ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش
قاتناش بىخەتەرلىكلىرى
شەھەر قاتنىشىنى ساقچىلار باشقۇرغاندەك، ئايروپىلانلارنىڭ ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈش، ئۇچۇش ۋە چۈشۈش جەريانلىرىمۇ باشقۇرۇلۇشى ۋە كونترول قىلىنىپ، بىخەتەر ئۇچۇش ۋە ھاۋا ترانسپورتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك، مانا بۇ ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇشتۇر.
ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىنى باشقۇرۇش قائىدىسى ئىككى خىل بولىدۇ: بىر خىلى، كۆز بىلەن كۆرۈپ ئۇچۇش قائىدىسى. بۇنىڭدا ھاۋا كىلىماتى ياخشى چاغلاردا ئۇچقۇچى ئۇچۇش دائىرىسىنى كۆزى بىلەن كۆزىتىپ، ئۇچۇش خەرىتىسى بويىچە ئۇچىدۇ. يەنە بىر خىلى، پرىبورلارغا تايىنىپ ئۇچۇش قائىدىسى. بۇنىڭدا ئايروپىلانغا مەخسۇس پرىبورلارنى (كۆرسەتكۈچ سايمانلارنى) ئورنىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇچقۇچى پرىبورلارغا تايىنىپ ئۇچۇش مەشقى قىلىش ئارقىلىق، ھاۋا كىلىماتى ناچار ئەھۋاللاردا ياكى كېچىلىرىمۇ بىخەتەر ئۇچالايدىغان بولىدۇ. مەيلى قايسى خىل ئەھۋال بولمىسۇن، ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئۆلچىمى ئوخشاش بولىدۇ.
ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇشتا، ئوخشاش لىنىيىدىكى ئايروپىلانلارنى ئايرىۋېتىپ، ئايروپىلانلارنىڭ ئالدى - كەينى، ئوڭ - سولى ۋە ئاستى - ئۈستىدە مۇئەييەن ئارىلىق قالدۇرۇش كېرەك. ئالدى - كەينىدە ئارىلىق قالدۇرۇشتا ئوخشاش ئۇچۇش لىنىيىسى ۋە ئۇچۇش ئېگىزلىكىدىكى ئىككى ئايروپىلاننىڭ ئەڭ كىچىك ئۇچۇش ۋاقتى ئارىلىقى10 مىنۇت بولۇشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنىدۇ؛ رېئاكتىپ ئايروپىلانلارنىڭ10 مىنۇتتىكى ئۇچۇش ئارىلىقى تەخمىنەن130 كىلومېتىر بولىدۇ. نۆۋەتچى ئايروپىلانلاردىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، رادار بىلەن تەڭشەلسە، بۇ ئارىلىقنى8 كىلومېتىر كېمەيتىشكە بولىدۇ. ئوڭ - سولدا ئارىلىق قالدۇرۇشتا، خۇددى بىر تاشيولدا بىرنەچچە ماشىنا يولى بولغىنىدەك، ئايروپىلانلارنىڭ بىرنەچچە پاراللېل ئۇچۇش لىنىيىسىدە ئۇچۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئاستى - ئۈستىدە ئارىلىق قالدۇرۇشتا، بىر ئۇچۇش لىنىيىسىدىكى ئايروپىلانلار ھەر خىل ئېگىزلىكتە ئۇچۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇشتىمۇ شەھەر قاتنىشىنى رايونلارغا ئايرىغاندەك، نۇرغۇن لىنىيە - قاتناش كونترول مەركەزلىرى قۇرۇلۇپ، ھەر خىل جۇغراپىيىلىك ئورۇنلارغا جايلاشتۇرۇلىدۇ. ھەربىر لىنىيە - قاتناش كونترول مەركىزى يەنە نۇرغۇن كونترول ئۇچاستىكىلىرىغا بۆلۈنىدۇ، ھەرقايسى تاشيوللارنىڭ تۆت كوچا ئېغىزلىرىغا قاتناش ساقچىسى قويغاندەك، ھەربىر ئۇچاستىكىنىڭ كونترول خادىمى ئۆز ھاۋا تەۋەلىكىدىكى قاتناشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەم شۇ ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلانلارنى مۇۋاپىق ئايرىيدۇ. ئايرودرومدىكى كونترول ئاپپاراتى تېرمىنال قاتناش كونترول پونكىتى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئاساسەن ئايرودرومنىڭ ئەتراپ ھاۋا تەۋەلىكىدىكى ۋە ئايرودرومدىكى ئايروپىلانلارنىڭ توختاش، قونۇش ۋە ئۇچۇشىغا قوماندانلىق قىلىشتىن ئىبارەت.
زامانىۋى چوڭ ئايرودروملاردا بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بىر ئايروپىلان ئۇچۇپ - قونىدۇ، مۇنداق ئالدىراش ئەھۋالدا باشقۇرغۇچى خادىملار ھەقىقەتەن يېتىشەلمەي قالىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، زامانىۋى ھاۋا قاتناش باشقۇرۇشىدا كومپيۇتېر، رادار ۋە ئېكرانلار ئاپتوماتىك سىستېما بولۇپ تەشكىللىنىپ، كۈندىلىك كونترول خىزمەتلىرىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، باشقۇرغۇچى خادىملار زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.