UyghurWiki
UyghurWikiقاتناش بىخەتەرلىكلىرىقاتناشقا كومپيۇتېر بىلەن قوماندانلىق قىلىش

قاتناشقا كومپيۇتېر بىلەن قوماندانلىق قىلىش

قاتناش بىخەتەرلىكلىرى قاتناشقا كومپيۇتېر بىلەن قوماندانلىق قىلىش ئۈچۈن، قاتناش يول ئېغىزلىرىغا قاتناش سىگنال ئاپپاراتلىرىنى ئورنىتىش كېرەك. ھەربىر سىگنال ئاپپاراتىدىكى مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ مەركىزىي كومپيۇتېرغا ئۇلانغان بولۇپ، سىگنال كونترول قىلىش، ماشىنىلارنى كۆزىتىش، سانلىق مەلۇماتلارنى يوللاش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. قاتناش سىگنال ئاپپاراتىنىڭ «كۆزى» ۋە «قۇلىقى» بار. ئۇنىڭ كۆزى ئاۋاز دولقۇنلۇق تەكشۈرگۈچ بولۇپ،100 مېتىردىن يىراق يەرنى كۆرەلەيدىغان ئېگىزلىككە ئورنىتىلىدۇ، ئۇ ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تارقىتىپ، قايتقان ئاۋازدىن ماشىنا بار - يوقلۇقى ھەم ماشىنىلارنىڭ سۈرئىتى ۋە سانىنى بىلەلەيدۇ. ئۇنىڭ قۇلىقى ھالقىسىمان كاتۇشكا شەكىللىك تەكشۈرگۈچ بولۇپ، كېسىشىش يول ئېغىزىنىڭ ئالدى بۆلىكىدىكى يەر ئاستىغا كۆمۈلىدۇ. ئۇ ھەممە تەرەپتىن كەلگەن ئاۋازلارنى «ئاڭلىيالايدۇ»، ماشىنا كەلگەنلىكىنى «ئاڭلىسا»، بۇ چوڭ ماگنىتلىق جىسىم كاتۇشكا توك زەنجىرىنىڭ تەۋرىنىش قېتىمىنى ئۆزگەرتىپ، سىگنال چىقىرىپ ئىندۇكتورغا يەتكۈزىدۇ، سىگنال ئاپپاراتى قوبۇل قىلغان قاتناش مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى مەركىزىي كومپيۇتېرغا يوللايدۇ، مەركىزىي كومپيۇتېر تەھلىل قىلىپ، قانچە ماشىنا قانداق تېزلىكتە يول ئېغىزلىرىغا كېلىۋاتقانلىقىنى ھېسابلاپ چىقىپ، قاتناش سىگنالى ئاپپاراتلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ، سىگنال ئاپپاراتلىرىنىڭ مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچىسى يول ئېغىزى ئۇچۇرلىرى ھەققىدىكى ئۇنىۋېرسال تەھلىلگە ئاساسەن، يول ئېغىزلىرىدىكى قىزىل، يېشىل چىراغلارنى بىۋاسىتە كونترول قىلىپ، قاتناشقا قوماندانلىق قىلىدۇ. بىر مەركىزىي كومپيۇتېر جايلار(قاراۋۇلخانىلار)نىڭ تەكشۈرۈش مەلۇماتلىرى ۋە قىزىل، سېرىق، يېشىل چىراغلارنىڭ پەيتلىك يېنىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى جەملەپ تەھلىل قىلىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە رەتلەپ، تۆت كوچىلاردىكى قاتناش سىگنالى چىراغلىرىنىڭ رەڭگىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، پۈتۈن شەھەردىكى ماشىنىلارنى ماشىنا زىچ يەردىن شالاڭ يەرگە باشلايدۇ - دە، ماشىنىلارنىڭ يۈرۈش تېزلىكىنى ئاشۇرىدۇ. مەركىزىي كومپيۇتېر يەنە خەرىتە كۆرسىتىش تاختىلىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى يول ئېغىزلىرىدىكى سىگنال ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى ۋە غول يوللاردىكى يېشىل چىراغلارنى ئوبرازلىق كۆرسەتكىلى ھەم تۈۋرۈكسىمان يېشىل، سېرىق، قىزىل چىراغلار ئارقىلىق يوللارنىڭ راۋان ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ قاتنىشىنى تاختىغا بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدىغان قىلغىلى بولىدۇ. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ۋېلىسىپىت كۆپ كوچىلىرىغا مەخسۇس ۋېلىسىپىت تەكشۈرگۈچ ئورنىتىلغان بولۇپ، ۋېلىسىپىت ۋە ماتورلۇق ماشىنىلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى مەركىزىي كومپيۇتېرغا بىللە ئەۋەتىلىدۇ، مەركىزىي كومپيۇتېر قاتناشنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئامال بار قاتار بولۇپ كەتكەن ۋېلىسىپىتلەرنى يېشىل چىراغقا ئۈلگۈرتۈپ، ۋېلىسىپىتلەرنىڭ ئاۋۋال مېڭىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار قاتناش بىخەتەرلىكلىرى
قاتناشقا كومپيۇتېر بىلەن قوماندانلىق قىلىش | UyghurWiki | UyghurWiki