باش ۋەزىر
قەدىمكى ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرى
بىر كۈنى، غەربىي خەن سۇلالىسى پادىشاھى خەن ۋېندى ئوڭ قول ۋەزىر جۇ بودىن: «پۈتۈن ئەلدە يىلدا قانچىلىك دېلو تەكشۈرۈپ، تەھقىقلىنىدۇ؟» دەپ سوراپتۇ، جۇ بو گۇناھىنى تىلەپ: «قۇللىرى بىلمەيدىكەنمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ، خەن ۋېندى يەنە: «پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يىللىق مالىيە كىرىمى ۋە چىقىمى قانچىلىك؟» دەپ سوراپتۇ، جۇ بو بۇ توغرىلىقمۇ ھېچنېمە بىلمىگەچكە، قورققىنىدىن تەرگە چۆمۈپ، ئاغزىغا گەپمۇ كەلمەپتۇ. خەن ۋېندى قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، سول قول ۋەزىر چېن پىڭدىن سوراپتۇ. چېن پىڭ: «ئەدلىيە، مالىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدار بار، كونكرېت ئەھۋاللارنى ئۇلاردىن سورىسىلا بولىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ، خەن ۋېندى: «سىلەر باش ۋەزىر تۇرۇپ نېمىشقا بىلمەيسىلەر؟» دەپ كوچىلاپ سورىغاندا، چېن پىڭ تەمكىنلىك بىلەن: «باش ۋەزىرنىڭ ۋەزىپىسى ئالىيلىرىغا ياردەملىشىپ دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، ھەرقايسى پىرقىلەر، ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا نازارەتچىلىك قىلىش» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ، خەن ۋېندى بۇنى ئاڭلاپ چىن كۆڭلىدىن رازى بوپتۇ. بۇنىڭدىن، ئەينى ۋاقىتتا باش ۋەزىرنىڭ ۋەزىپىسى پادىشاھقا ياردەملىشىپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سىياسىي ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدە باش ۋەزىر كونكرېت ئەمەل نامىنى ئەمەس، بەلكى پادىشاھنىڭ ئالدىدا سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل بولىدىغان ۋە ئۇنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىدىغان ئەمەلنى كۆرسىتەتتى، ئۇنىڭ نامى تارىختىكى ھەرقايسى سۇلالىلەردە ئوخشاش ئەمەس ئىدى. چىن سۇلالىسىدە باش ۋەزىر ۋەزىر دەپ ئاتىلاتتى. خەن سۇلالىسىدىمۇ باش ۋەزىر ئەسلىدە ۋەزىر دەپ ئاتالغان، بەزىدە ئوڭ قول ۋەزىر، سول قول ۋەزىر تەسىس قىلىنغانىدى. كېيىن ۋەزىر، باش تەپتىشبېگى، ئەمىرلەشكەر، ئەمىرزېمىن، ئەمىرمېمار، ئەمىرلەشكەرگە ئۆزگەرتىلدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى باش ۋەزىر ئىدى. ۋېي، جىن سۇلالىلىرىدىن كېيىن مەركىزىي ئورگانلار ئۈزلۈكسىز ئالمىشىپ تۇرغاچقا، باش ۋەزىرنىڭ مۇقىم ئەمەل نامى يوق ئىدى، سۇي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىگە كەلگەندىلا ئاندىن پەيدىنپەي مۇقىملاشتى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا دىۋان ۋازارىتى، قارا دىۋان، ئىشىكئاغا ۋازارەتلىرىنىڭ باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى باش ۋەزىر ئىدى. كېيىن پادىشاھ باشقا مەنسەپدارلارنىمۇ سىياسىي ئىشلارغا قاتناشتۇرۇپ، «قارا دىۋان، ئىشكئاغا، دىۋانبېگىگە تەڭداش ئۈچ دەرىجە»، «قارا دىۋان، ئىشىكئاغا، دىۋانبېگىگە تەڭداش خانلىق مۇئەككىلى» قاتارلىق ئەمەل ناملىرىنى كۆپەيتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسىلا ۋەزىرلىك ئەمىلى ئىدى. سۇڭ، يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە باش ۋەزىرلىك مەنسىپىنىڭ ئاتىلىشى ئۆزگىرىپ تۇردى، لېكىن باش ۋەزىرنىڭ ۋەزىپىسى باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمىدى. مىلادىيە1380 - يىلى مىڭ تەيزۇ − جۇ يۈەنجاڭ باش ۋەزىرلىك ئەمىلىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى، لېكىن باش دىۋاننىڭ باش مۇشاۋىرى يەنىلا مىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى باش ۋەزىرى بولۇپ قالدى. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ھوقۇق قارا دىۋانغا مەركەزلەشتى، قارا دىۋان ۋەزىرى ئەمەلىيەتتە باش ۋەزىر ئىدى.