قارا دىۋان ۋە قارا دىۋان ۋەزىرى
قەدىمكى ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرى
قارا دىۋان چىڭ سۇلالىسىدىكى پادىشاھقا ياردەملىشىدىغان ئەڭ ئالىي دۆلەت ئىشلىرى ئورگىنى بولۇپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزى ئىدى. مۇھىم ھەربىي ۋە سىياسىي ئىشلار قارا دىۋاندا قارار قىلىناتتى، خان يارلىقى قارا دىۋاندىن چىقاتتى.
قارا دىۋاننىڭ ئەسلىي نامى ھەربىي لازىمەتلىكلەر مەھكىمىسى، ھەربىي مەخپىيەتلىك مەھكىمىسى ئىدى. يۇڭجېڭنىڭ7 - يىلى (مىلادىيە1729 - يىلى) غەربىي شىمالغا ھەربىي يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن ھەربىي مەخپىيەتلىك مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ، پادىشاھنىڭ يېقىن ۋەزىرلىرىدىن بولغان باش دىۋان باش مۇشاۋىرى، دىۋانبېگى، يانداش بەگ قاتارلىقلارنى تاللاپ ھەربىي مەخپىيەتلىك مەھكىمىسىگە يىغىپ ھەربىي ئىشلار ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ ۋاقىتلىق ھەربىي ئىشلار قوماندانلىق ئورگىنى ئىدى.1732 - يىلى ئىش بېجىرگۈچى ھەربىي مەخپىيەتلىك باشقارمىسى دەپ ئۆزگەرتىلىپ، بارا - بارا تەرەققىي قىلىپ مەركەزنىڭ تەدبىر بەلگىلەيدىغان دائىمىي ئورگىنىغا ئايلاندى.
دەسلەپتە قارا دىۋانغا كىرگەن ۋەزىرلەر «مېڭىشنى ئۆگىنىشكە كىرگەن قارا دىۋان ۋەزىرى»، بىر دەرىجە يۇقىرىلىرى «مېڭىشقا كىرگەن قارا دىۋان ۋەزىرى» دېيىلەتتى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىسقارتىلىپ «قارا دىۋان ۋەزىرى» دېيىلەتتى. قارا دىۋان ۋەزىرىنىڭ قول ئاستىدىكىلەر «ھەربىي ئىشلار زەڭگىسى» (زەڭگى مانجۇچە سۆز، ئەمەلدار دېگەن مەنىدە) دېيىلىپ، «مېڭىشنى ئۆگىنىشكە كىرگەن ھەربىي ئىشلار زەڭگىسى» ۋە «مېڭىشقا كىرگەن ھەربىي ئىشلار زەڭگىسى» دەپ ئىككى دەرىجىگە بۆلۈنگەنىدى. ئاتالمىش «مېڭىش» دېگەن سۆز قارا دىۋان ئەمەلدارلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى سالاھىيىتى بىلەن ئىچكى ئوردىدا قوشۇمچە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرەتتى. بۇ، قارا دىۋاننىڭ باشتىن - ئاخىر دۆلەتنىڭ قانۇنىي نامدىكى ئورگىنى ئەمەسلىكىنى، بىراق بۇ نامنىڭ ئۇنىڭ ئورنى ۋە ھوقۇقىغا قىلچە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرەتتى. قارا دىۋان ۋەزىرىنىڭ سانى مۇقىم بولمايتتى، كۆپ بولغاندا ئالتە - يەتتىگە يېتەتتى. زەڭگىلەر مانجۇ، خەنزۇ ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەربىر گۇرۇپپىدا سەككىز زەڭگى بار ئىدى، كېيىن تۆت گۇرۇپپا32 زەڭگىگە كۆپەيتىلدى. پادىشاھ ھەر كۈنى ئەتىگەندە قارا دىۋان ۋەزىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، سىياسىي ئىشلارنى كېڭىشەتتى. قارا دىۋان پادىشاھنىڭ ئىرادىسى بويىچە مۇھىم ھەربىي، سىياسىي ئىشلار، ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ۋە بارلىق مۇھىم مەلۇماتنامىلەرنى بىر تەرەپ قىلاتتى، پادىشاھ قارا دىۋان ئارقىلىق بارلىق ھەربىي، مەمۇرىي چوڭ ھوقۇقنى كونترول قىلىپ، »پادىشاھ ھەممىنى تەنھا ئىگىلەش« نى ئەمەلگە ئاشۇردى، بۇ، جۇڭگو تارىخىدىكى ھوقۇقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئىدى.