شەھەر قاتنىشىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش
قاتناش بىخەتەرلىكلىرى
شەھەر قاتنىشىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش شەھەر يوللىرى تار، ماشىنا كۆپ بولسىمۇ، قاتناشنى تەرتىپلىك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
شەھەر قاتنىشىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاۋۋال يولنى ياخشى باشقۇرۇپ، ماشىنا بىلەن ئادەم يولىنى ئايرىش كېرەك. پىيادىلەر يولىنىڭ ياقىسىغا بالداق ئورنىتىپ، پىيادىلەرنى چوڭ يولدىن ئۆتمەكچى بولغاندا كېسىپ ئۆتۈش يولىدىن ئۆتىدىغان قىلىش. يەنە پىيادىلەر سىگنال تاختىلىرىنى ئورنىتىش كېرەك. ئادەم ۋە ماشىنىلار قىستا - قىستاڭ يول ئېغىزلىرىغا يەر ئاستى يولى ۋە تىكلىمە كۆۋرۈك قۇرۇش، ئاۋات سودا رايونلىرىدا مەخسۇس «پىيادىلەر كوچىسى» تەسىس قىلىپ، ماشىنا مېڭىشنى چەكلەش كېرەك. ماتورلۇق - ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يولىنى ئايرىش رايونى ۋە بالداق بىلەن ئايرىۋېتىش؛ ۋېلىسىپىت كۆپ شەھەرلەردە مەخسۇس ۋېلىسىپىت يولى تەسىس قىلىش كېرەك. تۆت كوچا ئېغىزلىرىدا يول بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىش، يەنى تارماق يول ماشىنىلىرى غول يول ماشىنىلىرىغا يول بېرىشى؛ يېشىل چىراغ يانغاندا، ماشىنىلار ئوڭغا ئايلانماي ۋېلىسىپىتكە يول بېرىشى كېرەك ۋە باشقىلار.
يەنە بىر تەرەپتىن، يول ۋە يول ئېغىزلىرىنى قايتا لايىھىلەش كېرەك. ماشىنا يولى مۇۋاپىق تارايتىلسا، ماشىنىلارنىڭ يول تالىشىش خەتىرىنى ئازايتقىلى ۋە يولدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ. قاتناش تىقىلمىسى ئوڭاي يۈز بېرىدىغان يول ئېغىزلىرىدا ماشىنىلارنىڭ ئوڭغا ياكى سولغا ئايلىنىشىنى چەكلەپ، زۆرۈر يول ئايرىش ۋە يول باشلاش ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەككە يۆنىلىشلىك لىنىيىلەرنى كۆپلەپ تەسىس قىلىپ، كېسىشكەن يول ئېغىزلىرىدىكى ماشىنا ئۆتۈشۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. يەنە بوش ئورۇنلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ ماشىنا توختاش ئورنى قۇرۇپ، ماشىنىلار قالايمىقان توختاپ قاتناشقا تەسىر يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، مۇشۇ تەدبىرلەر قوللىنىلسا، ماشىنا ئۆتۈشۈش ئىقتىدارىنى % 20 تىن كۆپرەك يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن.
ئەڭ مۇھىمى قاتناش كونترولىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. قاتناش بەلگىلىرى ۋە يول يۈزى قاتناش كۆرسەتمىلىرى ئىلمىي ۋە ئاددىي بولۇپ، شەھەرگە يېڭى كەلگەن شوپۇرلارمۇ قاراپلا بىلەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. بۇ بەلگىلەر يورۇقلۇق قايتۇرۇش ماتېرىياللىرىدىن ياسىلىشى، كېچىسىمۇ ئوچۇق كۆرۈنۈشى كېرەك، قاتناش سىگناللىرىنى ئاپتوماتىك كونترول قىلىش، قىزىل، يېشىل چىراغلارنى كومپيۇتېر بىلەن كونترول قىلىش كېرەك، مۇھىم يول ئېغىزلىرىغا ئېلېكترونلۇق كۆرسىتىش تاختىلىرى ۋە ئېلانلىرىنى ئورنىتىپ، شوپۇرلارغا ئالدىدىكى قاتناش ئەھۋاللىرىنى ئۇقتۇرۇش ۋە مۇۋاپىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.