كېمىلەرنىڭ قۇتقۇزۇش سىگنالى «SOS»
قاتناش بىخەتەرلىكلىرى
كېمىلەر دېڭىزدا بىر - بىرىگە ئۇرۇلۇپ كېتىش، خادا تاشقا سوقۇلۇش، ئوت كېتىش قاتارلىق دېڭىز ھادىسىلىرىگە يولۇققاندا، كېمىنىڭ رادىئو ئىستانسىسى ئارقىلىق ئەتراپقا «SOS» قۇتقۇزۇش سىگنالى تارقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ نامى، توغرا ئورنى ۋە مەلۇم يەرگە نىسبەتەن يۆنىلىشى قاتارلىقلارنىمۇ تارقىتىپ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
خەتەرگە يولۇققان كېمىلەرنىڭ «SOS» سىگنالىدىن پايدىلىنىپ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىشىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى بار.
رادىئو كەشىپ قىلىنىشتىن بۇرۇن دېڭىزدىكى كىشىلەر ئوت، ئاۋاز ۋە بايراق بىلەن قۇتقۇزۇش سىگنالى تارقىتاتتى.1899 - يىلى كوتكا پورتىدا خىزمەت قىلىدىغان رادىئو كەشپىياتچىسى پوپوۋ پېتېربۇرگدىن بېرىلگەن تېلېگراممىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ، ئۇنىڭدا مۇز يارار كېمە بىلەن لوۋسا ئەتراپىغا بېرىپ، مۇز پارچىسى ئۈستىدە قامىلىپ قالغان50 بېلىقچىنى قۇتقۇزۇش بۇيرۇلغان. پوپوۋ بۇ بۇيرۇقنى رادىئو تېلېگرامما ئارقىلىق مۇز يارار كېمە تۇرۇشلۇق گوگلاند ئارىلىغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ مۇز يارار كېمە بىلەن بېرىپ قۇتقۇزۇشىنى ئېيتىدۇ. بۇ ئىش بەزى دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، جىددىي ئەھۋالدا قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر سىگنال بەلگىلەش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.1904
- يىلىنىڭ بېشىدا ئىتالىيىنىڭ «ماكورنى» شىركىتى ئۆز تەۋەلىكىدىكى كېمىلەرنىڭ رادىئو ئىستانسىلىرىغا خەتەرگە يولۇققاندا ياكى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىشقا توغرا كەلگەندە «DQC» سىگنالنى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ؛ بۇ سىگنال ھەرقايسى رادىئو ئىستانسىلىرىنىڭ شىركەتنى چاقىرىش بەلگىسى «QC» بىلەن «D» دىن تەركىب تاپقان، «D» ئىنگلىزچە «regnaD» (ئاپەت) دېگەن سۆزنىڭ باش ھەرپى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىر كېمە مۇشۇنداق رادىئو سايمىنى ئورناتقانلىقى ئۈچۈن خەتەردىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانىكەن. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كېمىلەر بۇ شىركەتنىڭ رادىئو ئەسلىھەلىرىنى بەس - بەستە ئورناتقانىكەن. نەتىجىدە، «DQC» دۇنيادا ھەممە ئېتىراپ قىلغان قۇتقۇزۇش سىگنالى بولۇپ قالغان.
كېيىن، گېرمانىيە كېمىلىرى «EOS» نى قۇتقۇزۇش سىگنالى قىلىشنى تەكلىپ قىلغان. بىراق، بۇ سىگنالنىڭ ئاخىرىدىكى «E» موس كودىدا بىرلا چېكىت بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، بۇلارنىڭ ئارىلىشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن چوڭ بولغانلىقتىن، ئاخىرىدا «E» نى «S» كە ئۆزگەرتىش قارار قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن «SOS» كېلىپ چىققان.2 - قېتىملىق خەلقئارا رادىئو سىگنالى يىغىنىدا بىرەيلەن «SOS» نى بىرلىككە كەلگەن قۇتقۇزۇش سىگنالى قىلىشنى تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، بىرلىككە كېلىنمىگەن.1912
- يىل4 - ئايدا ئەنگلىيىنىڭ64 مىڭ توننىلىق ھەشەمەتلىك يولۇچىلار كېمىسى «تىتانىك» ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۆتۈپ نيۇيوركقا بېرىش تۇنجى سەپىرىدە نيۇفاند لېند ئارىلى ئەتراپىغا بارغاندا مۇز تاغقا سوقۇلغان، ئاۋۋال «DQC» سىگنالى بىلەن، كېيىن «SOS» سىگنالى بىلەن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەتراپىدىكى كېمىلەرنىڭ رادىئو - تېلېگرافچىلىرى نۆۋەتتە تۇرمىغانلىقى سەۋەبىدىن باشقىلار بۇ سىگناللارنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىگەن، شۇنىڭ بىلەن، دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان كېمە دېڭىز ئاستىغا غەرق بولۇپ،1500 كىشى جېنىدىن ئايرىلىش پاجىئەسى كېلىپ چىققان. بۇ ئىش دېڭىزدا سەپەر قىلغۇچىلارنىڭ غايەت زور دىققىتىنى قوزغىغان. شۇ يىلى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا رادىئو سىگنالى يىغىنىدا «S0S» خەلقئارا كېمە قۇتقۇزۇش سىگنالى قىلىپ رەسمىي بېكىتىلگەن.
ئاپەتكە يولۇققان كېمە ئەتراپىدا يۈرۈۋاتقانلىكى كېمىلەر ۋە رادىئو ئىستانسىلىرى «S0S» قۇتقۇزۇش سىگنالىنى ئاڭلىغان چاغدا، سىگنالغا كاشىلا قىلىدىغان بارلىق رادىئو تېلېگرامما قوبۇل قىلىش - تارقىتىش خىزمەتلىرىنى توختىتىپ، بارلىق ئىمكانىيىتى بىلەن بېرىپ قۇتقۇزۇشى كېرەك. مۇنداق قۇتقۇزۇش سىگناللىرىنى ۋاقتىدا توغرا قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، ھازىر كېمىلەرنىڭ ھەممىسىدە قۇتقۇزۇش سىگنالىنى قوبۇل قىلىدىغان رادىئو قوبۇللىغۇچ ئورنىتىلغان.
پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن، «SOS» قۇتقۇزۇش سىگنالى ئۆزىنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئادا قىلىپ بولۇپ، تېخىمۇ ئىلغار تېخنىكىغا ئورۇن بوشاتتى. خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى تەشكىلاتى1989 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا بۇ يېڭى تېخنىكا1993 - يىلىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدىغانلىقى،1999 - يىلىغىچە بارلىق كېمىلەر خەتەرگە يولۇققاندا «SOS» قۇتقۇزۇش سىگنالى تارقىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، سۈنئىي ھەمراھنىڭ «دۇنيا دېڭىز ئاپىتى بىخەتەرلىك سىستېمىسى» غا كىرىپ بولۇشى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى. دېڭىزدا خەتەرگە يولۇققاندا، كېمىدىكى بەلگىلەنگەن كۇنۇپكىنى باسسىلا، سۈنئىي ھەمراھ شۇئان بۇ سىگنالنى قوبۇل قىلىپ، خەتەرگە يولۇققان كېمىنىڭ نامى، ئورنى قاتارلىقلارنى دەرھال قۇتقۇزۇش مەركىزىگە يوللايدۇ ۋە كومپيۇتېر ئېكرانىدا كۆرسىتىدۇ.