UyghurWiki
UyghurWikiقەدىمقى ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرىباش دىۋان ۋە باش مۇشاۋىر

باش دىۋان ۋە باش مۇشاۋىر

قەدىمكى ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرى مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى مىڭ تەيزۇ − جۇ يۈەنجاڭ باش ۋەزىرلىك ئەمىلىنى بىكار قىلىپ، چوڭ ھوقۇقنى تەنھا ئىگىلىدى، گەرچە چوڭ ھوقۇقنى قولدىن بېرىپ قويۇش ئەندىشىسىدىن خالىي بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپمۇ يەنىلا مۇرەككەپ مەلۇماتنامە ۋە ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئامالسىز قالدى. خۇڭۋۇنىڭ15 - يىلى (مىلادىيە1382 - يىلى) دىن باشلاپ ئۇ ئوردا ئۆلىمالىرىنى تەسىس قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ مەسلىھەتچىسى قىلدى. بۇ، باش دىۋان تۈزۈمىنىڭ دەسلەپكى شەكلى ئىدى. مىڭ چېڭزۇ − جۇ دى تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئوردا ئۆلىمالىرىنى ۋېنيۈەن كۇتۇپخانىسىدا نۆۋەتچىلىك قىلىپ، مەخپىي كېڭەشلەرگە، ھەربىي، مەمۇرىي چوڭ ئىشلار توغرىسىدا تەدبىر بەلگىلەشكە قاتنىشىشقا پەرمان چۈشۈردى. دىۋان ئوردىنىڭ ئىچىدە بولغاچقا، باش دىۋان دەپ ئاتالدى. باش دىۋاننىڭ باش مۇشاۋىرى ئەينى ۋاقىتتا ئارانلا بەشىنچى دەرىجىلىك ئەمەل بولۇپ، ئورنى يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئوردىنىڭ پىنھان جايلىرىدا پادىشاھ بىلەن ئۇچرىشىپ، باش قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى مەخپىي بىر تەرەپ قىلاتتى. ھوقۇقى ئىنتايىن چوڭ ئىدى. كېيىن ئۇلارنىڭ ئورنى پەيدىنپەي يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، باش دىۋان ئورگانلىرىمۇ پەيدىنپەي زورايدى. باش دىۋاننىڭ باش مۇشاۋىرلىقىغا كۆپ ھاللاردا دىۋانبېگى، يانداش بەگلەر تەيىنلىنەتتى ھەمدە ئۇلارغا خەلپەت بەگ، مۇشاۋىر قاتارلىق مەرتىۋىلەرمۇ قوشۇپ بېرىلەتتى. باش دىۋاندا يارلىقچىخانا ۋە يارلىق تۈزگۈچى مەھكىمە تەسىس قىلىندى، باش دىۋان ۋەزىرى ئەمەلدارلارنىڭ تۈرلۈك مەلۇماتنامىلىرىگە بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى يازاتتى، قارا دىۋان مىرزىسى بارلىق يارلىق ۋە مەخپىي مەكتۇپلارنى پۈتەتتى. باش دىۋان ۋەزىرى ھەرقايسى پىرقىلەر بىلەن دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى توغرىسىدا باش دىۋان كېڭىشى ئۆتكۈزەتتى. باش دىۋان ئىشلىرىغا مەسئۇل باش دىۋان ۋەزىرى ئادەتتە باش نائىب ھېسابلىناتتى، باشقا باش دىۋان ۋەزىرلىرى بولسا باش نائىبنىڭ ياردەمچىلىرى ئىدى، گەرچە باش دىۋان باش مۇشاۋىرىنىڭ باش ۋەزىر دېگەن نامى بولمىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە باش ۋەزىرنىڭ ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا ئېلىۋالغانىدى، باش دىۋانغا كىرسە ۋەزىر ھېسابلىناتتى. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىمۇ باش دىۋان تەسىس قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ھوقۇقى بىرقەدەر كىچىك ئىدى. پادىشاھ يۇڭجېڭ زامانىدا قارا دىۋان تەسىس قىلىنىپ، باش دىۋاننىڭ ئورنىغا قويۇلدى. باش دىۋان تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى يوق، پەقەت يارلىق يەتكۈزىدىغان، پەرمانلارنى ئېلان قىلىدىغان خىزمەت ئورگىنىغا ئايلىنىپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار قەدىمقى ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرى
باش دىۋان ۋە باش مۇشاۋىر | UyghurWiki | UyghurWiki