UyghurWiki
UyghurWikiقەدىمقى ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرىئايماق ۋە ئايماقدار

ئايماق ۋە ئايماقدار

قەدىمكى ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرى ئايماق ئەڭ دەسلەپتە غەربىي خەن سۇلالىسىدە تەسىس قىلىنغان. خەن ۋۇدى پۈتۈن مەملىكەتنى13 مۇپەتتىش رايونىغا بۆلگەن بولۇپ، ھەربىر مۇپەتتىش رايونى ئايماق دەپ ئاتالغان، ئايماقنىڭ باشلىقى ئايماق بېگى ئاتىلىپ، ۋىلايەت، ناھىيىلەردىكى ئەمەلدارلارنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولغان. شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، ئايماق بارا - بارا يەرلىك مەمۇرىي رايونغا ئايلاندى. ئايماقنىڭ قارىمىقىدا ۋىلايەت، ناھىيە تەسىس قىلىندى، ئايماق بېگى يەنە ئايماق چوپاندارى دەپمۇ ئاتىلاتتى، يەنى ئۇ ئايماقنىڭ مەمۇرىي باشلىقى ئىدى. سۇي سۇلالىسى ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئايماق، ناھىيىلەرنىلا ساقلاپ قالدى. تاڭ سۇلالىسى سۇي سۇلالىسىنىڭ تۈزۈمىگە ۋارىسلىق قىلىپ، يەرلىكتە ئايماق، ناھىيىدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك تۈزۈمنى يولغا قويدى. تاڭ تەيزۇڭ − لى شىمىن يەرلىكتە ئەمەلدارلارنى باشقۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنىدى، ئۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئايماقلارنىڭ ئايماق بەگلىرىنىڭ ئىسمىنى پەردىگە يېزىۋېلىپ ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە تۇتۇپ، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاشنىڭ ئاساسى قىلاتتى. ئايماق تۈزۈمى تاكى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە يولغا قويۇلغانىدى. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندىلا ئاندىن ئايماقنىڭ مەمۇرىي باشلىقى ئايماقدار دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرلىرىدە ئايماق بىۋاسىتە قاراشلىق ئايماق ۋە يەرلىك ئايماق دەپ ئىككى دەرىجىگە بۆلۈندى. بىۋاسىتە قاراشلىق ئايماق ئۆلكىگە بىۋاسىتە قارايتتى، دەرىجىسى ۋىلايەت بىلەن تەڭ ئىدى، يەرلىك ئايماق ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قارايتتى، دەرىجىسى ناھىيە بىلەن تەڭ ئىدى. ئايماقدارنىڭ قارىمىقىدا ياردەمچى ئايماقدار، يانداش ئايماق بېگى بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا مالىيە، جازا قانۇنى، ئامانلىق ساقلاش قاتارلىقلارغا مەسئۇل ئىدى. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە پۈتۈن مەملىكەتتە76 بىۋاسىتە قاراشلىق ئايماق،48 يەرلىك ئايماق بار ئىدى. جۇڭگونىڭ ھازىرقى نۇرغۇن يەر ناملىرى، ئالايلۇق، شۈيجۇ، لۇجۇ، چېنجۇ، جېڭجۇ، خاڭجۇ، ۋېنجۇ، فۇجۇ، چۈەنجۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تارىختا ئايماق تەسىس قىلىنغاچقا، شۇنداق ئاتىلىپ قالغان.
← بارلىق تېمىلار قەدىمقى ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرى
ئايماق ۋە ئايماقدار | UyghurWiki | UyghurWiki