ئۈچ ئەمىر، توققۇز ۋەزىر
قەدىمكى ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرى
قەدىمكى دەۋردە پادىشاھلار ئۆزىنىلا ھۆرمەتكە لايىق دەپ قارايتتى، بارچە قەلەمدار - ئەلەمدار ئەمەلدارلار پادىشاھنى كۆرگەندە سالام بېرىشى كېرەك ئىدى. لېكىن خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، پادىشاھ ئۈچ ئەمىرنى كۆرگەندە شاھانە تەختتىن تۇرۇپ ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدىغان بولدى.
ئۈچ ئەمىر − ۋەزىر، باش تەپتىشبېگى ۋە ئەمىرلەشكەرنى كۆرسىتەتتى. ۋەزىر پادىشاھنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىغا ياردەملىشەتتى، باش تەپتىشبېگى مۇئاۋىن ۋەزىر ئىدى ھەمدە بارلىق ئەمەلدارلارنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولاتتى، ئەمىرلەشكەر لەشكىرىي ئىشلارنى باشقۇراتتى. ئۈچ ئەمىر تۈزۈمى چىن سۇلالىسى دەۋرىدە باشلاندى، خەن سۇلالىسى چىن سۇلالىسىنىڭ تۈزۈمىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۈچ ئەمىرلىك تۈزۈمنى يولغا قويدى. غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئۈچ ئەمىر ئەمىرزېمىن، ئەمىرمېمار، ئەمىرلەشكەرلەرگە ئۆزگەردى، بۇلار مەركەزدىكى ئەڭ ئالىي ئەمەل بولغاچقا، ھوقۇقى ناھايىتى زور ئىدى. شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ليۇ شيۇ چوڭ ھوقۇقنى ئۆزى تەنھا ئىگىلەپ، ئۈچ ئەمىرنىڭ ھوقۇقىنى چەكلىدى، ئۈچ ئەمىرنىڭ ئەمەلىي ئورنى تۆۋەنلەشكە باشلىدى.
ئۈچ ئەمىرنىڭ ئاستىدا توققۇز ۋەزىر تەسىس قىلىندى. چىن سۇلالىسىدىكى توققۇز ۋەزىر − تاۋاپچىبەگ (ئەجدادلار ئىبادەتخانىسىنىڭ مۇراسىملىرىنى باشقۇرىدۇ)، ئىشىكئاغا (پادىشاھنىڭ تامغاچلىرىنى باشقۇرىدۇ)، ياساۋۇلبەگ (ئوردا مۇھاپىزەتچىلىرىنى باشقۇرىدۇ)، ئوردا مىراقۇلى (پادىشاھنىڭ ھارۋا، ئاتلىرىنى باشقۇرىدۇ)، دادخاھ (ئەدلىيە ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ)، داستىخانچى (مىللەتلەر ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ)، تېرگىن (خان جەمەتىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ)، خەزىنىچى (دۆلەتنىڭ مالىيەسىنى باشقۇرىدۇ) ۋە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى (خان جەمەتىنىڭ مالىيەسىنى باشقۇرىدۇ) دىن ئىبارەت توققۇز تارماقنىڭ باشلىقلىرىنى كۆرسىتەتتى. خەن سۇلالىسى تاۋاپچىبەگنى مۇراسىم بېگىگە، ئىشىكئاغىسىنى كېڭەشبېگىگە، داستىخانچىنى باش ھۆدەيچىگە، خەزىنىچى ۋەزىرنى ئەمىرھەرەسكە ئۆزگەرتتى.
چىن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، خەن سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا ئۈچ ئەمىر، توققۇز ۋەزىر مەركىزىي ھۆكۈمەتنى تەشكىل قىلدى، كىشىلەر دائىم ئۈچ ئەمىر، توققۇز ۋەزىر تۈزۈمى بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى مەركەزنىڭ ئەمەلدارلىق تۈزۈمىنى يىغىنچاقلايدىغان بولدى. ۋېي، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىن كېيىن دىۋان ۋازارىتى، قارا دىۋان، ئىشىكئاغا ۋازارىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ ئۈچ ئەمىر ۋە توققۇز ۋەزىرنىڭ ھوقۇقى پەيدىنپەي تارتىۋېلىندى ۋە بۆلۈۋېتىلدى. سۇي سۇلالىسى پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۈچ ئەمىر، توققۇز ۋەزىر تۈزۈمى ئۈچ ۋازارەت، ئالتە پىرقە تۈزۈمىگە ئورۇن بوشاتتى.