ئايروپورت
قاتناش بىخەتەرلىكلىرى
ئالدىراش چوڭ ئايرودروملاردا بىر مىنۇتقا بارا - بارماي بىر ئايروپىلان ئۇچىدۇ ياكى قونىدۇ، بۇ يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى ئاپتوبۇسلاردىنمۇ كۆپ. تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئاپتوماتىك لىفت سىزنى يۇمىلاق ئايروپىلان كۈتۈش زالىغا ئېلىپ چىقىدۇ. بۇ يەردىن تەرەپ - تەرەپكە تاكى ئايروپىلاننىڭ ئىشىكىگىچە قىسقۇچپاقىنىڭ پۇتلىرىدەك پىيادىلەر كۆۋرۈكى سوزۇلىدۇ. يولۇچىلار بۇ «كارىدور» لاردىن ئايروپىلانغا چىقىپ چۈشىدۇ، بۇ خۇددى پرىستاندىكى لەيلىمە كۆۋرۈكتىن كېمىگە چىقىپ چۈشكەنگە ئوخشايدۇ. شۇڭا، خەلق ئاۋىئاتسىيە ئايرودروملىرى «ئايروپورت» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئايروپورت سۇ يولى پورتىغا تولىمۇ ئوخشىشىدۇ، ئادەتتە ئۇچۇش رايونى، يولۇچى ۋە يۈكلەرنى توشۇش مۇلازىمەت رايونى، ئايروپىلان رېمونت رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ رايوندىن تەركىب تاپىدۇ.
ئۇچۇش رايونى ئايروپورتنىڭ ئەڭ چوڭ رايونى بولۇپ، ئۇ يەردە قوماندانلىق سۇپىسى، ئۇچۇش يولى، سىيرىلىپ مېڭىش يولى، ئايروپىلان توختاش مەيدانى قاتارلىقلار بار. ئايروپىلانلارنىڭ بىخەتەر ئۇچۇپ قونۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئايرودرومدا ئالاقىلىشىش، يول باشلاش، چىراغ، مېتېئورولوگىيە، ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش قاتارلىق زامانىۋى ئەسلىھەلەر بولىدۇ. قوماندانلىق سۇپىسى پۈتكۈل ئايرودرومنىڭ «مېڭىسى». ئۇ رادىئو ئارقىلىق ئايروپىلانلار بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئايروپىلانلارغا ئۇچۇش، قونۇش، كۈتۈش توغرىسىدا بۇيرۇقلار بېرىپ، پۈتكۈل ئايرودرومنىڭ خىزمەتلىرىنى رەتكە سالىدۇ.
ئۇچۇش يولىنىڭ داۋامىدا ئۇچۇش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىدىغان بەلگە سۇپىسى، چۈشۈش يولىنى كۆرسىتىدىغان بەلگە سۇپىسى، يېقىن مۇساپىلىك ۋە يىراق مۇساپىلىك يول باشلاش سۇپىسى بار، ئۇلار رادىئو ئارقىلىق يول باشلاش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز يول باشلاش سىگنالى تارقىتىپ تۇرىدۇ، ئۇچقۇچى بۇ سىگناللارغا ئاساسەن ئايروپىلاننى ئۇچۇش يولىغا توغرىلاپ، بىخەتەر قونىدۇ.
ئايرودرومدا رەڭگارەڭ چىراغلار بار. ئۇلار ئايرودرومنىڭ ئۇچۇش يولىنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىدۇ. نېئون سىگنال چىرىغى رىتىملىق ھالدا قىزىل نۇر تارقىتىپ، ئۇچقۇچىنىڭ60 كىلومېتىر يىراقلىقتىن ئايرودروم بىلەن شەھەر ۋە ۋوگزالنىڭ چىراغلىرىنى پەرقلەندۈرۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، مېتېئورولوگىيىلىك ماتېرىياللار ۋە مۇكەممەل ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بار، نۇرغۇن ئۈسكۈنىلەر كومپيۇتېر بىلەن كونترول قىلىنىپ، ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
يولۇچى ۋە يۈكلەرنى توشۇش مۇلازىمەت رايونى يولۇچى، يۈك ۋە پوچتا يوللانمىلىرىنى توشۇش مۇلازىمەت رايونىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ مەزمۇنى خىلمۇخىل، يەر يۈزى مەشغۇلات ماشىنىسى، پىيادىلەر كۆۋرۈكى، ئېلېكترونلۇق ئېلان تاختىلىرى، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسى، يۈك - تاقلارنى ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلىش ماشىنىسى قاتارلىقلار بار. ھەممىسى يولۇچىلارغا قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان.
ئايروپىلان رېمونت قىلىش رايونىدا رېمونت زاۋۇتى، رېمونت قىلىنىدىغان ئايروپىلانلار ئامبىرى ۋە ئايروپىلان توختىتىش مەيدانى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا، توك، ئىسىسىقلىق، سوغۇقلۇق ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش ھەم يۇندى چىقىرىۋېتىش ئەسلىھەلىرى، يەنە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى، جىددىي قۇتقۇزۇش پونكىتى، زاپاس ماي ئامبىرى قاتارلىقلار بار.