UyghurWiki
UyghurWikiقەدىمقى ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرىكىمخاب تونلۇق نۆكەرلەر، شەرقىي پايلاقچىلار مەھكىمىسى ۋە غەربىي پايلاقچىلار مەھكىمىسى

كىمخاب تونلۇق نۆكەرلەر، شەرقىي پايلاقچىلار مەھكىمىسى ۋە غەربىي پايلاقچىلار مەھكىمىسى

قەدىمكى ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرى مىڭ سۇلالىسى دەھشەتلىك ئىشپىيونلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويۇپ، پۇقرالارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنى قاتتىق نازارەت قىلدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا ئامبال چيەن زەي ئوردىدىن يېنىپ ئۆيىگە قايتىپ كېتىۋېتىپ: «كېچىكمەي دەپ كىيىنىپلا تاڭ سەھەردە ماڭىمەن ئوردا تامان، شاھ قوبۇلىدا ئەنسىرەيمەن گۇماندىن ھەر ۋاخ، ھەر زامان. قاچانمۇ ئىشلەرمەن ئېتىزدا كۆڭۈل شادىمان، نە چاغ ئۇخلارمەن غىزا پىشقىچە قېنىپ بەخىرامان» دەپ نەزمە توقۇغان، ئەتىسى قوبۇلغا كىرگەندە، مىڭ تەيزۇ − جۇ يۈەنجاڭ ئۇنىڭغا: «تۈنۈگۈن توقۇغان نەزمىڭىز ئېسىل نەزم ئىكەن، بىراق مەن «گۇمانخور» ئەمەسقۇ؟ نېمە ۋەجىدىن، «تەشۋىش» سۆزىنى ئىشلەتمەيسىز؟!» دېگەن. چيەن زەي بۇنى ئاڭلاپ قارا تەرگە چۆمۈپ، قايتا - قايتا باش ئۇرۇپ گۇناھىنى تىلىگەن. مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى باش مۇشاۋىر سۇڭ ليەن بىر قېتىم ئۆيىگە مېھمان چاقىرغان، جۇ يۈەنجاڭ شۇ ھامان مېھمانغا بارغانلار كىملەر، نېمە يېدى، نېمە ئىچتى، ھەممىنى بەش قولدەك بىلىپ بولغان، ھەتتا مېھمانلارنىڭ ئولتۇرۇش رەت - تەرتىپ سخېمىسىنىمۇ قولغا چۈشۈرگەن. ئەسلىدە، جۇ يۈەنجاڭنىڭ بىر ئىشپىيونلۇق ئورگىنى — كىمخاب تونلۇق نۆكەرلەر مەھكىمىسى بار بولۇپ، ئۇلار ئەمەلدارلارنىڭ سۆز - ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ، ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان. كىمخاب تونلۇق نۆكەرلەر مەھكىمىسى خۇڭۋۇنىڭ15 - يىلى (1382 - يىلى) تەسىس قىلىنغان، ئەسلىدە خان ئوردىسىنى قوغدايدىغان خاس قوشۇن بولۇپ، پادىشاھ ئوردىدىن چىققاندا، ئوردىغا كىرگەندە پادىشاھنى قوغدايتتى. جۇ يۈەنجاڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىپ، كىمخاب تونلۇق نۆكەرلەرنىڭ قوشۇمچە زىندان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، تەكشۈرۈش، قولغا ئېلىش ھوقۇقى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئالاھىدە پەرمان چۈشۈردى. كىمخاب تونلۇق نۆكەرلەر مەھكىمىسىنىڭ قارىمىقىدا تەسىس قىلىنغان شىمالىي قورغان دالالەت مەھكىمىسى مەخسۇس «زىندانغا تاشلاش پەرمانى» چۈشۈرۈشكە مەسئۇل بولۇپ، پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىغا بىۋاسىتە بويسۇناتتى. كىمخاب تونلۇق نۆكەرلەر مەھكىمىسى ئىشپىيونلۇق ۋاسىتىسىنى ئىشقا سېلىپ، پۇقرالارنى خالىغانچە تۇتۇپ سوراق قىلىپ، قاتتىق قىيىن - قىستاققا ئېلىش ئارقىلىق مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇپ نۇرغۇن ناھەق دېلولارنى پەيدا قىلدى. كىمخاب تونلۇق نۆكەرلەر مەھكىمىسىنىڭ ئەڭ چوڭ باشلىقى بۇيۇرغا بولۇپ، ئادەتتە تۆھپىكار ئەمەلدارلار ۋە پادىشاھنىڭ شىرەم تۇغقانلىرىدىن تەيىنلىنەتتى. كىمخاب تونلۇق نۆكەرلەر مەھكىمىسىدىنمۇ قەبىﮫ، ۋەھشىي بولغىنى غەربىي پايلاقچىلار مەھكىمىسى ۋە شەرقىي پايلاقچىلار مەھكىمىسى بولۇپ، بۇ ئورگانلار مىڭ سۇلالىسى پايتەختنى بېيجىڭغا كۆچۈرگەندىن كېيىن تەسىس قىلغان ئىشپىيونلۇق ئورگىنى ئىدى. شەرقىي پايلاقچىلار مەھكىمىسى بىلەن غەربىي پايلاقچىلار مەھكىمىسىگە پادىشاھنىڭ ئىشەنچلىك ھەرەمئاغىلىرى ياساۋۇل بېگىلىكىگە تەيىنلىنەتتى، ئۇلار ئەھۋالنى پادىشاھقا بىۋاسىتە مەلۇم قىلىدىغان بولغاچقا، ئورنى تېخىمۇ يۇقىرى ئىدى. پايلاقچىلار مەھكىمىسىدىكى ئىشپىيونلار پادىشاھنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقىدا يۇقىرىدا بەگ، تۆرە، ئاقسۆڭەك ۋە پادىشاھنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن تارتىپ تۆۋەندە ئاددىي پۇقرالارغىچە ھەممىسىنى پايلاپ، ھەممە ئىشقا قول تىقاتتى. پايلاقچىلار مەھكىمىسىدىكى پايلاقچىلار خەلقنى خالىغانچە بوزەك قىلىپ، ئۆز مەيلىچە پايلاپ كىشىلەرگە گۇناھ ئارتىپ، قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمايتتى، جازا قوراللىرىدىن ئالاھىدە ياسالغان چوڭ تاقاق، قىسما كالتەك قاتارلىقلار، جازا ئۇسۇللىرىدىن بېلىنى سۇندۇرۇش، قوزۇقتا ئولتۇرغۇزۇش، يۈرىكىنى سۇغۇرۇۋېلىش، قىزىل كەشتىلىك ئاياغ كىيدۈرۈش (چوغدەك قىزىتىلغان تۆمۈر بىلەن تاپىنىنى داغلاش) قاتارلىقلار بار بولۇپ، ۋەھشىيلىكتە ئۇچىغا چىققانىدى. ئىشپىيونلۇق ھۆكۈمرانلىقى مىڭ سۇلالىسى سىياسىتىنىڭ جاھالەتكە يۈزلىنىپ، خەلقنىڭ قارشىلىق كەيپىياتىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىشىگە سەۋەب بولدى.
← بارلىق تېمىلار قەدىمقى ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرى
كىمخاب تونلۇق نۆكەرلەر، شەرقىي پايلاقچىلار مەھكىمىسى ۋە غەربىي پايلاقچىلار مەھكىمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki