UyghurWiki
UyghurWikiقەدىمقى ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرىناھىيە ۋە ئامبال

ناھىيە ۋە ئامبال

قەدىمكى ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرى ناھىيە مەمۇرىي رايونى قۇرۇش تۈزۈمى ئەمىنىيە دەۋرىدىن باشلانغان. ئەينى دەۋردە، چىن، جىن، چۇ قاتارلىق بەگلىكلەر يېڭىدىن قوشۇۋالغان چېگرا رايونلاردا ناھىيە تەسىس قىلدى، كېيىن يەنە ئىچكى رايونلارغىمۇ كېڭەيتتى. چىن شىخۇاڭ ئالتە بەگلىكنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتتە ۋىلايەت - ناھىيە تۈزۈمىنى يولغا قويدى. ناھىيە بىرىنچى دەرىجىلىك مەمۇرىي بىرلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن2000 نەچچە يىللىق تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرۈپ، تا بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇرۇن، ناھىيىنىڭ باشلىقى ئامبال ياكى ھاكىم دەپ ئاتىلاتتى. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئوردا ئەمەلدارلىرى يەرلىككە بېرىپ ناھىيە باشلىقلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئېلىپ «ناھىيە ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى (رىياسەتچىلىك قىلغۇچى)»، قىسقارتىلىپ ئامبال دەپ ئاتىلىپ، پۈتۈن ناھىيىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇردى، بەزىلىرى يەنە ھەربىي ئىشلارنىمۇ قوشۇمچە باشقۇردى، مەنسەپ دەرىجىسى كۆپ ھاللاردا يەتتىنچى دەرىجە بولاتتى. ئامبالنىڭ ياردەمچىلىرىدىن يانداش ئامبال، دەپتەردار قاتارلىقلار بار ئىدى. يانداش ئامبال ئامبالنىڭ ناھىيىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەملىشەتتى، دەپتەردار پۈتۈن ناھىيىنىڭ ئاشلىق بېجى، نوپۇسى قاتارلىقلارنى باشقۇراتتى.
← بارلىق تېمىلار قەدىمقى ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرى
ناھىيە ۋە ئامبال | UyghurWiki | UyghurWiki