توققۇز دەرىجىلىك لىللا تۈزۈم
قەدىمكى ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرى
ۋېي، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدە، ئىستداتلىق تارىخشۇناس چېن شۇ («ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» نىڭ ئاپتورى) ئاتىسىغا قارىلىق تۇتۇۋاتقان مەزگىلدە، زىيادە ھەسرەت چېكىش ۋە چارچاش سەۋەبىدىن كېسەل بولۇپ يېتىپ قاپتۇ. بىر كۈنى دېدەك ئۇنىڭغا دورا تەييارلاۋاتقاندا، چاقىرىلمىغان بىر مېھمان توساتتىن كىرىپ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن چاتاق تېرىلىپتۇ. شۇ جايدىكى لىللا ئەمەلدار چېن شۇغا قارىلىق تۇتۇش مەزگىلىدە ئاياللارغا يېقىنلىشىپ ۋاپاسىزلىق قىلغان دېگەن گۇناھنى ئارتىپ ئۇنىڭ دەرىجىسىنى لاياقەتسىز قىلىپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇزۇن يىلغىچە ئەمەلدارمۇ بولالماپتۇ. لىللا ئەمەلدار توققۇز دەرىجە بويىچە تەشرىپدارلارنى باھالاپ، ئوردا دەرىجىسىگە قاراپ ئەمەلدار تاللايدىغان بۇ خىل تۈزۈم توققۇز دەرىجىلىك لىللا تۈزۈم دەپ ئاتالغان.
توققۇز دەرىجىلىك لىللا تۈزۈمنى ئۈچ پادىشاھلىق مەزگىلىدىكى ۋېي پادىشاھلىقىنىڭ مەنسەپ - تۇتۇق پىرقىسىنىڭ دىۋانبېگى چېن چۈن ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ تۈزۈم ۋېي ۋېندى − ساۋ پېينىڭ قوشۇلۇشى بىلەن رەسمىي ئورنىتىلىپ، مىلادىيە220 - يىلى رەسمىي يولغا قويۇلغان، پۈتكۈل ۋېي، جىن، جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە دېگۈدەك مۇشۇ تۈزۈم يولغا قويۇلغان. بۇ تۈزۈمنىڭ كونكرېت بەلگىلىمىلىرى: ھەرقايسى ئايماق، ۋىلايەتلەردە لىللا ئەمەلدار تەسىس قىلىش، ئادەتتە لىللا ئەمەلدارلىققا شۇ يۇرتلۇق بولۇپ مەركەزدە ۋەزىپىسى بار كىشىلەرنى تەيىنلەش، ئۇلار شۇ ئايماق، ۋىلايەتتىكى تەشرىپدارلارنى تەكشۈرۈپ باھالاشقا مەسئۇل بولۇش، جەمەت نەسەبىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى، مەزكۇر كىشىنىڭ ئەخلاق - پەزىلىتىنىڭ ياخشى - يامانلىقى ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارىغا ئاساسەن مەرتىۋە - دەرىجىلىرىنى باھالاپ بېكىتىشتىن ئىبارەت. دەرىجىسى يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلغان، ھەربىر دەرىجە يەنە يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، جەمئىي توققۇز دەرىجىگە بۆلۈنەتتى. ئوردا ئۇلارنى دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىگە قاراپ مەنسەپكە تەيىنلەيتتى، دەرىجىسى يۇقىرىلار ھامان چوڭ مەنسەپكە تەيىنلىنەتتى، دەرىجىسى تۆۋەنلەر پەقەت كىچىك مەنسەپكىلا تەيىنلىنەتتى.
لىللا ئەمەلدارلىققا تەيىنلەنگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئەينى دەۋردىكى چوڭ جەمەتلەرنىڭ بيۇروكراتلىرى بولغاچقا، ئۇلار چوڭ جەمەتنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇش ئۈچۈن، دەرىجە باھالىغاندا ھەمىشە نەسەبىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىگە قارايتتى. شۇنداق بولغاچقا، چوڭ جەمەت بيۇروكراتلىرىنىڭ پەرزەنتىلىرى جەزمەن يۇقىرى دەرىجىگە ئېرىشەتتى، يوقسۇللارنىڭ بالىلىرى ئاران تۆۋەن دەرىجىگىلا ئېرىشەلەيتتى. شۇڭلاشقا، «يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئىچىدە يوقسۇللار يوق، تۆۋەن دەرىجىلىكلەر ئىچىدە ئاقسۆڭەكلەر يوق» ئەھۋال كېلىپ چىققان. بۇ خىل تۈزۈمدە ئىستېداتلىقلار چەتكە قېقىلىپ ۋە بېسىمغا ئۇچراپ، ئارزۇ - ئارمانلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ۋە قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيتتى، پەزىلەتسىز، ئىقتىدارسىز سۆلەتۋاز بايۋەچچىلەر بىكار لاغايلاپ يۈرۈپلا ئوردا مۆتىۋەرلىرى دېگەن نامغا ئېرىشەتتى. بۇ خىل تۈزۈم بويىچە تاللاپ ئەۋەتىلگەن يۇقىرى مەنسەپدارلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەم ئىقتىدارسىز، ھەم پەزىلەتسىز، چاكىنا ئادەملەر تۇرسا، قانداقمۇ دۆلەتنى ئىدارە قىلالىسۇن؟ بۇ تۈزۈم سۇي سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئەمەلدارلىق ئىمتىھان تۈزۈمى يولغا قويۇلدى.