UyghurWiki
UyghurWikiقاتناش بىخەتەرلىكلىرىسۈنئىي ھەمراھ بىلەن يول باشلاش

سۈنئىي ھەمراھ بىلەن يول باشلاش

قاتناش بىخەتەرلىكلىرى ۋېلىسىپىت مىنىپ ياكى ئاپتوموبىل ھەيدەپ يولدىن ئېزىپ قالغاندا، قاتناش ساقچىسىدىن سورىساق بولىدۇ. دېڭىزدىكى كېمىلەر، كۆكتىكى ئايروپىلانلار ئۆز ئورنىنى سۈنئىي ھەمراھنىڭ ياردىمىدە بەلگىلەيدۇ، بۇ، زامانىۋى قاتناشتا سۈنئىي ھەمراھ بىلەن يول باشلاشتۇر. سۈنئىي ھەمراھ بىلەن يول باشلاش تېخنىكىسى بىر تاسادىپىي پۇرسەتتە بايقالغان.1957 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ئالىملىرى گىيېر بىلەن ۋىففېنبوچ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىرىنچى سۈنئىي ھەمراھىنى ئىز قوغلاپ يۈرگىنىدە، سۈنئىي ھەمراھ ئۇلارنىڭ رادىئو قوبۇللىغۇچى تەرەپكە ئۇچسا، قوبۇل قىلىنغان ئېلېكتر دولقۇن سىگنالىنىڭ چاستوتىسى (ھەر سېكۇنتتا تەۋرىنىش سانى) بارا - بارا ئۆرلەيدىغانلىقى؛ سۈنئىي ھەمراھ يىراقلاشقاندا، سىگنال چاستوتىسى تەدرىجىي تۆۋەنلەيدىغانلىقى؛ سۈنئىي ھەمراھ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئۆتكەندە، ھەرقايسى ئېلېكتر دولقۇن سىگنالى چاستوتىلىرىنىڭ ئۆزگىرىش مىقدارىنى ئۆلچەش ئارقىلىق، سۈنئىي ھەمراھنىڭ پۈتكۈل ئوربىتىسىنى بەلگىلىگىلى بولىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن باشقا بىر ئالىم: ئەگەر سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئېنىق ئوربىتىسىنى ئالدىن بىلگىلى بولسا، ئۇ ھالدا قوبۇللىغۇچنىڭ ئورنىنى بەلگىلىگىلى بولىدۇ، دەيدىغان قارىمۇقارشى ئۇسۇلنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن تېزلا قوبۇل قىلىنىپ، بىپايان ئوكياندىكى يادرولۇق سۇ ئاستى كېمىسىگە يول باشلاشتا پايدىلىنىلدى. نېمە ئۈچۈن قوبۇللىغۇچ ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا قوبۇل قىلغان سۈنئىي ھەمراھ سىگنالىنىڭ چاستوتىسى ئوخشىمايدۇ؟ ئەسلىدە، سۈنئىي ھەمراھ يەر شارىنى ناھايىتى تېز ئايلىنىدۇ، ئۇ تارقاتقان رادىئو دولقۇنىمۇ سۈنئىي ھەمراھنىڭ ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ: سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئالدى تەرىپىدە دولقۇنلارنىڭ قاتلىنىشى زىچراق بولىدۇ؛ سۈنئىي ھەمراھنىڭ كەينى تەرىپىدە دولقۇنلار شالاڭراق بولىدۇ. نەتىجىدە، سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى كېمە قوبۇل قىلغان چاستوتا سۈنئىي ھەمراھ تارقاتقان چاستوتىدىن يۇقىرىراق بولىدۇ؛ سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى كېمە قوبۇل قىلغان چاستوتا ئۆزگەرمەيدۇ؛ سۈنئىي ھەمراھنىڭ كەينى تەرىپىدىكى كېمە قوبۇل قىلغان چاستوتا سۈنئىي ھەمراھ تارقاتقان چاستوتىدىن تۆۋەنرەك بولىدۇ. سۈنئىي ھەمراھ بىلەن يول باشلاش ئۈسكۈنىسى رادىئو قوبۇللىغۇچ، ئاپتوماتىك ئىز قوغلاش قۇرۇلمىسى، كومپيۇتېر قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ، كېمىگە بىر سۈنئىي ھەمراھ بىلەن يول باشلاش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلسىلا، ئۇ چاستوتا ۋە ۋاقىتنى ئاپتوماتىك ھالدا توغرا ئۆلچەپ چىقالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىگە مەلۇم بولغان سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئوربىتىسىغا ئاساسەن، كېمىنىڭ ئورنىنى ئاپتوماتىك ھېسابلاپ چىقىدۇ. سۈنئىي ھەمراھ بىلەن يول باشلاشتا يول باشلايدىغان مەخسۇس سۈنئىي ھەمراھ بولىدۇ. يېڭى تىپتىكى يول باشلاش سۈنئىي ھەمراھى ئارىلىقنى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئۆلچەيدۇ، سۈنئىي ھەمراھتا ئېنىقلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى ئاتوم سائەت بولىدۇ، ئۇ ھەر30 مىڭ يىلدا توغرا ۋاقىتتىن ئاران1 سېكۇنت پەرق قىلىدۇ. پەقەت يول باشلاش سىگنالىنىڭ سۈنئىي ھەمراھتىن تارقىلىپ قوبۇللىغۇچتا قوبۇل قىلىنغىچە كەتكەن ۋاقىتنى بېكىتىپ، ئېلېكتر دولقۇنىنىڭ تارقىلىش تېزلىكىنى ئۇنىڭغا كۆپەيتسەكلا، سۈنئىي ھەمراھ بىلەن كېمىنىڭ ئارىلىقى كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئۈچ سۈنئىي ھەمراھ تارقاتقان سىگناللار بىرلا ۋاقىتتا قوبۇل قىلىنسا، كېمىنىڭ بۇ ئۈچ سۈنئىي ھەمراھ بىلەن بولغان ئارىلىقىنى تېزلا ئۆلچەپ چىقىپ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كېمە ئۆز ئورنىنى ئېنىق بەلگىلىيەلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار قاتناش بىخەتەرلىكلىرى
سۈنئىي ھەمراھ بىلەن يول باشلاش | UyghurWiki | UyghurWiki