UyghurWiki
UyghurWikiقەدىمقى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاتىلىشىسۇلتان

سۇلتان

قەدىمكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاتىلىشى «سۇلتان» ئەرەب تىلىدىن كەلگەن بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە «كۈچ» ۋە «نوپۇز» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرەتتى. ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، «سۇلتان» دۆلەت ھۆكۈمرانلىرىنىڭ نامى سۈپىتىدە قوللىنىلغان. بۇ نامنى ئەڭ دەسلەپتە قوللانغىنى ئافغانىستاندىكى غەزنەۋىيلەر سۇلالىسى (977 −1186 ) پادىشاھى ھەمىر قوللانغان. كېيىن ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى بۇ ئەمەلنى داۋاملىق ئىمپېرىيە دائىرىسىدىكى يەرلىك خانلىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بەرگەن، شۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان مۇسۇلمان دۆلىتى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ نامى قىلىنغان.13 - ئەسىردىن كېيىن ئوسمان ئىمپېرىيىسى كىچىك ئاسىيادا باش كۆتۈردى، كىشىلەر بۇ دۆلەتنى گەرچە «ئىمپېرىيە» دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تارىختىكى پادىشاھلىرى «پادىشاھ» دەپ ئاتالماي، «سۇلتان» دەپ ئاتالغان. يېقىنقى دەۋرلەرگە كەلگەندە، سۇلتان دېگەن سۆزنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيدى، ئادەتتىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ پادىشاھلىرىمۇ بۇ نامنى قوللىنىدىغان بولدى.
← بارلىق تېمىلار قەدىمقى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاتىلىشى
سۇلتان | UyghurWiki | UyghurWiki