چار پادىشاھ
قەدىمكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاتىلىشى
چار پادىشاھ روسىيە پادىشاھىنىڭ نامى، «چار» لاتىنچە «كائېسار» نىڭ ئاھاڭ ئۆزگىرىشىدىن كەلگەن. مىلادىيە1547 - يىلى1 - ئايدا، روسىيە ئىۋان Ⅳ (1533 −1584 - يىللار) پادىشاھلىق تاجىنى كىيىپ چار پادىشاھ دەپ ئاتالغان.15
- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىلا روسىيىدە، موسكۋا كىنەزى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ۋارىسى − دۇنيادىكى ۋىزانتىيە دىنىي جەمئىيىتىنىڭ بىردىنبىر ھامىيسى، دېگەن قاراش تارقالغان. «2 - رىم» كونستانتىنوپول تۈركلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى ۋە پادىشاھنىڭ ھوقۇقى «3 - رىم» موسكۋا كىنەزىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن. بۇ موسكۋا كىنەزىنىڭ ئۆزىنى چار پادىشاھ دەپ ئاتاش ئۈچۈن قىلغان جامائەت پىكرى تەييارلىقى ئىدى. ئىۋان Ⅳ دەۋرىدە روسىيىدە ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن دۆلەت ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن بولۇپ، كىنەزلىكنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان كىنەز دېگەن ئاتاش بىرلىككە كەلگەن روسىيە پادىشاھىنىڭ ھۆكۈمرانىنى ئاتاشقا ئانچە ماس كەلمەيدىغان بولۇپ قالغانىدى. شۇ سەۋەبتىن ئىۋان Ⅳ ئەجدادلىرى قوللىنىشقا پېتىنالمىغان «چار پادىشاھ» دېگەن نامنى قوللاندى.
ئىۋان Ⅳ نىڭ ئۆزىنى چار پادىشاھ دەپ ئاتاشتىكى مەقسىتى ھەم ئۆزىنىڭ چەكسىز پادىشاھلىق ھوقۇقىنى كۆز - كۆز قىلىش، ھەم موسكۋا كىنەزلىكىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدىكى يۈكسەك ئورنىنى تەكىتلەش ئۈچۈن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، موسكۋا كىنەزلىكى چارروسىيە دەپ ئاتالغان.1721 - يىلى پېتېر Ⅰ چار پادىشاھ دېگەن نامنى پادىشاھ دەپ ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، يەنىلا چار پادىشاھ دەپ ئاتاۋەرگەن.1917 - يىلى2 - ئايدا روسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى پارتلىدى، شۇنىڭدىن كېيىنلا چار پادىشاھ تۈزۈمى تەلتۆكۈس ئاغدۇرۇپ تاشلاندى.