يۈرۈش بەلگىسى
قاتناش بىخەتەرلىكلىرى
كېمە پايانسىز دېڭىزدا قۇرۇقلۇقتىكى ماياك، سۇدىكى لەيلىمە بەلگە ۋە مەخسۇس رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق يۈرۈش بەلگىلىرىگە تايىنىپ يول يۈرگەندىلا، كۈتكەن پورتقا ئوڭۇشلۇق يېتەلەيدۇ.
يۈرۈش بەلگىسىنىڭ تۈرى كۆپ، ئۇلارنىڭ يول كۆرسىتىش شەكلىمۇ ئوخشىمايدۇ.
ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغىنى لەيلىمە چىراغ دەپ ئاتىلىدىغان چاقنىما لەيلىمە بەلگىدۇر. ئۇ يۈرۈش چىرىغى، تۆمۈر تىرەك، پونتون ۋە ياكور(لەڭگەر)دىن تەركىب تاپىدۇ. يەنە بىر خىلىدا يۈرۈش چىرىغى ياكور تاشلىغان كېمىگە ئورنىتىلغان بولۇپ، كۆچمە ماياك دەپ ئاتىلىدۇ. ماياك چاقناپ خەتەرلىك رايون ۋە سۇ تېگىدىكى خادا تاشلارنى ئىپادىلەپ، كېمىلەرنىڭ يۈرۈش يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. پورت ئېغىزى ۋە تار سۇ يوللىرىدا لەيلىمە پونتونلار »يول بەلگىسى« قىلىنىدۇ. مەسىلەن، قىزىل ۋە قارا پونتونلار بولۇپ، پورتقا كىرىدىغان كېمە قىزىل پونتوننى ئۆزىنىڭ سول تەرىپىگە، قارا پونتوننى ئوڭ تەرىپىگە كەلتۈرۈپ ماڭغاندىلا بىخەتەر بولىدۇ. مۇنداق پونتونلار ناھايىتى تولا. سىرلانغان رەڭگى ئوخشىمىسا، ئۇلارنىڭ رولىمۇ ئوخشىمايدۇ.
ئالاھىدە مۇھىتتا ئالاھىدە يۈرۈش بەلگىلىرىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. مىسالغا ئالساق، دېڭىزدا تۇمان ياكى قاتتىق قارغا دۇچ كەلگەندە، يېقىن ئەتراپتىكى بەلگىلەنگەن ئارالدىكى سىگنال ئاپپاراتى ھەر خىل سىگنال تارقىتىدۇ؛ بەزى پونتونلارغا قوڭغۇراق ئورنىتىلغان، دولقۇندا ئاۋاز چىقىرىدۇ، شامالدا پۇشتەك چالىدىغانلىرىمۇ بار، كېمە بۇ ئاۋازلارنى ئاڭلاپ، يۆنىلىشىنى پەرقلەندۈرىدۇ. بەزى مۇھىم ماياك ۋە يول بۆلەكلىرىگە رادىئو ئىستانسىسى قۇرۇلغان بولۇپ، كېمە كۆرۈشنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، رادىئو ئارقىلىق يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ، بۇنداق ئىستانسىلار يىراق ئارىلىق يۈرۈش بەلگىسى رولىنى ئوينايدۇ.
ئەڭ بۇرۇنقى يۈرۈش بەلگىسى خەتەرلىك تاغ ۋە ئاراللارغا تاش دۆۋىلەش، ئوت يېقىش ۋە چىراغ يېقىش ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.1904 - يىلى شۋېتسىيە ئالىملىرى ئاتسېتىلېن كۆيگەندە چىققان يورۇقلۇقنى يول بەلگىسى قىلىشنى كەشىپ قىلىپ، كىشىلەرگە يول كۆرسەتكەن. كەشپىياتچى مۇشۇنىڭ بىلەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۈگۈنكى كۈندە «يول بەلگىسى» يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. مەسىلەن، لازېرلىق ماياك، سوئال - جاۋاب رادارلىق لەيلىمە سىگنال بەلگىسى، ئۈچ خىل رەڭلىك يول چىرىغى، ئۆزگىرىشچان فوتو ماگنىتىك ماياك قاتارلىقلار.
دېڭىزدىكى ھەر خىل يۈرۈش بەلگىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولىنى «يۈرۈش بەلگىلىرى جەدۋىلى» دىن تاپقىلى بولىدۇ. شۇڭا، كېمە ئەزالىرى ئۇلاردىن توغرا پايدىلىنالايدۇ.