UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملارمەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمى، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئىسلام دىنىغا چېتىلىدىغان نەشر بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى

مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمى، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئىسلام دىنىغا چېتىلىدىغان نەشر بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى

قانۇنلار 1993 - يىلى 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى. ئاخبارات - نەشرىيات. بىرلەشمە [1993 ] 12 - نومۇرلۇق بىر مەزگىلدىن بۇيان، بەزى نەشرىيات ئورۇنلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئىسلام دىنىغا دائىر بىر تۈركۈم ماقالىلەرنى ۋە كىتابلارنى نەشر قىلدى، ئېلان قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر مۇنچىسى قىممەتكە ئىگە ئەسەرلەر بولۇپ، ماركسىزملىق دىن قارشى ۋە پارتىيىنىڭ دىن سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، كىتابلارنى دىنىي مەسىلىلەرگە توغرا قاراشقا، دىنىي بىلىملەرنى چۈشىنىشكە يېتەكلەشتە ئاكتىپ رول ئوينىدى. لېكىن بۇنداق نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش داۋامىدا يەنە بەزى مەسىلىلەرمۇ ساقلاندى. بەزى نەشرىياتلار ياكى شەخسلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزمەي ئىسلام ئەقىدىسىنى تەشۋىق قىلىشقا دائىر ھەر خىل كىتاب، كلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۆز ئالدىغا كۆپەيتىپ باستى جەمئىيەتكە ئاشكارا تارقاتتى. ناھايىتى ئاز ساندىكى نەشرىيات ئورۇنلىرى ھەتتا پارتىيە ئورۇنلىرى ھەتتا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر ۋە دىن سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىسلام دىنىنى بۇرمىلايدىغان، ھاقارەتلەيدىغان، كەمسىتىدىغان كىتاب ۋە ماقالىلەرنى نەشر قىلىپ، ئېلان قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىنى كۆزگە ئىلماي، دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي ھېسسىياتىغا ئېغىر دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچ ۋە ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزدى. مىللەتلەر، دىن مەسىلىسىگە توغرا مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىتسىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدىكى مۇھىم تېما، جۇڭگوچە سوتسيالىزم قۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر، دىن سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇندا ئېنىق بەلگىلەنگەن پۇقرالارنىڭ دېنغا ئىشىنىش ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى قوغداش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە ھۆرمەت ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنى كۈچەپتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەپتىش، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتە سەل قاراپ بولمايدىغان مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىسلام دىنىغا چېتىلىدىغان نەشر بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، «مەركىزىي كومىتېت، گوۋۇيۈەننىڭ دىنىي خىزمەتنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشكە دائىر بىر نەچچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ( مەركىزىي كومىتېت [1991] 6 - نومۇرلۇق) نىڭ روھىغا ئاساسەن، ئالاقىدار ئىشلار تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇلىدۇ: بىرىنچى، نەشرىياتلار جەزمەن پارتىيىنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياستىنى ھەقىقىي ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، ئاساسىي قانۇندا ئېنىق بەلگىلەنگەن پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتقاد قىلىش ئەركىنلىك ھوقۇقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىشى كېرەك، نەشر بۇيۇملىرىدا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەت، قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىدىغان، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغان، دىنغا ئېتىقاد ئاممىنىڭ دىنىي ھېسسىياتىغا ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئىككىنچى، ئىسلام دىنىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىشلىتىلىدىغان دىنىي كىتابلار، كلاسسىك كىتابلار ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىسى، قائىدىسىنى شەرھلەيدىغاق مەتبەئە بۇيۇملىرىدا ئىسلام تەشكىلاتلىرى ئېھتىياجغا قاراپ ئىلتىماس قىلىشى، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دىنىي ئىشلار تارمىقى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن تەڭ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇش ۋە ئىچكى قىسىمدا بېسىش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنداق نەشر بۇيۇملىرىنى ھۆكۈمەت تەستىقلاپ ئېچىۋەتكەن مەسچىتلەردىلا تارقىتىش كېرەك. ئەگەر سانى كۆپرەك بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ دىنىي ئىشلار ئىدارىسىگە يوللاپ تەكشۈرتۈپ تەستىقلىتىش ھەمدە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك. غەيرىي دىنىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ بېسىشىغا، نەشر قىلىشىغا ھەم تارقىتىشىغا بىردەك يول قويۇلمايدۇ. يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىنسا، قانۇنسىز نەشر ھەرىكىتى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ۋە