باش ھەربىي ۋالىي ۋە باش مۇپەتتىش
قەدىمكى ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرى
باش ھەربىي ۋالىي ۋە باش مۇپەتتىش بىرلەشتۈرۈلۈپ »باش ۋالىي« دەپ ئاتىلاتتى، بۇ ئەمەللەرنىڭ ھەممىسى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تەسىس قىلىنىشقا باشلىغان. ئەينى ۋاقىتتا ھۆكۈمەت يەرلىكنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ۋەزىر ئەۋەتەتتى. ئۇلارنىڭ ئىككى خىل مەرتىۋىسى بولۇپ، تولۇق ئاتىلىشى «مەلۇم جايلارنىڭ يەرلىك ھەربىي، ئاشلىق، تەمىنات ۋە مۇپەتتىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن باش ھەربىي ۋالىي»، «مەلۇم جايلارنىڭ ھەربىي ۋە ئاشلىق تەمىنات ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ئەۋەتىلىگەن باش مۇپەتتىش» ئىدى. ئالدىنقىسى باش ھەربىي ۋالىي، كېيىنكىسى باش مۇپەتتىش بولۇپ، ھەر ئىككىسى ۋاقىتلىق خاراكتېرگە ئىگە ئىدى. ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن ئوردىغا قايتاتتى.
چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە باش ۋالىي رەسمىي تۈردە يەرلىكنىڭ ئەڭ ئالىي باشلىقى بولدى. باش ھەربىي ۋالىينىڭ باشقۇرۇشىدا بىر ياكى ئىككى - ئۈچ ئۆلكە بار بولۇپ، ئۆزىگە قاراشلىق جاينىڭ ھەربىي، مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇراتتى. باش مۇپەتتىش ئۆلكە دەرىجىلىك يەرلىك باشلىق بولۇپ، بىر ئۆلكىنىڭ ھەربىي ئىشلىرى، ئەمەلدارلىق ئىشلىرى، زىندان ئىشلىرى قاتارلىق ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا باشقۇراتتى. ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى پۈتۈن مەملىكەتتە سەككىز باش ھەربىي ۋالىي ۋە16 باش مۇپەتتىش بار ئىدى. سەككىز باش ھەربىي ۋالىي: جىلى، جياڭسۇ - جياڭشى، شەنشى - گەنسۇ، ئەنخۇي - جېجياڭ، خۇگۇاڭ، سىچۇەن، گۇاڭدۇڭ - گۇاڭشى، يۈننەن - گۇيجۇ باش ھەربىي ۋالىيلىرى؛16 باش مۇپەتتىش: جياڭسۇ، ئەنخۇي، خېنەن، شەندۇڭ، سەنشى، شەنشى، گەنسۇ، جېجياڭ، خۇنەن، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، يۈننەن، گۇيجۇ، فۇجيەن، جياڭشى باش مۇپەتتىشلىرى ئىدى. شەرقىي شىمالدىكى فېڭتيەن، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ ئۈچ ئۆلكىدە1906 - يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن باش مۇپەتتىش تەسىس قىلىندى. جىلى، سىچۇەن ئىككى ئۆلكىگە باش ھەربىي ۋالىيلار قويۇلۇپ، باش مۇپەتتىش تەسىس قىلىنمىغان. گەنسۇنىڭ باش مۇپەتتىشى1754 - يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بۇ ۋەزىپىنى شەنشى - گەنسۇ باش ھەربىي ۋالىيسى قوشۇمچە ئۆتىگەن. مىلادىيە1884 - يىلى شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، شەنشى - گەنسۇ - شىنجاڭ باش مۇپەتتىشى تەسىس قىلىنىپ، ئۈرۈمچىدە تۇرغۇزۇلدى. مىلادىيە1885 - يىلى تەيۋەن ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، فۇجيەن باش مۇپەتتىشى تەيۋەن باش مۇپەتتىشىگە ئۆزگەرتىلىپ، تەيبېيدا تۇردى، فۇجيەننىڭ باش مۇپەتتىشلىكىنى ئەنخۇي - جېجياڭنىڭ باش ھەربىي ۋالىيسى قوشۇمچە ئۆتىدى. باشقا ئۆلكىلەرنىڭ ھەممىسىدە باش ھەربىي ۋالىي ۋە باش مۇپەتتىش تەڭ تەسىس قىلىندى. باش ھەربىي ۋالىينىڭ ئەمەل دەرىجىسى باش مۇپەتتىشتىن يۇقىرى ئىدى.