UyghurWiki
UyghurWikiقەدىمقى ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرىئەمەلدارلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش تۈزۈمى

ئەمەلدارلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش تۈزۈمى

قەدىمكى ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرى شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئەمەلدارلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش تۈزۈمىنى مەسخىرە قىلىدىغان مۇنداق بىر كۇپلېت شېئىر پەيدا بولغان: «ئۆلىما دېيىلگىنى خەت - يېزىقنى تونۇماس، ۋاپادار، پاك دېيىلگەنلەر ئاتىغا ۋاپا قىلماس. ساپ، ئاپئاق دېيىلگەنلەر پاتقاق كەبى بۇلغانغان، مەرتىۋىلىك، ئېسىل سەركەردە توخۇدىنمۇ قورقۇنچاق.» بۇ شېئىردا ئەينى ۋاقىتتا تەۋسىيە قىلىنغان ئۆلىمالارنىڭ خەت تونۇمايدىغانلىقى، ۋاپادار دەپ تاللاپ چىقىلغانلارنىڭ ئاتىسىغا ۋاپا قىلمىغانلىقى، «پاك - دىيانەتلىكلەر» دەپ تەرىپلەنگەنلەرنىڭ پاتقاققا ئوخشاش بۇلغىنىپ كەتكەنلىكى، مەرتىۋىلىك ئائىلىدىن چىققان «ئېسىل سەركەردە» لەرنىڭ توخۇ يۈرەك ئىكەنلىكى ئېچىپ بېرىلگەن. ئەلۋەتتە، ئەڭ دەسلەپتە ئەمەلدارلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتىكى مەقسەت دۆلەتكە پەزىلەتلىك، ئىستېداتلىق قابىللارنى تەۋسىيە قىلىش ئىدى. ئەمەلدارلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش تۈزۈمى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ خەن ۋۇدى دەۋرىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. خەن سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا، خەن گاۋزۇ − ليۇ باڭ بەگلىكلەردىن دانىشمەن تاللاش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرگەن. خەن ۋېندىمۇ «پاك - دىيانەتلىك، دادىللىق بىلەن دانا تەكلىپلەرنى بېرەلەيدىغان دانىشمەنلەرنى تەۋسىيە قىلىش» توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى ئېسىل پەزىلەتلىك، پرىنسىپتا چىڭ تۇرالايدىغانلارنى تەۋسىيە قىلىشقا دەۋەت قىلغان. بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق تەدبىر بولۇپ، رەسمىي تۈزۈم بولۇپ شەكىللەنمىگەن. خەن ۋۇدى زامانىسىغا كەلگەندە دۆلەتنىڭ سىياسىي، ھەربىي كۈچى كۈچىيىپ، يۇقىرى پەللىگە يېتىپ، ھەردەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا بولغان ئېھتىياج ھەسسىلەپ ئېشىپ، ئەمەلدارلارنى تاللايدىغان بىر خىل تۈزۈم بەرپا قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغان. بۇ چاغدا، دۇڭ جۇڭشۇ ئەمەلدارلىق تەمىناتى2000 دادەندىن ئاشىدىغان بەگ، ساتراپ، ۋىلايەت باسقاقلىرىنى ھەر يىلى ئۆزلىرىگە قاراشلىق جايدىن ئىككى كىشىنى پايتەختكە كېلىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە تەۋسىيە قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن. خەن ۋۇدى بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، مىلادىيە134 - يىلى «ھەربىر ۋىلايەت ۋاپادار كىشىدىن بىرنى، پاك كىشىدىن بىرنى تەۋسىيە قىلىش» قا پەرمان چۈشۈرگەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئەمەلدارلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش تۈزۈمى مەيدانغا كەلگەن. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، ئەمەلدارلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش ئوقۇمۇشلۇقلارنىڭ ئەمەلدار بولۇشىدىكى ئاساسىي يول بولۇپ قالدى. ئەمەلدارلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش تۈزۈمىدە، پادىشاھ تەدبىر سوراش ۋە ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئەمەلدارلارنى خېلى كەڭ دائىرىدە تاللىيالايتتى. بىراق، بۇ تۈزۈمدە نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلەر ساقلانغان. ئەمەلدارلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش ھوقۇقى يەرلىكتىكى ئەمەلدارلارنىڭ قولىدا بولغاچقا، ئۇلار ئەمەلدارلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈشنى دوست - يارەنلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش قورالىغا ئايلاندۇرۇۋالغان. ئالايلۇق، شەرقىي خەن سۇلالىسى خەن شۈندىنىڭ6 - يىلى خېنەننىڭ ئايماقدارى تيەن شىن ئالتە نەپەر ۋاپادار - دىيانەتلىك كىشىنى ئۆستۈرۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن، ھوقۇقدار ئاقسۆڭەكلەر ئۇنىڭدىن ساننى تالىشىپ باشقىلارنى ھاۋالە قىلغان، نەتىجىدە، پەقەت بىرلا كىشى ھەقىقىي تەشرىپدارلىق سالاھىيىتى بىلەن تاللانغان. قالغان بەش كىشىنىڭ ھەممىسى ئارقا ئىشىكتىن مېڭىپ تاللانغان. زوراۋان پومېشچىكلار كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ئەمەلدارلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش تۈزۈمىمۇ بىلىم ۋە پەزىلەتكە قىلچە ئېتىبار بەرمەي، ئاقسۆڭەكلىك مەرتىۋىسىگە قارايدىغان تۈزۈمگە ئۆزگىرىپ كەتكەن، دېمەك، بۇ تۈزۈمنىڭ تارىخ تەرىپىدىن شاللىۋېتىلىشى مۇقەررەر ئىدى.
← بارلىق تېمىلار قەدىمقى ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرى
ئەمەلدارلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش تۈزۈمى | UyghurWiki | UyghurWiki