ئۈچ ۋازارەت، ئالتە پىرقە
قەدىمكى ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرى
تاڭ تەيزۇڭ − لى شىمىن تەختكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي: «دۆلەتتە قارا دىۋان، ئىشىكئاغا ۋازارىتى تەسىس قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزئارا تەكشۈرگۈزۈش كېرەك. ئەگەر قارا دىۋان پۈتكەن يارلىقلارنىڭ نامۇۋاپىق جايلىرى بولسا، ئىشىكئاغا ۋازارىتى ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ خاتالىق سادىر بولۇشتىن ساقلىنىش لازىم» دېگەن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قارا دىۋان، ئىشىكئاغا ۋازارىتى ۋە دىۋان ۋازارىتى قوشۇلۇپ «ئۈچ ۋازارەت» دەپ ئاتالغان ئۇ تاڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزىي ئورگىنى ئىدى.
قارا دىۋاننىڭ باشلىقى ھۆدەيچى، ئىشىكئاغا ۋازارىتىنىڭ باشلىقى شىغاۋۇل، دىۋان ۋازارىتىنىڭ باشلىقى باش دىۋانبېگى دەپ ئاتىلاتتى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ تۈزۈمىدە: «قارا دىۋان پەرمان چۈشۈرۈشكە، ئىشىكئاغا ۋازارىتى تەھقىقلەشكە، دىۋان ۋازارىتى پەرماننى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل ئىدى». بۇ، قارا دىۋان ئەمىر - پەرمانلارنى تۈزۈپ، ئىشىكئاغا ۋازارىتىنىڭ تەھقىقلەپ تۈزىتىش كىرگۈزۈشىگە بېرىدۇ، ئاندىن دىۋان ۋازارىتىنىڭ جاكارلاپ ئىجرا قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ، دېگەنلىك ئىدى. ئۈچ ۋازارەتنىڭ ھەرقايسى مەھكىمىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى بەلگىلەنگەن، ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولۇپ، ئۆزئارا نازارەت قىلىپ پادىشاھنىڭ ئالدىدا بىردەك جاۋابكار بولاتتى.
دىۋان ۋازارىتىنىڭ ئاستىدا يەنە مەنسەپ - تۇتۇق پىرقىسى، نوپۇس پىرقىسى، شىغاۋۇل پىرقىسى، لەشكىرىي پىرقە، زىندان پىرقىسى، تەمىرات پىرقىسىدىن ئىبارەت ئالتە پىرقە تەسىس قىلىنغان. بۇلار دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى بولۇپ، تۈرلۈك مەمۇرىي خىزمەتلەرنى كونكرېت ئىجرا قىلاتتى. ئالتە پىرقىنىڭ باشلىقلىرى دىۋانبېگى دەپ، ئورۇنباسار باشلىقلىرى يانداش بەگ دەپ ئاتىلاتتى. مەنسەپ - تۇتۇق پىرقىسى ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش - ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش، نەتىجىسىنى تەھقىقلەش، ئۆستۈرۈش - تۆۋەنلىتىش، يۆتكەش قاتارلىق ئىشلارنى باشقۇراتتى؛ نوپۇس پىرقىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەر، نوپۇس، باج، خەزىنە، مالىيە قاتارلىق ئىشلارنى باشقۇراتتى؛ شىغاۋۇل پىرقىسى قائىدە - يوسۇن مۇراسىملىرى، نەزىر - چىراغ، مائارىپ، خارجى ئىشلارنى باشقۇراتتى ھەمدە ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىغا رىياسەتچىلىك قىلاتتى؛ لەشكىرىي پىرقە لەشكەرلەرنىڭ سالاھىيىتى، قوشۇننى مەشىقلەندۈرۈش، لەشكىرىي ئەمەلدارلارنى تاللاش قاتارلىق لەشكىرىي ئىشلارنى باشقۇراتتى؛ زىندان پىرقىسى قانۇن، زىندان قاتارلىق ئىشلارنى باشقۇراتتى، تەمىرات پىرقىسى قۇرۇلۇش، بىناكارلىق، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، سۇ ئىنشائاتى قاتارلىق ئىشلارنى باشقۇراتتى.
ئۈچ ۋازارەت، ئالتە پىرقە تۈزۈمى سۈي سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى، بۇ تۈزۈم ئۈچ ئەمىر، توققۇز ۋەزىر تۈزۈمىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، جۇڭگونىڭ سىياسىي تۈزۈم تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، جۇڭگو فېئوداللىق جەمئىيىتىنىڭ سۈي سۇلالىسىدىن كېيىنكى ھەرقايسى سۇلالىلىرىنىڭ مەركىزىي سىياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ ئاساسىي ئەندىزىسى بولۇپ قالدى.