تۆت كوچىدىكى سىگنال چىراغلىرى
قاتناش بىخەتەرلىكلىرى
دۇنيادا تۇنجى قاتناش سىگنالى1868 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، قىزىل، يېشىل رەڭلەردىن تەركىب تاپقان.1918 - يىلىغا كەلگەندە ئادەم كۈچى بىلەن مەشغۇلات قىلىنىدىغان تۇنجى ئېلېكترلىك ئۈچ رەڭلىك سىگنال چىرىغى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىنىڭ كوچىلىرىغا ئورنىتىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيە، ئەنگلىيىلەرمۇ قوللاندى. باشتا بۇ سىگنال چىراغلىرى يولنىڭ كېسىشىش ئېغىزلىرىدىكى سىگنال مۇنارىغا ئورنىتىلغان.1928 - يىلىدىن باشلاپ ھازىرقىدەك تۈۋرۈككە ئورنىتىلىدىغان بولدى ۋە قىزىل چىراغ توختاشنى، يېشىل چىراغ مېڭىشنى، سېرىق چىراغ ئاگاھلاندۇرۇشنى بىلدۈرىدىغان قىلىپ بەلگىلەندى. بۇ قائىدە دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەردە دېگۈدەك ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا.
قاتناش قوماندانلىق سىگنالى ئۈچۈن قىزىل، سېرىق، يېشىل رەڭلەرنى ئىشلىتىش ئوپتىكا پرىنسىپىغا ئاساسەن، ئۇزاق ۋاقىت تەتقىق قىلىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بېكىتىلگەن. قىزىل رەڭنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئۇزۇن، ھاۋانى يېرىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى يۇقىرى، شۇنىڭدەك، قىزىل سىگنال باشقا ھەرقانداق رەڭدىكى سىگناللارغا قارىغاندا دىققەتنى ئوڭاي تارتىدۇ ۋە ئەڭ روشەن. كىشىلەرنىڭ تەجرىبە قىلىپ كۆرۈشىچە، پويىزنىڭ ئىنېرتسىيىسى يۇقىرى، چاقى بىلەن رېلىس ئارىسىدىكى سۈركىلىش كۈچى كىچىك بولۇپ، پويىزغا تورمۇز بېرىلگەندىن كېيىن،800 مېتىر مېڭىپ توختايدۇ، شوپۇرنىڭ سىگنالنى پەرقلەندۈرۈشىگە يول قويۇش ۋاقتى ئىچىدە پويىز يەنە200 مېتىر ماڭىدۇ. شۇڭا، توختاش سىگنالى1000 مېتىردىن يىراققا ئوچۇق كۆرۈنۈشى كېرەك، مۇنداق سىگنالغا قىزىل چىراغلا باب كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قىزىل چىراغ توختاش سىگنالى قىلىنغان.
سېرىق رەڭنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقىمۇ خېلى ئۇزۇن، يېرىپ ئۆتۈش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەن ئەمەس، سېرىق چىراغ قىزىل، يېشىل چىراغلاردىن يىراقراق كۆرۈنىدۇ، كۈندۈزى1000 مېتىرلارغا يېتىدۇ، شۇڭلاشقا سېرىق چىراغ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى قىلىنغان. يېشىل چىراغنىڭ مېڭىش سىگنالى قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى، يېشىل ۋە قىزىل رەڭلەرنىڭ پەرقى ئەڭ چوڭ، ئوڭاي پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ؛ شۇنىڭدەك، يېشىل رەڭمۇ خېلى يىراققا كۆرۈنىدۇ.