UyghurWiki
UyghurWikiقاتناش بىخەتەرلىكلىرىئايغا چىققان ۋېلىسىپىت قۇيرۇق چىرىغى

ئايغا چىققان ۋېلىسىپىت قۇيرۇق چىرىغى

قاتناش بىخەتەرلىكلىرى ۋېلىسىپىتنىڭ قۇيرۇق چىرىغى ئىنسانلارنىڭ ئاي بىلەن «يۈز كۆرۈشۈش سوۋغىسى» قىلىنغان. «ئاپوللوⅪ » ناملىق ئۇچار كېمە1969 - يىل7 - ئايدا ئايغا قونغاندا، ئۈستىگە ئېغىرلىقى30 كىلوگرام كېلىدىغان رېفلېكتور ئورنىتىلغان. مۇشۇ رېفلېكتور بولسا، ئۇنىڭغا لازېر نۇرى چۈشۈرۈلسىلا، يەر بىلەن ئاينىڭ ئارىلىقىنى ئىنتايىن ئېنىق ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ. ئەسلىدە، بۇ رېفلېكتور ۋېلىسىپىت قۇيرۇق چىرىغىنىڭ پرىنسىپىغا ئاساسەن ياسالغان. ئۇ ئېرىتىلگەن100 پارچە كۋارتس پرىزما (ئۈچ يۈزىدىكى ئەينەك ئۆزئارا تىك) نىڭ بىر - بىرىگە يېپىشتۇرۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن. تەكشى ئەينەكنىڭ نۇر قايتۇرۇش تەجرىبىسىدىن مەلۇمكى، يورۇقلۇق دەستىسىنىڭ ئەسلىي يول بىلەن قايتىشى ئۈچۈن، ئەينەكلەرنىڭ يۈزى ئۆزئارا تىك بولۇشى كېرەك؛ ئەگەر ئۈچ پارچە كىچىك ئەينەك بىر - بىرىگە تىك قويۇلسا، ھەرقانداق نۇر «ئارقىغا بۇرۇلۇپ»، ئەسلىدىكى چۈشكەن يولى بويىچە قايتىپ كېتىدۇ. لازېر نۇرىنىڭ تۈز، دەللىكى يۇقىرى بولغانلىقتىن، يورۇقلۇق تېزلىكىنى قايتقان يورۇقلۇقنىڭ ئەسلىي نۇقتىغا قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىتقا كۆپەيتكەندىكى كۆپەيتمە دەل يەر بىلەن ئاينىڭ ئارىلىقىغا تەڭ بولىدۇ. بۇ ئەپچىل رېفلېكتورنى20 - ئەسىرنىڭ30 - يىللىرىدا ئەڭ بۇرۇن ئەنگلىيە قوللانغان. ئەينى يىللىرى ۋېلىسىپىت ئەنگلىيىدە مودا بولغان، ھۆكۈمەت: ئاپتوموبىل شوپۇرى قاراڭغۇدا ئالدىدىكى ۋېلىسىپىتنى كۆرەلىشى ئۈچۈن، ۋېلىسىپىتلەرنىڭ كەينىگە رېفلېكتور ئورنىتىش كېرەك، دەپ پەرمان چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن خىلمۇخىل رېفلېكتورلار بارلىققا كەلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە تىڭ بۇلۇڭلۇق رېفلېكتور، يەنى ھازىرقى ۋېلىسىپىتلەرنىڭ قۇيرۇق چىرىغى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. ئۇ بىر پارچە كۆركەم قىزىل ئەينەك قاپ بولۇپ، تېشى تەكشى بولىدۇ، ئىچىدە بۆرتۈپ چىققان نۇرغۇن تىك بۇلۇڭلۇق كونۇس بولۇپ، ھەربىرى كىچىك تىڭ بۇلۇڭلۇق رېفلېكتور شەكىللەندۈرىدۇ، ئاپتوموبىل چىرىغى ئۇنىڭغا چۈشكەندە، يورۇقلۇق قايسى يۆنىلىشتىن چۈشمىسۇن، ھەممىسىنى ئەسلىي يۆنىلىش بويىچە قايتۇرىدۇ. شۇڭا، شوپۇرلار ھامان ئۇنى ئوچۇق كۆرەلەيدۇ، ھەتتا ئاپتاپتىمۇ چاقناپ، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ۋېلىسىپىتنىڭ قۇيرۇق چىرىغى كېچىدە ۋېلىسىپىت مىنگەندە كەم بولسا بولمايدىغان «بىخەتەرلىك قۇرۇلما» ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار قاتناش بىخەتەرلىكلىرى