ۋىلايەت ۋە ۋالىي
قەدىمكى ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرى
ۋىلايەت بىر دەرىجىلىك يەرلىك مەمۇرىي بىرلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر ئۆزگىرىش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى. ۋېي سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، جىن سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا ئايماقنىڭ ئايماق بېگى دائىم ھەربىي خىزمەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، قوشۇمچە سانغۇنلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنىدى. ئايماقنىڭ ئايماق يامۇلى ۋە ياردەمچى ئەمەلدارلىرى بولاتتى، سانغۇننىڭمۇ ئۆز ئالدىغا يامۇلى ۋە ياردەمچى ئەمەلدارلىرى بولاتتى، سانغۇننىڭ يامۇلى مەھكىمە دەپ ئاتىلاتتى.
تاڭ سۇلالىسى پايتەخت، قوشۇمچە پايتەخت ۋە پادىشاھ تەختكە چىقىشتىن ئىلگىرى ۋەزىپە ئۆتىگەن ئايماقلاردا مەھكىمە تەسىس قىلغان، يەنى كىنجاب مەھكىمىسى، خېنەن مەھكىمىسى، تەييۈەن مەھكىمىسى دېگەنگە ئوخشاش، مەھكىمىنىڭ باشلىقى ۋالىي دەپ ئاتالغانىدى. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋىلايەتلەر كۆپلەپ تەسىس قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۆلكە (مەركەز بىلەن ئايماق ئوتتۇرىسىدىكى بىر دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون) گە بىۋاسىتە قارايتتى. مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە ۋىلايەت ئۆلكە بىلەن ناھىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىر دەرىجىلىك مەمۇرىي بىرلىك بولۇپ مۇقىملاشتى. پايتەخت، قوشۇمچە پايتەخت تۇرۇشلۇق جايلاردىكى ۋىلايەت باشلىقلىرى يەنىلا ئايماقدار دەپ ئاتالغاندىن سىرت، باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى ۋالىي دەپ ئاتىلاتتى، بۇ، ۋىلايەتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى (رىياسەتچىلىك قىلغۇچى) دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. ۋالىينىڭ قول ئاستىدا ياردەمچى ۋالىي، يانداش ۋالىي قاتارلىق ياردەمچى ئەمەلدارلار تەيىنلىنىپ، ئاشلىق، تۇز، دېڭىز مۇداپىئەسى، سۇ ئىنشائاتى قاتارلىق ئىشلارنى باشقۇراتتى.
مىڭ سۇلالىسىدە ۋىلايەتلەر تاپشۇرغان باج ئاشلىقىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە ئاساسەن ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنگەن:200 مىڭ دادەندىن يۇقىرى ئاشلىق تاپشۇرغانلار چوڭ ۋىلايەت،200 مىڭ دادەندىن ئاز،100 مىڭ دادەندىن كۆپ ئاشلىق تاپشۇرغانلار ئارا ۋىلايەت،100 مىڭ دادەندىن تۆۋەن ئاشلىق تاپشۇرغانلار كىچىك ۋىلايەت ھېسابلىناتتى، پۈتۈن مەملىكەتتە150 نەچچە ۋىلايەت بار ئىدى. چىڭ سۇلالىسىدە تەبىئىي شارائىتنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، نوپۇسنىڭ ئاز - كۆپلۈكى، ئارىلىقنىڭ يىراق - يېقىنلىقىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن، ۋىلايەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقمۇ ئىنتايىن زور ئىدى.