UyghurWiki
UyghurWikiقاتناش بىخەتەرلىكلىرىقاتناشنىڭ قائىدە - قانۇن تاختىسى − قاتناش بەلگىسى

قاتناشنىڭ قائىدە - قانۇن تاختىسى − قاتناش بەلگىسى

قاتناش بىخەتەرلىكلىرى تۆت كوچا، پىيادىلەر يولى، ئۆتۈشمە كۆۋرۈك، كوچىنىڭ بېشى ۋە ئاخىرى، شۇنىڭدەك تاشيول ياقىلىرىدا خىلمۇخىل بەلگە تاختىلىرىنى كۆرۈشكە بولىدۇ، قىزىل، سېرىق، كۆكى بار، تۈۋرۈك، ئۈچبۈرجەك، چاسا شەكىللىكلىرى بار، بۇلار ئېلىمىز يېڭىدىن يولغا قويغان قاتناش بەلگىلىرى بولۇپ، جەمئىي79 خىل، بەزى دۆلەتلەرنىڭ100 ~200 خىلغا يېتىدۇ. ئۇلار ماشىنا، پىيادىلەرگە يول كۆرسىتىش ۋە قاتناش بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. قاتناش بەلگىلىرى خىلمۇخىل بولسىمۇ، ھەممىسى بىخەتەرلىك ئۇچۇرىنىڭ خەلقئارا ئۆلچىمى بويىچە لايىھىلىنىدۇ. ئۇلار قانۇن تۈسىنى ئالغان بولۇپ، قاتناش قائىدە -بەلگىلىمىلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى تولدۇرىدۇ. ئۇلار ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: بىرىنچى تۈرى چەكلەش بۇيرۇقى. بۇلارنىڭ رەڭگى قىزىل، چەمبەر شەكلىدە بولىدۇ. چەمبەر شەكلىنىڭ «چەكلەش» ياكى «زورلاش» مەنىسى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، يورۇقلۇق يېتەرلىك بولمىغاندا، چەمبەر شەكلى ئۈچ بۇرجەك ياكى چاسا شەكىللەرگە قارىغاندا چوڭراق كۆرۈنۈپ، دىققەتنى ئوڭايراق تارتىدۇ. مەسىلەن، چەمبەر ئىچىگە ماشىنا، ئادەم، ئات بېشى قاتارلىقلارنى سىزىپ، ئاندىن قىيپاش سىزىق سىزىپ قويسا، ماشىنا، ئادەم ۋە ھايۋاناتنىڭ مېڭىشى چەكلىنىدىغانلىقىنى؛ «توختاش» دېگەن سۆزنى يېزىپ قويسا، بۇ يەردە توختاش چەكلىنىدىغانلىقىنى؛ ئىسترېلكا سىزىپ قويسا، مەلۇم بىر يۆنىلىشكە بۇرۇلۇش چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئىككىنچى تۈرى كۆرسىتىش. بۇ بەلگىلەر كىشىلەرنىڭ مۇشۇ بويىچە قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ، قىزىل رەڭدىن پەرقى چوڭ بولغان كۆك رەڭ بىلەن ئىپادىلەنسە، بىرقەدەر ئوچۇق كۆرۈنىدۇ. مەسىلەن، پىيادىلەر چوڭ يولنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان يەرگە كۆك رەڭلىك چەمبەر شەكلىدىكى تاختاي تىكلەپ، ئۇنىڭغا چوڭ ئادەمنىڭ بالىنى يېتىلەپ كېتىۋاتقان ئاق رەڭلىك رەسىمىنى سىزىپ قويسا، چوڭلار چوڭ يولدىن كىچىك بالىلىرىنى يېتىلەپ ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى؛ ئىسترېلكا سىزىپ قويسا، ئۇدۇل مېڭىش ياكى مەلۇم بىر تەرەپكە بۇرۇلۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۈچىنچى تۈرى ئاگاھلاندۇرۇش. «خەتەرلىك» نى بىلدۈرىدىغان سېرىق رەڭ بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. خۇددى پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە «سېرىق تاختا» چىقىرىپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگىنىدەك، ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئۈچ بۇرجەك شەكىلدە بولىدۇ، سېرىق تاختىنىڭ گىرۋىكى قارا بويىلىپ، ئىچىگە قارا رەڭدە رەسىم سىزىلىپ، ھەر خىل خەتەرلىك ئەھۋاللار بىلدۈرۈلىدۇ، مەسىلەن، تېز ئايلانسىڭىز خەتەرلىك، ئېڭىش يولدا تېز ماڭسىڭىز خەتەرلىك، مەكتەپ ئەتراپىدا بالىلار كۆپ، خەتەرلىك دېگەندەك. بەزى شەھەرلەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە، شوپۇرلارنىڭ چوڭ يولدىن ئۆتۈۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا بولغان دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سېرىق شەپكە كىيىشى بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن «سېرىق شەپكە» مۇ ئالاھىدە قاتناش بىخەتەرلىك بەلگىسى بولۇپ قالغان.
← بارلىق تېمىلار قاتناش بىخەتەرلىكلىرى
قاتناشنىڭ قائىدە - قانۇن تاختىسى − قاتناش بەلگىسى | UyghurWiki | UyghurWiki