پورت ۋە ئۇنىڭ ئوبوروت ئىقتىدارى
قاتناش بىخەتەرلىكلىرى
پورت سۇ ترانسپورتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ھەم ئاخىرقى نۇقتىسى. كېمىلەرنى تەمىنلەش، يۈك قاچىلاش - چۈشۈرۈش، كېمىلەرنى رېمونت قىلىش ئىشلىرى مۇشۇ يەردە ئىشلىنىدۇ. بىرەر پورتنىڭ مال ۋە يولۇچىلارنى قوبۇل قىلىش - تارقىتىش ئىقتىدارى، يەنى ھەر يىلى قانچىلىك مال ۋە يولۇچى بۇ يەرگە يىغىلغاندىن كېيىن، كېمە بىلەن جايلارغا توشۇش ھەم قانچىلىك مال ۋە يولۇچى كېمە بىلەن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، تۆمۈريول، تاشيوللار ئارقىلىق ئىچكى جايلارغا يولغا سېلىش ئىقتىدارى پورتنىڭ ئوبوروت ئىقتىدارى دېيىلىدۇ.
پورتنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى پرىستان قىرغىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، سۇ چوڭقۇرلۇقى ۋە كېمە توختاش ئورنى ھەم سۇ يولىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كۆلىمى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتە10 مىڭ توننىلىقتىن يۇقىرى كېمە توختاش ئورنى بار پرىستاننىڭ سۇ چوڭقۇرلۇقى8 مېتىردىن تىرەن بولىدۇ؛ پرىستاننىڭ قىرغىقى قانچە ئۇزۇن، پورتنىڭ سۈيى قانچە چوڭقۇر، كېمە توختاش ئورنى قانچە كۆپ بولسا، توختايدىغان چوڭ كېمىلەر شۇنچە كۆپ، پورتنىڭ ئوبوروت ئىقتىدارىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، دۇنيادىكى چوڭ پورتلاردا ھەر6 مىنۇتتا بىر كېمە كىرىپ چىقىدۇ.
پورتتا نۇرغۇن پرىستان ئەسلىھەلىرى بولىدۇ، بۇلار مەخسۇس پورتلارغا ئاساسەن قۇرۇلىدۇ. ئادەتتە پورت يولۇچىلار پرىستانى ۋە يۈك پرىستانى دەپ ئايرىلىدۇ. يولۇچىلار پرىستانىدا كېمە كۈتۈش زالى، تاموژنا ۋە ھەر خىل قۇرۇقلۇق قاتناش ئەسلىھەلىرى بولىدۇ؛ يۈك پرىستانى يەنە ئاشلىق پرىستانى، كۆمۈر - ماي پرىستانى، پارچە يۈك پرىستانى ۋە كونتېينېر پرىستانى ۋە باشقىلار دەپ ئايرىلىدۇ.
كەسىپلەشكەن بىر ئاشلىق قاچىلاش - چۈشۈرۈش پرىستانىدا سىلىندىر شەكىللىك ئېگىز ئاشلىق ئامبارلىرى سېلىنىدۇ. پاراخوت ياكى ماشىنا توشۇپ كەلگەن ئاشلىقلار توشۇش تاسمىسى ۋە كۈرەسىمان ياكى بۇرمىسىمان چىغرىق بىلەن ئاشلىق ئامبارلىرىغا ئاپتوماتىك قاچىلىنىدۇ. ئامبار ئىچىدە ئاپتوماتىك تېمپېراتۇرا ئۆلچەش قۇرۇلمىسى بولىدۇ، تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ كەتسە، ئامبار ئىشىكى ئېچىلىپ، ئاشلىق ماشىنا بىلەن ئاپتوماتىك ئۆرۈلىدۇ. ئەگەر ئاشلىقنى قاچىلاشقا توغرا كەلسە، خالتىغا قاچىلاش - تىكىش ماشىنىسى ۋە تاسمىلىق ماشىنا، كېمىگە بېسىش ماشىنىسى قاتارلىقلار بىلەن كېمىگە ئاپتوماتىك كىرگۈزۈلىدۇ، «ھېلى قاچىلاپ، ھېلى كېمىگە بېسىش» تولىمۇ قۇلاي.
كونتېينېر پرىستانىدا كونتېينېر قاچىلاش - چۈشۈرۈش كۆۋرۈكى ۋە كونتېينېر قويۇش - يۆتكەش مېخانىزملىرى بولۇپ، كومپيۇتېر بىلەن كونترول قىلىنىدۇ ۋە قوماندانلىق قىلىنىدۇ، ئاپتوماتلىشىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى.