تېننو
قەدىمكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاتىلىشى
تېننو ياپونىيە پادىشاھلىرىنىڭ نامى بولۇپ، قەدىمكى زاماندا تەڭرى خان (ساماۋى خان) دەپمۇ ئاتىلاتتى. تېننو دەپ ئاتىلىشتىن بۇرۇن ياپونىيە ياماتو دۆلىتىنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانى «ئۇلۇغ خان» دەپ ئاتالغان. مىلادىيە607 - يىلى ياپونىيە ئەلچىسى جۇڭگونىڭ سۇي سۇلالىسى پادىشاھىغا سۇنغان مەكتۇپىدا، تۇنجى قېتىم «شەرق تېننوسى بەيشى خانغا ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن.
مىلادىيە646 - يىلى ياپونىيە جۇڭگودىكى تاڭ سۇلالىسىنىڭ فېئوداللىق تۈزۈمىگە تەقلىد قىلىپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغان، بۇ ئىسلاھات تارىختا «تايكا ئىسلاھاتى» دەپ ئاتالغان.701 - يىلى تېننو فۇمىتاكى «داباۋ پەرمانى» نى جاكارلاپ، بۇرۇنقى «ئۇلۇغ خان» دېگەن نامنى بىردەك تېننوغا ئۆزگەرتكەن.712 - يىلى ۋە720 - يىلى تۈزۈلگەن «قەدىمكى سالنامە» ۋە «ياپون يازما خاتىرىلىرى» گە «تېننو ئەپسانىسى» كىرگۈزۈلگەن. ئەپسانىدە: «ئەرشتىكى ساماۋى ماكاندا ئەر - ئايال ئىككى ئىلاھ بار بولۇپ، ئۇلار ياپونىيە تۇپرىقىنى ياراتقان، ئۇلار يەنە نۇرغۇن ئىلاھلارنى ئاپىرىدە قىلغان، ئەڭ ئاخىردا ئۈچ ئىلاھ تۇغۇلغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئايال ئىلاھ قۇياشقا سىمۋول قىلىنغان ئالەمنى يورۇتقۇچى ئىلاھ» ئىدى. ئالەمنى يورۇتقۇچى ئىلاھ دەل ياپونىيە خان جەمەتىنىڭ ئەجدادى بولۇپ، ئۇ نەۋرىسى (تەڭرى نەۋرىسى) نى ياپونىيىگە چۈشۈرگەن، «تەڭرى نەۋرىسى» نىڭ ئەۋرىسى ياپونىيىنىڭ بىرىنچى تېننوسى − تېننو كامىتاكې ئىكەن. تېننو كامىتاكې ياماتو دۆلىتىنى قۇرغان ھەمدە مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى660 - يىلى تەختكە ئولتۇرغان. شۇڭلاشقا ياپونىيە «ئىلاھىي دۆلەت، تېننو بولسا ئىلاھنىڭ ئەۋلادىدۇر» دېيىلگەن.7
- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە تېننونىڭ ھوقۇقى فېئودال كۈچلەرنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ ئاجىزلاپ كەتكەن، ئەمەلىيەتتە ھاكىمىيەت باكوفو سياگۇنلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. تېننو نامدىكى ئالىي ھۆكۈمرانغىلا ئايلىنىپ قالغان.19 - ئەسىردىكى «مىيجى يىلىدىكى يېڭىلىققا كۆچۈش» تىن كېيىن، تېننو يەنە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانىغا ئايلاندى. ئاساسىي قانۇندا تېننونىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنىڭ مۇقەددەس ۋە دەخلىسىزلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېننو ياپونىيە مىلىتارىستلىرىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكىگە ئايلاندى. مىلىتارىستلار تېننونىڭ ئابرۇيىدىن پايدىلىنىپ سىرتقا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياپونىيە مىلىتارىزمىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا ئەگىشىپ تېننوغا بولغان چوقۇنۇشمۇ بەربات بولدى.1946 - يىلى تېننو يۈرىن «كىشىلىك خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، تېننونىڭ ئىلاھ بولماستىن، ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى تەڭرى خان توغرىسىدىكى ئەپسانە ئىنكار قىلىندى. لېكىن ياپونىيىنىڭ يېڭى قانۇنىدا يەنە تېننو «ياپونىيە دۆلىتىنىڭ، پۈتكۈل ياپونىيە خەلقىنىڭ سىمۋولى» دەپ بەلگىلەندى، شۇنىڭ بىلەن تېننوغا يەنە يېڭى قانۇنىي ئورۇن بېرىلدى.