چەت ئەللەر بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئىسلام دىنىغا دائىر كىتابلار ياكى كلاسسىك ئەسەرلەرنى رەسمىي نەشر قىلىشنى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى گوۋۇيۈەننىڭ دىنىي ئىشلار ئىدارىسى بىلەن كېڭىشىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ ھەمدە ئالاقىدار كەسپىي نەشرىياتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ نەشر قىلىدۇ. ئۇچىنچى، ئىسلام دىنىغا چېتىلىدىغان ۋە ئىسلام دىنىنى تەتقىق قىلىدىغان، ئۇنىڭغا باھا بېرىدىغان (خەۋەر ۋە ماقالىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نەشر بۇيۇملىرىدا، ماركسىزملىق دىن قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار دىن سىياسەتلىرى ۋە قانۇنلىرىنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك. ئىسلام دىنى تارىخى، شەخسلەر، ۋەقەلەر، دىنىي ئەقىدىلەر، دىنىي قائىدىلەر ۋە دىنىي كىتابلار، كلاسسىك دىنىي كىتابلار ئۈستىدە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان، تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش ئېلىپ بارىدىغان كىتابلار، قورال كىتابلار ئىلمىي ئەسەرلەرگە كىرىدۇ، بۇنى جايلاردىكى خەلق نەشرىياتلىرى ۋە مەركەزدىكى ئالاقىدار ئىجتىمائىي پەن تۈردىكى ئىلمىي ماقالىلەرنى مەركەزدىكى ئىجتىمائىي پەن تۈردىكى كەسپىي ژۇرناللار ئېلان قىلسا بولىدۇ. لېكىن بۇ كىتاب - ژۇرناللاردىكى مەزمۇنلار نازۇك مەسلىلەرگە (مەسىلەن، ھازىر يولغا قويۇلۋاتقان دىنىي سىياسەت، دىپلوماتىيە سىياسىتى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى، پەرھىزلىرى، ئۆرپ - ئادەتلىرىگە) چېتىلىدىغان كىتابلارنى نەشر قىلىشتا، نەشرىياتلار يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماقنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا يوللىشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلىغاندا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دىنىي ئىشلار تارمىقىنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك. تۆتىنچى، ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي كىتابلىرى، كلاسسىك ئەسەرلىرى ياكى دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلەر ئاساس قىلىنىپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن، يېزىلغان ئاممىباب ئوقۇشلۇقلار ياكى رىۋايەتلەر، ۋەقەلىكىلەرگە ئاساسەن يېزىلغان دىنغا ۋە ئاز سانلىق مىللەرتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دائىر ئاممىباب ئوقۇشلۇقلار، بولۇپمۇ چەت ئەللەردە نەشر قىلىنغان مۇشۇ خىلدىكى نەشر بۇيۇملىرىنى (ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) پرىنىسىپ جەھەتتە نەشر قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالسا، نۇقتىلىق قىلىپ كىتاب مەزمۇنىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دىن سىياسىتى، مىللەتلەر سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا پايدىلىق ياكى پايدىلىق ئەمەسلىكىنى ئويلىشىش ھەمدە ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ دىنىي ئىشلار تارمىقى ۋە ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى (مەركەزدىكى ئورۇنلارنىڭ نەشرىياتلىرى مەسئۇل تارماقلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالىدۇ) ئالغاندىن كېيىن ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ تەكشۈرتۈپ تەستىقلىتىدۇ. ئىسلام دىنىغا دائىر چاتما رەسىملەر، رەسىملىك توپلاملارنى نەشر قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. بەشىنچى، دۆلەتنىڭ كىتاب - ژۇرنال باسىدىغان نۇقتىلىق كارخانىسىغا كىرمەيدىغان كارخانىلارنىڭ ئىسلام دىنىغا دائىر ھەر قانداق نەشر بۇيۇمىنى بېسىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئالتىنچى، ھەر قانداق تارقىتىش ئورنىنىڭ غەيرىي رەسمىي نەشر قىلىش ئورۇنلىرى نەشر قىلغان ئىسلام دىنىغا دائىر كىتاب، گېزىت، ژۇرنال ۋە ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. رەسمىي نەشر ئورۇنلىرى نەشر قىلغان ئىسلام دىنىغا دائىر كىتابلارنى قەتئىي بەلگىلەنگەن تارقىتىش ئۇسۇلى، تارقىتىش ئوبيېكتى بويىچە تارقىتىش كېرەك. يەتتىنچى، ئىسلام دىنىغا دائىر يۇقىرىقىدەك كىتاب، ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى ھەمكارلىشىپ نەشر قىلىشىقا ۋە ۋاكالىتەن بېسىش (كۆپەيتىپ ئىشلەش)، ۋاكالىتەن تارقىتشقا بولمايدۇ. سەككىزىنچى، يۇقىرىقى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان نەشرىيات ئورۇنلىرىغا ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ياكى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى ئايرىم - ئايرىم مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان، نەشر بۇيۇملىرىنىڭ مەزمۇنى پارتىيىنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتىگە خىلاپ بولغان ھەمدە جەمئىيەتتە ئېغىر، ناچار تەسىر پەيدا قىلغان نەشرىيات ئورۇنلىرىغا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش ھەتتا تىزىمدىن ئۆچۈرۈش جازاسى بېرىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولسا، ئەدلىيە تارمىقى قانۇنىي جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتكوم تەشىۋىقات بۆلۈمى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى شىنجاك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر - دىن ئىشلىرى كومېتىتى ھۆججىتى شىنجاڭ ئاخبارات - نەشرىيات - بىرلەشمە (1995) 213 - نومۇرلۇق
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار