UyghurWiki
UyghurWikiقەدىمقى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاتىلىشىپىرئەۋىن

پىرئەۋىن

قەدىمكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاتىلىشى «پىرئەۋىن» گرېكچە سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىدى، بۇ سۆز ئەڭ دەسلەپتە مىسىرنىڭ قەدىمكى پادىشاھلىق دەۋرى (تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1281 - يىلى) دە پەيدا بولغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى مەنىسى «چوڭ ئۆي» ئىدى، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا «خان ئوردىسى» نى كۆرسىتىپ، پادىشاھقا قارىتىلمىغان. يېڭى پادىشاھلىق دەۋرىدىكى تۇتموس Ⅲ دەۋرىگە كەلگەندە، پىرئەۋىن رەسمىي يوسۇندا پادىشاھنىڭ ھۆرمەت نامىغا ئايلاندى. تۇتموس Ⅲ قەدىمكى مىسىرنىڭ18 - پادىشاھلىقنىڭ پىرئەۋىنى. ئاتىسى تۇتموس Ⅱ ئالەمدىن ئۆتكەندە ئۇ تېخى گۆدەك بولغاچقا، ئايال پادىشاھ خاتىشېپۇست بىلەن بىرلىكتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. ئۇزاق ئۆتمەي خاتىشېپۇست ھوقۇقنى ئۆزى يالغۇز ئىگىلىۋالدى. تۇتموس Ⅲ كارناك ئىبادەتخانىسىغا قوغلىۋېتىلىپ، راھىبلار بىلەن ياشىدى. ئايال پادىشاھ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى ئۇ تۇنجى قېتىم پادىشاھلىق تەختىگە چىقىپ22 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ھاكىمىيەتنى قايتىدىن قولغا ئالدى. تۇتموس Ⅲ تەختتىكى ۋاقتىدا كۆپ قېتىم يىراققا يۈرۈش قىلىپ، مىسىرنى كېڭەيتىپ مىسلىسىز چوڭ ئىمپېرىيىگە ئايلاندۇردى. كېيىنكى دەۋردىكى تارىخشۇناسلار تۇتموس Ⅲ نى «تارىختىكى تۇنجى ئۇلۇغ بويسۇندۇرغۇچى» ۋە «قەدىمكى مىسىردىكى ناپولېئون» دەپ ئاتىغان. تۇتموس Ⅲ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، مىسىرنىڭ تېررىتورىيىسىنى كېڭەيتىپ، ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىپ، قەدىمكى مىسىرنىڭ قۇللۇق تۈزۈمدىكى ھەربىي ئىمپېرىيىسىگە ئاساس سالدى. شۇڭلاشقا، ھۆرمەت بىلەن پىرئەۋىن دەپ ئاتالغان. كېيىنكى كۈنلەردە قەدىمكى مىسىرنىڭ پادىشاھلىرىمۇ مۇشۇ نامنى داۋاملىق قوللاندى.
← بارلىق تېمىلار قەدىمقى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاتىلىشى
پىرئەۋىن | UyghurWiki | UyghurWiki