UyghurWiki›قانۇن نىزاملار›ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى رۇخسەتسىز كۆپەيتىپ ئىشلەشتىن ساقلىنىشىنى قوغداش ئەھدىنامىسى
ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى رۇخسەتسىز كۆپەيتىپ ئىشلەشتىن ساقلىنىشىنى قوغداش ئەھدىنامىسى
قانۇنلار
(1971 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى)
ئەھدىنامە تۈزگەن ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۈنئالغۇ بۇيۇملىرىنى خالىغانچە كۆپەيتىپ ئىشلەش ۋە بۇ ئىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپتورلار، ئورۇندىغۇچىلار، ۋە ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنىئىشلىگۈچىلەرنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش ھادىسلىرىنىڭ ئومۇميۇزلۈك يۈز بېرىۋاتقانلىقى ۋە ئۆزلۈكسىز كۆپەيتىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.
ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ بۇنداق قىلمىشلاردىن ساقلىنىشىنىڭ يەنە ئورۇندىغان نومۇرلىرى ۋە ئەسەرلىرى ئۈنئالغۇ لېنتىسىغا ئېلىنغان ئورۇندىغۇچىلار ۋە ئاپتورلارنى قوغداشقىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.
ب د ت مائارىپ، پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بىلىمىگە ئىگدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ بۇ جەھەتتە ئىشلىگەن خىزمىتىنىڭ قىممىتىنى ئىېتراپ قىلىدۇ.
كۈچكە ئىگە بولغان خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە قىلچە تەسىر يەتكۈزمەسلىك، بولۇپمۇ ئورۇندىغۇچىلار رادىئو تەشكىلاتلىرى ۋە ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى ئىشلىگۈچىلەرنى قوغداش توغرىسىدا 1961 - يىلى 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى رىمدا ئىمزالانغان ئەھدىنامىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئېتراپ قىلىنىشىغا تۇسقۇنلۇق قىلماسلىقنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ دۆلەتلەر تۆۋەندىكىدەك كېلىشىم ئىمزالىدى.
1 - ماددا بۇ ئەھدىنامىدىكى:
(ئا) <ئۈنئالغۇ لېنتىسى> ئورۇندالغان ياكى باشقا ھەر قانداق ئاۋازنى مەخسۇس ئۈنئالغۇغا ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ؛
(ب) <ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى ئىشلىگۈچىلەر> ئورۇندالغان ئاۋاز ياكى باشقا ئاۋازلارنى ئۈنئالغۇغا ئالغان تەبىئىي شەخس ياكى قانۇنىي ئىگىلەرنى كۆرسىتىدۇ؛
(پ) <كۆپەيتىپ ئىشلەنگەن نۇسخا> ئۈنئالغۇ لېنتىسىدىن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا ئاۋاز ئېلىنغان بۇيۇمنى كۆرسىتىدۇ، بۇ بۇيۇمدا شۇ ئۈنئالغۇ لېنتىسىغا ئېلىنغان ئاۋازنىڭ ھەممىسى ياكى ئاساسلىق قىسمى بولغان بولىدۇ؛
(ت) <ئاشكارا تارقىتىش> ئۈنئالغۇ لېنتىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى بىلەن جامائەتنى ياكى جامائەتنىڭ ھەر قانداق بىر قىسمىنى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا تەمىن ئېتىش ھەرىكىتىنى كۆرىستىدۇ.
2 - ماددا ئەھدىنامە تۈزگەن ھەر قايسى دۆلەتلەر ئەھدىنامە تۈزگەن باشقا دۆلەت پۇقراسىنىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى ئىشلىگۈچىلەرنى قوغدىشى، ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئىشلەشتىن ۋە مۇشۇنداق كۆپەيتىپ ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى ئىمپورت قىلىشتىن ساقلىنىشى لازىم، مۇشۇنداق كۆپەيتىپ ئىشلەش ياكى ئىمپورت قىلىشتىكى مەقسەت ئاشكارا تارقىتىش بولسىلا، مۇشۇنداق كۆپەيتىلگەن بويۇملارنىڭ ئاشكارا تارقىتىلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
3 - ماددا بۇ ئەھدىنامىنى ئىجرا قىلىش شەكلى ئەھدىنامە تۈزگەن دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى قانۇنىدا بەلگىلىنىشى ھەمدە تۆۋەندىكى بىر خىل ياكى كۆپ خىل مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك: ئەسەر ھوقۇقى ياكى باشقا مەخسۇس ھوقۇق بېرىش شەكلى ئارقىلىق قوغداش؛ ئادىل بولمىغان رىقابەت توغرىسىدىكى قانۇنلارنى ماقۇللاش ئارقىلىق بولمىغان رىقابەت توغرىسىدىكى قانۇنلارنى ماقۇللاش ئارقىلىق قوغداش؛ جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاش شەكلى ئارقىلىق قوغداش.
4 - ماددا قوغداش مۇددىتىنى ئەھدىنامە تۈزگەن دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى قانۇنىدا بەلگىلەش كېرەك. لېكىن، ئەگەر دۆلەتنىڭ ئىچكى قانۇنىدا بىر قوغداش مۇددىتى بەلگىلەنگەن بولسا، بۇ قوغداش مۇددىتى ئاۋاز تۇنجى قېتىم ئۈنئالغۇغا ئېلىنىپ ئۈنئالغۇ لېنتىسى قىلىپ ئىشلەنگەن يىلنىڭ ئاخىرى ياكى ئۈنئالغۇ لېنتىسى تۇنجى قېتىم نەشر قىلنغان يىلنىڭ ئاخىرىدىن ئېتىبارەن 20 يىلدىن كەم بولماسلىقى لازىم.
5 - ماددا ئەگەر ئەھدىنامە تۈزگەن بىر دۆلەت ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىچكى قانۇنى بويىچە رەسمىيەت ئادا قىلىشنى ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى ئىشلىگۈچىلەرنى قوغداشنىڭ شەرتى قىلىشنى تەلەپ قىلسا، ئاشكارا تارقىتىلغان، ھوقۇق بېرىلگەندىن كېيىن نەشر قىلىنغان ئۈنئالغۇ لېنتىسىنىڭ بارلىق كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ياكى باشقا ئورام بۇيۇملىرىدىكى (D) بەلگىسى ھەمدە تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان ۋاقتى ھەم بەلگە قويۇلغان جايلار كىشلەرنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوغداش تەلىپىگە جەلپ قىلالىسا، رەسمىيەتكە ئۇيغۇن دەپ قارىلىشى كېرەك؛ ئەگەر كۆپەيتىپ ئىشلەنگەن ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى ياكى بۇ لېنتىلار ئورالغان بۇيۇمغا (ئۇنىڭ ئىسمى، ماركىسى ياكى باشقا مۇۋاپىق بەلگىلەر ئارقىلىق) لېنتا ئىشلىگۈچى، ئۇنىڭ قانۇنلىق ۋارىسى ياكى قولىدا مەخسۇس ئىجازەتنامە بار كىشلەر توغرىسىدا ئىزاھ بېرىلمىگەن بولسا، بەلگىلەر يەنە لېنتا ئىشلىگۈچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسى ياكى قولىدا مەخسۇس ئىجازەتنامە بولغان كىشلەرنىڭ ئىسىم - فامىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
6 - ماددا ئەسەر ھوقۇق ياكى باشقا مەخسۇس ھوقۇق شەكلى ئارقىلىق ياكى جىنايى ئىشلار قاتارىدا جازالاش شەكلى ئارقىلىق قوغدايدىغان ھەر قانداق ئەھدىنامە تۈزگەن دۆلەتنىڭ ئىچكى قانۇنىدىكى ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى ئىشلىگۈچىلەرنى قوغداش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بىلەن ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى ئاپتورنىڭ قوغداش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ چېكى ئوخشاش بولۇشى كېرەك، لېكىن تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئاندىن مەجبۇرلاش ئىجازەتنامىسى تارقىتىپ بېرىشكە بولىدۇ.
(ئا)كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ئوقۇتۇش ۋە پەن تەتقىقاتىدا ئىشلىتىش مەقسىتىدە ئىشلەنسە؛
(ب) ئىجازەتنامە گۇۋاھنامە تارقاتقان مەسئۇل ئورگانغا قاراشلىق زېمىن ئىچىدە ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كەلسە، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئېكسپورت قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمىسە؛
(پ) ئىجازەتنامىگە ئاساسەن كۆپەيتىپ ئىشلەنگەندە، يۇقىرىقى مەسئۇل ئورگان كۆپەيتىپ ئىشلىنىدىغان بۇيۇمنىڭ سانى ۋە باشقا ئامىللارنى نەزەردە تۇتۇپ بەلگىلەنگەن مۇۋاپىق ھەقنى بېرىشى كېرەك.
7 - ماددا بىرىنچى، بۇ ئەھدىنامىنى چۈشەندۈرۈشتە ھەر قانداق ئىچكى قانۇن ياكى خەلقئارالىق كېلىشىمدە ئاپتورلار، ئورۇندىغۇچىلار، ئۈنئالغۇ بۇيۇمىنى ئىشلىگۈچىلەر ياكى رادىئو تەشكىلاتلىرىغا ئاتا قىلىنىدىغان باشقا قوغداشلارغا چەك قويماسلىق ياكى توسقۇنلۇق قىلماسلىق كېرەك.
ئىككىنچى، ئورۇندىغان نومۇرلىرى ئۈنئالغۇ لېنتىسىغا ئېلىنغان ئورۇندىغۇچىلار قوغداشتىن بەھرىمەن بولىدىغان بولسا، قوغداش دەرىجىسى ۋە بۇنداق قوغداشتىن بەھرىمەن بولىدىغان بولسا، قوغداش دەرىجىسى ۋە بۇنداق قوغداشتىن بەھرىمەن بولۇش شەرتلىرى ئەھدىنامە تۈزگەن دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى قانۇنىدا ئېنىق بەلگىلىنىشى لازىم.
ئۈچىنچى، ئەھدىنامە تۈزگەن دۆلەتلەردىن بۇ ئەھدىنامىدىكى ماددىلارنى بۇ ئەھدىنامە شۇ دۆلەتتە كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى لېنتىغا ئېلىنىپ بولغان ئۈنئالغۇ بۇيۇملىرىغا ئىشلىتىلىشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ.
تۆتىنچى، 1971 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تۇنجى قېتىم لېنتىغا ئالغان جايغا ئاساسەن ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى ئىشلىگۈچىنى قوغدىماقچى بولغان ھەر قانداق دۆلەت دۇنيا بىلىمگە ئىگدارچىلىق قىلىش تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسىگە ئۇقتۇرۇشنامە تاپشۇرۇپ، ئۆزىنىڭ لېنتا ئىشلىگۈچىنىڭ دۆلىتىنىڭ ئۆلچىمىنى ئەمەس، بەلكى مۇشۇ ئۆلچەمنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى لازىم.
8 - ماددا بىرىنچى، دۇنيا بىلىمگە ئىگدارچىلىق قىلىش تەشكىلاتى خەلقئارا ئىدارىسى ئۈنئالغۇ بۇيۇملىرىنى قوغداشقا ئالاقىدار ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللارنى توپلىشى ۋە نەشر قىلىشى لازىم. ئەھدىنامە تۈزگەن ھەر قايسى دۆلەتلەر بۇ جەھەتتىكى بارلىق يېڭى قانۇن ۋە ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنى ۋاقتىدا خەلقئارا ئىدارىگە يەتكۈزۈپ بېرىشى لازىم.
ئىككىنچى، خەلقئارا ئىدارىگە ئەھدىنامە تۈزگەن ھەر قانداق دۆلەتنى مۇشۇ ئەھدىنامىگە دائىر ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئېتىشنى تەلەپ قىلىشى، مۇشۇ ئەھدىنامىدە بەلگىلەنگەن قوغداش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشى ۋە مۇلازىملىق بىلەن تەمىن ئېتىشى لازىم.
ئۈچىنچى، خەلقئارا ئىدارە ب د ت نىڭ مائارىپ، پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى بىلەن ھەھكارلىشپ، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە بۇ ماددىنىڭ بىرىچى، ئىككىنچى تۈرىدە كۆرسىتىلگەن فۇنكىسىيىسىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
9 - ماددا بىرىنچى، بۇ ئەھدىنامە ب د ت نىڭ كاتىپىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىشى لازىم. 1972 - يىلى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن ئىلگىرى، ب د ت ۋە ب د ت نىڭ ھەر قانداق مەخسۇس ئورگىنى، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنى ياكى خەلقئارالىق سوت مەھكىمىسى ئەھدىنامىسىگە ئەزا ھەر قانداق دۆلەت بۇ ئەھدىنامىگە ئىمزا قويسا بولىدۇ.
ئىككىنچى، بۇ ئەھدىنامىنى ئىمزا قويغان دۆلەت تەستىقلىشى ياكى قوبۇل قىلىشى كېرەك؛ مۇشۇ ماددىنىڭ بىرىنچى تۈرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەر قانداق دۆلەت بۇ ئەھدىنامىگە قاتناشسا بولىدۇ.
ئۈچىنچى، تەستىقلانغان، قوبۇل قىلىنغان ياكى قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان گۇۋاھنامە ب د ت نىڭ باش كاتىپىغا بېرىلىشى كېرەك.
تۆتىنچى، ئۆز - ئۆزىدىن مەلۇمكى، بىر دۆلەت مۇشۇ ئەھدىنامىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاندا، ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى قانۇنىغا ئاساسەن بۇ ئەھدىنامىنىڭ ماددىلىرىنى يولغا قويالىشى كېرەك.
10 - ماددا بۇ ئەھدىنامە ئۈستىدە ئۆز مەيدانىنى ساقلاپ قېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
11 - ماددا بىرىنچى، بۇ ئەھدىنامە تەستىقلىغان، قوبۇل قىلغان ياكى قاتناشقانلىق توغرىسىدىكى 5 - گۇۋاھنامە تاپشۇرۇلۇپ ئۈچ ئايدىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
ئىككىنچى، تەستىقلىغان، قوبۇل قىلغان ياكى قاتناشقانلىق توغرىسىدىكى 5 - گۇۋاھنامە تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن تەستىقلىغان، قوبۇل قىلغان ياكى قاتناشقان دۆلەتلەر بۇ ئەھدىنامىنىڭ دۇنيا بىلىمىگە ئىگدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى 31 - ماددىنىڭ 4 - تارمىقىغا ئاساسەن ئالاقىدار دۆلەتلەرگە شۇ دۆلەتلەرنىڭ گۇۋاھنامىلىرى تاپشۇرۇۋېلىنىپ ئۈچ ئايدىن كېيىن شۇ دۆلەتلەردە كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
ئۈچىنچى، تەستىقلىغان، قوبۇل قىلغان ياكى قاتناشقاندا ۋە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر قانداق چاغدا، ھەر قانداق دۆلەت ب د ت نىڭ باش كاتىپىغا ئەۋەتكەن ئۇقتۇرۇشىدا بۇ ئەھدىنامىنىڭ شۇ دۆلەتنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋىتىگە مەسئۇل بارلىق جايلىرى ياكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر قانداق بىر جايدا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى كېرەك. بۇ ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋېلىنىپ ئۈچ ئايدىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
تۆتىنچى، لېكىن، يۇقىرىقى تۈرنى ئەھدىنامە تۈزگەن بىر دۆلەتنىڭ ئەھدىنامە تۈزگەن يەنە بىر دۆلەتنىڭ يۇقىرىقى تۈردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن بۇ ئەھدىنامىنىڭ مەلۇم بىر جاينىڭ رېئال ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغانلىقىنى ئېتراپ قىلىشى، دەپ چۈشىنىۋېلىشقا بولمايدۇ.
12 - ماددا بىرىنچى، ئەھدىنامە تۈزگەن ھەر قانداق دۆلەت ئۆز نامى ياكى ۋەكىلى ئارقىلىق 11 - ماددىنىڭ 3 - تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن ھەر قانداق جايدا، ب د ت نىڭ باش كاتىپىغا يازما ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، بۇ ئەھدىنامىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئۇقتۇرسا بولىدۇ.
ئىككىنچى، بۇنداق چېكىنىپ چىقىش ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋېلىپ 12 ئايدىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەك.
13 - ماددا بىرىنچى، بۇ ئەھدىنامىدە ئىنگىلىز، فرانسۇز، رۇس ۋە ئىسپان يېزىقلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن نۇسخىسىغا ئىمزا قويۇلىدۇ، تۆت خىل يېزىق ئوخشاش كۈچكە ئىگە.
ئىككىنچى، ئەرەب، گوللاندىيە، گېرمان، ئىتالىيان ۋە پورتۇگالىيە يېزىقلىرىدىكى رەسمىي نۇسخىلىرىنى دۇنيا بىلىمىگە ئىگدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئالاقىدار ھۆكۈمەتلەر بىلەن كېڭىشىپ تۈزۈپ چىقىدۇ.
ئۈچىنچى، ب د ت نىڭ باش كاتىپى دۇنيا بىلىمگە ئىگدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ب د ت مائارىپ، پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ۋە خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسىگە تۆۋەندىكىلەرنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك:
(ئا) بۇ ئەھدىنامىنىڭ ئىمزالىنىشى؛
(ب) تەستىقلىغان، قوبۇل قىلغان ياكى قاتناشقانلىق توغرىسىدىكى گۇۋاھنامىنىڭ تاپشۇرۇلۇشى؛
(پ) بۇ ئەھدىنامىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش ۋاقتى؛
(ت) 11 - ماددىنىڭ ئۈچىنچى تۈرىگە ئاساسەن ئېلان قىلىنغان ھەر قانداق بايانات؛
(ج)تاپشۇرۇۋېلىنغان ئەھدىنامىدىن چېكىنىپ چىققانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش.
تۆتىنچى، دۇنيا بىلىمگە ئىگدارچىلىق قىلىش تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى يۇقىرىقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە تاپشۇرۇۋالغان ئۇقتۇرۇش ۋە 7 - ماددىنىڭ 4 - تارمىقىغا ئاساسەن ئېلان قىلىنغان بايانتقا ئاساسەن، 9 - ماددىنىڭ 1 - تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن دۆلەتلەرگە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئۇ يەنە بۇ باياناتنى ب د ت مائارىپ، پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ۋە خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسىگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
بەشىنچى، ب د ت نىڭ باش كاتىپى بۇ ئەھدىنامىنىڭ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشۇمچە نۇسخىسىدىن ئىككى نۇسخىنى 9 - ماددىنىڭ 1 - تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن دۆلەتكە يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.