پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرى
قەدىمكى ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرى
پادىشاھ جۇڭگونىڭ فېئوداللىق دەۋرىدىكى ئەڭ ئالىي ھۆكۈمران بولۇپ، «ئالىيلىرى، تەڭرىقۇت، خوجىدار» دەپمۇ ئاتالغان، پادىشاھلار ئۆزىنى «بىردىنبىر»، «تەنھا»، «يېگانە» دەپ ئاتىغان. بىراق قەدىمكى دەۋردىكى رىۋايەتلەردە «ئۈچ خاقان، بەش پادىشاھ» دېگەن ناملار بولۇپ، بۇ كىشىلەر قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ سەردارلىرىنىلا كۆرسىتەتتى. مىلادىيە221 - يىلى چىن بېگى يىڭ جېڭ جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆزىنى «پەزىلەتتە ئۈچ خاقاندىن، تۆھپىدە بەش پادىشاھتىن ئارتۇق» دەپ قاراپ، ئۆزىنى «پادىشاھ» دەپ ئاتىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇڭگو تارىخىدىكى فېئودال پادىشاھلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ نامنى قوللىنىپ كەلدى.
پادىشاھنىڭ ھوقۇقى چەكسىز بولۇپ، ئومۇمەن جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدىكى يەرلەرنىڭ ھەممىسى نامدا ئۇنىڭغا تەۋە ئىدى، جۇڭگودىكى پۇقرالارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قۇللىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈش، مەھرۇم قىلىشتەك مۇتلەق ھوقۇقى بولاتتى، ئۇنىڭ سۆزى «مۇقەددەس يارلىق» دەپ ئاتىلاتتى، پۇقرالار شەرتسىز بويسۇنۇشى كېرەك ئىدى.
پادىشاھنىڭ جەمەتى ۋە تۇغقانلىرىنىڭمۇ شانۇشەۋكەتتىن بەھرىمەن بولۇش ئىمتىيازى بولاتتى. پادىشاھنىڭ ئاتىسى «بۈزرۈكۋار پادىشاھ»، قىسقارتىلىپ شاھىنشاھ دەپ، پادىشاھنىڭ ئانىسى خان سانىيە قىسقارتىلىپ «خان ئانا» دەپ ئاتىلاتتى. مىلادىيە344 - يىلى جىن كاڭدى ئۆلگەندىن كېيىن، ئارانلا ئىككى ياشقا كىرگەن جىن مۇدى تەختكە چىقتى، چۇ خان ئانا تەخت ئالدىغا پەردە تارتىپ كىچىك پادىشاھنى قۇچىقىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئوردىغا چىقىپ، دۆلەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلدى، مانا بۇ، خان ئانىنىڭ «پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش» ىنىڭ كېلىش مەنبەسىدۇر.
خانىش پادىشاھنىڭ رەسمىي خوتۇنى بولۇپ، «ئوردا خوجىدارى»، «ھۇجرا خوجايىنى» دەپمۇ ئاتىلاتتى. پادىشاھنىڭ رەسمىي خوتۇنىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن كىچىك خانىش، توقال خانىشلىرى بولاتتى. كىچىك خانىشنىڭ ئورنى خانىشتىنلا كېيىن تۇراتتى، توقال خانىش − ئوردىدىكى ئايال ئەمەلدار ئىدى. خەلق ئارىسىدا پادىشاھنىڭ «ئۈچ ئوردا، ئالتە ساريى،72 كىچىك خانىشى» بار دېگەن رىۋايەتلەر تارقالغان. بۇ، پادىشاھنىڭ خانىش - توقاللىرىنىڭ كۆپلۈكىگە قارىتا ئېيتىلغان بولۇپ، ئېنىق سان ئەمەس ئىدى. تارىختىكى پادىشاھلار باشچىلىقىدىكى بۇ خىل كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈم ئەينى دەۋردىكى جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ۋەلىئەھد پادىشاھلىق تەختىنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسى بولۇپ، «شاھزادە»، «خانزادە» دەپمۇ ئاتىلاتتى. ۋەلىئەھدنىڭ ئوردىسى چوڭ ئوردىنىڭ شەرقىدە بولغاچقا، يەنە شەرقىي ئوردا (قەسىر) دەپمۇ ئاتىلاتتى. ۋەلىئەھد رەسمىي ئوتۇغات بېرىش ئارقىلىق بەلگىلىنەتتى، ئادەتتە چوڭ ئوغۇل ۋەلىئەھد بولاتتى، چوڭ ئوغۇلنى بەلگىلىمەي كەنجى ئوغۇلنى بەلگىلەيدىغان، ئاكىسى ئۆلۈپ كەتسە ئىنىسىنى ۋەلىئەھدلىككە بەلگىلەيدىغان ئىشلارمۇ بولاتتى. تارىختىكى پادىشاھلار يەنە ئۆزىنىڭ نەۋرىسى، تاغىسى قاتارلىق خان جەمەتى ئەزالىرىغىمۇ ئەۋلادمۇئەۋلاد مەرتىۋە ۋە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدىغان بەگزادە، خان تاغىسى دېگەن مەرتىۋىلەرنى بېرەتتى، ئۇلار يەنە «ۋاسسال بەگ» دەپمۇ ئاتىلاتتى. ۋاسسال بەگلەرنىڭ ھوقۇق تالىشىشى ئېلىمىز تارىخىدىكى بىر چوڭ ئاپەت ئىدى.
خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ پادىشاھنىڭ قىزى مەلىكە، پادىشاھنىڭ ئاچىسى «ئاچا مەلىكە»، پادىشاھنىڭ ھاممىسى «ھامما مەلىكە» دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. كاتتىلارنىڭ قانات ئاستىغا كىرىۋېلىپ، پادىشاھ تەرىپىدىن كۈيئوغۇللۇققا تاللانغانلار كوراگان دەپ ئاتىلاتتى، ئۇلارنىڭ تولۇق ئاتىلىشى «كوراگان تۇتۇق» ئىدى. بۇ نام ئەسلىي خەن ۋۇدى زامانىسىدا تەسىس قىلىنغان ئەمەل نامى ئىدى. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە ۋېي پادىشاھلىقى پادىشاھىنىڭ كۈيئوغلى خې يەن كوراگان تۇتۇقلۇققا تەيىنلەندى، كېيىن بۇ ئەمەل نامى پادىشاھنىڭ كۈيئوغلىنى ئاتايدىغان مەخسۇس نام بولۇپ قالدى.
پادىشاھنىڭ ئانىسىنىڭ ئىنىسى ياكى ئايالىنىڭ ئىنىسى دۆلەت تاغىسى دەپ ئاتىلاتتى. پادىشاھنىڭ شىرەم تۇغقانلىرىنىڭ ھاكىمىيەتكە ئارىلىشىشىمۇ ئېلىمىز تارىخىدا بىر چوڭ ئاپەت بولغانىدى، بەلكى بۇ خىل ئاپەتتە دۆلەت تاغىسى ھەمىشە مۇھىم رول ئوينىغانىدى.
فېئوداللىق جەمئىيەتتە، پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرى فېئودال پاترىئارخاللىق مۇناسىۋەتنى رىشتە قىلغان ھالدا، پادىشاھلىق ھوقۇقى يادرولىقىدىكى ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك بيۇرۇكراتلاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق جۇڭگوغا2000 نەچچە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.