تۆمۈريول سىگنال بەلگىلىرى
قاتناش بىخەتەرلىكلىرى
تۆمۈريولدا بەلگىلەنگەن ئاۋاز، رەڭ، ھالەت، چىراغ سىگناللىرى ئارقىلىق، پويىزلارنىڭ يۈرۈشى ۋە ۋاگون ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك خادىملار سىگنال بۇيرۇقى بويىچە ئىش كۆرۈشى كېرەك. بولمسىا، قاتناش تەرتىپى بۇزۇلۇپ، قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يېتىدۇ.
تۆمۈريول سىگنالى كۆرۈش سىگنالى ۋە ئاڭلاش سىگنالى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. كۆرۈش سىگنالى سىگنال ئاپپاراتى، سىگنال بايرىقى، سىگنال چىرىغى، سىگنال تاختىسى، سىگنال ئىپادىلىگۈچ، سىگنال بەلگىسى، مەشئەل سىگنالى قاتارلىقلارنى؛ ئاڭلاش سىگنالى بۇرغا، پۇشتەك، ئاۋازلىق قوزۇق، پاراۋوز ۋە رېلىس ۋاگونىنىڭ سىگنالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كۆرۈش سىگناللىرى تاشيول بەلگىلىرىگە ئوخشاش، قىزىل رەڭ توختاشنى، سېرىق رەڭ دىققەت قىلىش ياكى ئاستىلاشنى، يېشىل رەڭ بەلگىلەنگەن تېزلىك بىلەن مېڭىشنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، ۋوگزال يۈرۈش سىگنالى بەرگەندە، قوڭغۇراق چېلىش ۋە رادىئودا ئۇقتۇرۇش بىلەنلا قالماي، يەنە پويىز خادىمى يېشىل بايراق پۇلاڭلىتىدۇ، كېچىدە سىگنال چىرىغىنى پۇلاڭلىتىپ، شوپۇرغا پويىزنى ھەيدىسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
سىگنال ئىپادىلىگۈچ يۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەرنىڭ ئورنى، ھالىتى ۋە باشقا سىگنال ئەسلىھەلىرىنى بىلدۈرىدۇ، مەسىلەن، ئاچال ئىپادىلىگۈچ، كىرىش يولىنى ئىپادىلىگۈچ قاتارلىقلار.
سىگنال بەلگىسى پويىزنىڭ يۈرۈش يۆنىلىشىنىڭ سول تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يول ئورنىنىڭ ئەھۋالى ۋە ھالىتىنى ئىپادىلەيدۇ، يولۇچىلار ئۇنىڭغا قاراپ پويىزنىڭ توختاش ئورنى، بېكەت دائىرىسى، گۈدۈك چېلىش كېرەكلىكى قاتارلىقلارنى بىلىۋالىدۇ.
ھازىر تۆمۈريول سىگناللىرى كومپيۇتېر بىلەن باشقۇرۇلىدۇ. ۋوگزال ۋە ھەرقايسى كېسىشىش ئېغىزلىرىدا تۆمۈريول ئاستىغا مۇئەييەن ئارىلىق قالدۇرۇپ، ئېلېكترونلۇق سېنزور كۆمۈلۈپ، پويىزلارنىڭ بۇ يەردىن ئۆتكەن چاغدىكى تېزلىكى، يۆنىلىشى ۋە باشقا سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆلچەش ۋە يوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۇچۇرلار مىكرو كومپيۇتېرغا يوللىنىدۇ ھەم ساقلىنىدۇ ۋە ھېسابلىنىدۇ. ئاندىن ۋوگزالنىڭ بەلگىلەش بۆلۈمىدىكى كومپيۇتېر مەركىزىگە يوللىنىپ، نەتىجىسى ئومۇمىي قاتناش سخېمىسىدا ئاپتوماتىك كۆرسىتىلىدۇ؛ شۇنىڭدىن كېيىن ھەربىر پويىزنىڭ ئورنى، تېزلىكى ۋە باشقا سانلىق مەلۇماتلار ئۆز ۋاقتىدا ۋوگزال ۋە ھەرقايسى لىنىيىلەرنىڭ ئاپتوماتىك كونترول قۇرۇلمىسىدا سىگنال بەلگىسى شەكلىدە ئايان قىلىنىپ، پويىز ۋە خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.