UyghurWiki
UyghurWikiقەدىمقى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاتىلىشىپرىنسېپات

پرىنسېپات

قەدىمكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاتىلىشى «پرىنسېپات» دېگەن سۆز لاتىن تىلىدىن كەلگەن بولۇپ، ئالىي باشلىق ۋە دۆلەتنىڭ بىرىنچى پۇقراسى دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. لېكىن ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە، بۇ سۆز ھەر خىل مەنىلەرگە ئىگە قىلىندى. رىم جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە، پرىنسېپات باشلىقلارنىڭ تىزىملىكى ئىچىدىكى بىرىنچىسى، يەنى ئالىي باشلىقنى كۆرسەتتى. پرىنسېپات ئەڭ ئالىي شان - شەرەپتىن بەھرىمەن بولسىمۇ، بىراق مەمۇرىي باشلىقلىققا تەيىنلەنمەيتتى. كونسۇل پىكىر ئالغاندا پرىنسېپاتنىڭ بىرىنچى بولۇپ پىكىر قىلىش ھوقۇقى بار ئىدى. پرىنسېپاتنى ئادەتتە نازارەتچى ئەمەلدارلار مال - مۈلكى، نام - ئابرۇيى قاتارلىقلارغا ئاساسەن سېنات ئەزالىرى ئىچىدىن تاللاپ چىقاتتى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى28 - يىلى ئوكتاۋىئان دۆلەتنىڭ كونسۇللۇقىغا سايلاندى. ئۇ كونسۇللۇق سالاھىيىتى بىلەن سېناتلارنى «تازىلىدى». تازىلانغاندىن كېيىنكى سېناتتا زور بىر تۈركۈم ئوكتاۋىئاننى ھىمايە قىلغۇچى يېڭى ئاقسۆڭەكلەر كۆپەيدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سېنات ئوكتاۋىئاننىڭ ھۆكۈمرانلىق قورالىغا ئايلىنىپ قالدى. ئوكتاۋىئان كۆرۈنۈشتە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ بارلىق مۇھىم ھوقۇقلىرىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغانىدى. ئۇ ئۆمۈرلۈك كونسول، ئۆمۈرلۈك خەلق پاسىبانى، ئۆمۈرلۈك تەپتىش ۋە ئۆمۈرلۈك سودىيە ئىدى. ئارقىدىنلا سېنات ئۇنىڭغا «ئاۋگۇست» («مۇقەددەس» ۋە «سەلتەنەتلىك» دېگەن مەنىدە) ھەمدە «پرىنسېپات» دېگەن ناملارنى بەردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پرىنسېپات بىلەن كونسۇل ئىككىسى بىرلىشىپ كەتتى، ئوكتاۋىئان جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى شەكىل جەھەتتىن ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ مەمۇرىي، ھەربىي، دىنىي ۋە ئەدلىيە قاتارلىق چوڭ ھوقۇقلارنى ئۆزى يالغۇز ئىگىلىۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە مۇستەبىت پادىشاھقا ئايلاندى. رىم جۇمھۇرىيىتى نامدا بار، ئەمەلدە يوق بولۇپ قالدى. شۇ سەۋەبتىن كېيىنكى تارىخشۇناسلار بۇ خىل ئوكتاۋىئانچە شەخسىي مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى «ئاۋگۇستنىڭ پرىنسېپات سىياسىتى»، ئاددىيلاشتۇرۇپ «پرىنسېپات تۈزۈمى» دەپ ئاتىغان. پرىنسېپات تۈزۈمى تۇرغۇزۇلغان يىلى − مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى27 - يىلى رىم ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار قەدىمقى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاتىلىشى
پرىنسېپات | UyghurWiki | UyghurWiki