۈچىنچى بولغىنى ئەۋسات دەپ ئاتىلاتتى، ئىككىنچى دەرىجىلىكلەر بىرنەچچە نەپەر بولۇپ، تەشرىپدارلىق سالاھىيىتى بېرىلەتتى؛ ئۈچىنچى دەرىجىلىكلەر بىرنەچچە نەپەر بولۇپ، تەشرىپدارلارغا ئوخشاش سالاھىيەت بېرىلەتتى. ئۈچ دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا دانىشمەن ئۆلىمالار كامالەتخانىسىنىڭ باش مىرزىسى، مىرزىسى، پۈتۈكچىسى قاتارلىق مەنسەپلەرگە تەيىنلىنەتتى. ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىنىڭ مەزمۇنى بارغانسېرى تۇتۇرۇقسىز نەرسىلەر بىلەن توشۇپ كەتتى. مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىدە كۇڭزىچىلارنىڭ دەستۇرلىرىدىن «تۆت كىتاب»، «بەش دەستۇر» نىڭ مەزمۇنلىرى تېما قىلىنىدىغان بولدى، چىڭ سۇلالىسى يەنە ماقالىنىڭ شەكلى چوقۇم باگۇ ئەدەبىياتى بويىچە بولۇشى، چۈشەندۈرۈش «تۆت كىتابنىڭ ئومۇمىي شەرھى» قاتارلىق كىتابلاردىن چەتنەپ كەتمەسلىكى كېرەك دەپ بەلگىلەپ، موللىلارنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان ئۆلۈك يادلاش ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. چىڭ سۇلالىسى داۋگۇاڭنىڭ35 - يىلى (1095 - يىلى) مەكتەپ مائارىپى يولغا قويۇلغاچقا، ئەمەلدارلىق ئىمتىھان تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
← بارلىق تېمىلار قەدىمقى ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرى
ئەمەلدارلىق ئىمتىھان تۈزۈمى | UyghurWiki | UyghurWiki