ھېراۋۇل
قەدىمكى ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرى
ھېراۋۇل تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە تەسىس قىلىنغان ئەڭ ئالىي ھەربىي مەمۇرىي ئەمەل ئىدى. ھېراۋۇل ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندە قالتىس كۆرەڭلەپ كېتەتتى. پادىشاھ مەخسۇس ئەمەلدار ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا يوللۇق تۇتاتتى، تۆۋەندىكى قاراشلىق ئايماق، ناھىيىلەرنىڭ مەنسەپدارلىرى تەنتەنىلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالاتتى، كاتتا راۋاقلار سېلىنىپ، تۇغلار لەپىلدەپ، بۇرغىلار چېلىناتتى. ھېراۋۇل ئېگىز ئارغىماققا مىنىپ، ھەربىي سالاپەت ۋە تۈرلۈك رەڭدار تۇغلارنىڭ ھەيۋىسىدە يېتىپ كېلەتتى، بۇ، ھوقۇقنىڭ «ئىككى تىزگىنى» نى مەھكەم تۇتقانلىقنىڭ سىمۋولى ئىدى، ھەرقايسى ئايماق، ناھىيىلەردىكى مەنسەپدارلار يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ ئىززەت - ئىكرام بىلەن تەزىم بەجا كەلتۈرەتتى.
تاڭ سۇلالىسى سۇي سۇلالىسىنىڭ تۈزۈمىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مۇھىم جايلاردا باش بۇغ تەسىس قىلغانىدى، كېيىن بۇنى تۇتۇق بەگكە ئۆزگەرتىپ، بىرنەچچە ئايماقنىڭ ھەربىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلدى. مىلادىيە711 - يىلى تاڭ رۇيزۇڭ خې بويەنسىنى خېشىنىڭ ھېراۋۇللۇقىغا تەيىنلىدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ھېراۋۇل دېگەن نام بارلىققا كەلدى. كېيىن شوفاڭ، لۇڭشى، خېدۇڭ قاتارلىق چېگرا رايونلىرىدىمۇ ئارقا - ئارقىدىن ھېراۋۇل تەسىس قىلىندى. ھېراۋۇلنىڭ باشقۇرۇشىدا بىر نەچچە ئايماق بار بولۇپ، ئۆزىگە قاراشلىق رايوننىڭ ھەربىي، مەمۇرىي، مالىيە ئىشىلىرىنى باشقۇراتتى، ھوقۇقى ناھايىتى زور ئىدى. مىلادىيە755 - يىلى پىڭلۇ، فەنياڭ، خېدۇڭدىن ئىبارەت ئۈچ رايوننىڭ ھېراۋۇلى ئەن لۇشەن (ئۆڭلۈك)150 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ توپىلاڭ كۆتۈردى. بىراق تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى شۇنىڭدىن كېيىن تەجرىبە - ساۋاقنى قوبۇل قىلمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئىچكى رايونلاردىمۇ ئومۇميۈزلۈك ھېراۋۇل تەسىس قىلدى. ھېراۋۇلنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە ئۈچ - تۆت ئايماق بولاتتى، بەزىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا10 نەچچە ئايماق بولاتتى، بۇلار ۋاسسال دەپ ئاتىلاتتى. ئۇلار قولىدىكى ئەمەلىي كۈچكە تايىنىپ، ئوردىنىڭ پەرمانىغا بويسۇنماي، ئۆز ئالدىغا بۆلۈنمىچىلىك قىلدى، بۇ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى ئىجتىمائىي مالىمانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىم ئامىل ئىدى. بەش دەۋر مەزگىلىدە ھېراۋۇللار تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشتى.
شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا سۇڭ تەيزۇ − جاۋ كۇاڭيىن لەشكىرىي ھوقۇقنى تارتىۋالدى، ھېراۋۇللار پادىشاھنىڭ يېقىنلىرى ۋە تۇغقانلىرىغا ئايلىنىپ، سەركەردە، ۋەزىر دېگەندەك پەخرىي مەرتىۋىلىرىلا قېلىپ ئەمەلىي ھوقۇقى قالمىدى. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ھېراۋۇل دېگەن نام ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.