خەلىپە
قەدىمكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاتىلىشى
«خەلىپە» ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى سىياسىي ھوقۇق ۋە دىنىي ھوقۇقنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرگەن ئەڭ ئالىي ھۆكۈمران ھېسابلىنىدۇ.
مىلادىيە632 - يىلى ئىسلام دىنىنىڭ ئىجادچىسى مۇھەممەد پەيغەمبەر كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئوغلى بولمىغانلىقتىن ئورنىغا كىمنىڭ ۋارىسلىق قىلىشىنى ئېنىق كۆرسەتمىگەچكە، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ يېقىن دوستى ۋە قېيناتىسى ئەبۇ بەكرى ۋارىس قىلىپ تەيىنلەندى. ئەبۇ بەكرى ئىلگىرى پەيغەمبەرگە ۋاكالىتەن تەرغىباتچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولغاچقا، ئۆزىنى خەلىپە دەپ ئاتىدى، بۇ سۆز ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ ۋارىسى دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى.634 - يىلى ئەبۇ بەكرى ئالەمدىن ئۆتتى، ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا ئۇنىڭ يېقىن بۇرادەرلىرىگە: مېنىڭ جەمەتىم ئىچىدە ئورنۇمغا ۋارىسلىق قىلغۇدەك ئادەم يوق، بىراق مەن ئۆمەرنى ئەڭ ياخشى ۋارىسىم بولالايدۇ دەپ قارايمەن، سىلەر ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار، دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر ئەبۇ بەكرىنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىغا ئوڭۇشلۇق ھالدا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆزىنى «ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ خەلىپىسىنىڭ خەلىپىسى» دەپ ئاتىدى. بۇ ئىسىم بەك ئۇزۇن بولغاچقا، ئۆمەر ئۇنى «خەلىپە، ئەمىر. مۆئمىن» گە ئۆزگەرتتى. بۇ ئىسىم ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ ۋارىسى، مۇرىتلارنىڭ ھەربىي قوماندانى دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. بۇنىڭ بىلەن، خەلىپە ئىسلام دۆلىتى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئاتىلىشى بولۇپ قالدى. ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ۋە كېيىن ۋەزىپە ئۆتىگەن خەلىپىلەردىن ئوسمان، ئەلىلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «تۆت خەلىفە» دەپ ئاتالغان.
مىلادىيە661 - يىلى مۇئاۋىيە خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئۇمەييە سۇلالىسى (661 −750 - يىللار) نى قۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن خەلىپىلىككە ئەۋلادتىن - ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىنىدىغان، سايلانمايدىغان بولدى، خەلىپە ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھىغا ئايلاندى. كېيىن ئەرەب ئىمپېرىيىسى بۆلۈنۈپ كەتكەچكە، بەزى جايلاردىكى سۇلالىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرىمۇ خەلىپە دېگەن نامنى قوللانغان.10 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ ئابباسىيلار سۇلالىسى (750 −1258 - يىللار) نىڭ خەلىپىسى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قېلىپ، دىنىي داھىيلىق ئورنىنىلا ساقلاپ قالغان. ئابباسىيلار سۇلالىسى يوقالغاندىن كېيىن مىسىر سۇلتانى ئابباسىيلار جەمەتىنىڭ ئەۋلادىنى خەلىپە قىلىپ تىكلىگەن، لېكىن ئەمەلىيەتتە قورچاققا ئايلىنىپ قالغان.1517 - يىلى ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى مىسىرنى بويسۇندۇرۇپ، خەلىپىنى تۇتۇپ كەتكەن. كېيىن تۈركىيە سۇلتانى خەلىپىلىكنى قوشۇمچە ئۆتەپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئالىي داھىيسىغا ئايلانغان.1924 - يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەلىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىغان.