UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملاركومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىياللىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىياللىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

قانۇنلار دۆلەت ئەسەت ھوقۇقى ئىدارىسى. 1994 - يىلى 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ]1994[ 68 - نومۇرلۇق ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسىگە (باشقارمىلىرىغا): گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى 1994 - يىلى 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى <گوۋۇيۈەن ئىشخانىسىنىڭ گوۋۇيۈەندە بىلىمگە ئىگدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى بويىچە خىزمەت يىغىنى ئېچىش تۈزۈمى ئورنىتىش ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيەت تەقسىماتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش> (گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى ]1994[ 82 - نومۇرلۇق) نى تارقاتتى. بۇ ھۆججەتتە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلەن: <جۇڭگو پاتنېت ھوقۇقى ئىدارىسى، دۆلەت سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، دۆلەت ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پاتنېت ھوقۇقى، تاۋار ماركىسى ۋە ئەسەر ھوقۇقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىياللىرى، ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە دۆلەت ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسى مەسئۇل بولىدۇ> ۋە <دۆلەت سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، جۇڭگو پاتېنىت ھوقۇقى ئىدارىسى، دۆلەت ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىلىمگە ئىگدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش دېلولىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ>. بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى ۋە روھىغا ئاساسەن، جايلاردىكى ئەسەر ھوقۇقىنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىياللىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشلىشى لازىم، بۇنىڭغا ئالاقىدار ئىشلار تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇلىدۇ: بىرىنچى، جايلاردىكى ئەسەر ھوقۇقىنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى ئۆز جايلىرىدىكى كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىياللىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، باشقۇرۇش خىزمىتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئىككىنچى، جايلاردىكى ئەسەر ھوقۇقىنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىياللىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش بويىچە تەشۋىق - تەربىيە خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىياللىرىنى ئېچىش، سېتىش ئورۇنلىرى ۋە شەخسلەرنى قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە بىر ۋاقىتتا، ئورگان، كارخانىلاردىنمۇ يۇمشاق ماتېرىياللاردىن قانۇنلۇق پايدىلىنىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. ئۈچىنچى، جايلاردىكى ئەسەر ھوقۇقىنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 46 - ماددىسى، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىياللىرىنى قوغداش نىزمىنىڭ 30 - ماددىسى ۋە ئەسەر ھوقۇقىنى قانۇنىي يولغا قويۇش نىزامىنىڭ ئالتىنچى بابىدىكى ئالاقىدار ماددىلار بويىچە، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىياللىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا ئالاقىدار قىلمىشلارغا قارىتا مەمۇرىي جازا بېرىشكە ھوقۇقلۇق. خاراكتېرى ئېغىر بولغان كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىياللىرىنى ياساش، تارقىتىش، نەشر ھوقۇقى ئوغرىلىنىپ ئىشلەنگەن كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىياللىرىنى سېتىشتەك جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بولىدۇ. جايلاردىكى ئەسەر ھوقۇقىنى باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىياللىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىدىكى تەجرىبىلىرى ۋە مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا دۆلەت ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسىگە ئىنكاس قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار
كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىياللىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش | UyghurWiki | UyghurWiki