UyghurWiki›قانۇن نىزاملار›جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىدىن «بىر نومۇرنى كۆپ قېتىم ئىشلىتىش» نى مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە
جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىدىن «بىر نومۇرنى كۆپ قېتىم ئىشلىتىش» نى مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە
قانۇنلار
ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى. 1994 - يىلى 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى. ئاخبارات - نەشرىيات كىتاب (1994) 957 -نومۇرلۇق
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئاز ساندىكى نەشرىياتلار كىتاب نومۇرىنى جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى
بەلگىلىمە بويىچە ئىشلەتمەي، بىر نومۇرنى كۆپ قېتىم ئىشلىتىش، يەنى «بىر نومۇرنى بىر قانچە كىتابقا ئىشلىتىش» مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ
چىقاردى. بولۇپمۇ بۇ يىل كېيىنكى يېرىم يىلدا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى ھەر قايسى نەشرىياتلارغا بېرىلىدىغان كىتاب نومۇرىنىڭ ئومۇمىي
سانىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن بەزى نەشرىياتلاردا كۆپرەك كىتاب چىقىرىش ئۈچۈن «بىر نومۇرنى كۆپ قېتىم ئىشلىتىش» مەسىلىسى
تېخىمۇ گەۋدىلىك كۆرۈلدى. «بىر نومۇرنى كۆپ قېتىم ئىشلىتىش» ئاساسەن مۇنداق ئىككى خىل شەكىلدە ئىپادىلەندى؛ بىرى، كۆپ خىل
كىتابقا بىر نومۇرىنى ئىشلىتىش، يەنى «بىر نومۇرنى كۆپ كىتابقا ئىشلىتىش»؛ يەنە بىرى، كۆپ قىسىملىق مەجمۇئە ۋە يۈرۈشلەشكەن كىتابلار (
بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ ھەر بىر قىسىمىغا ئايرىم باھا قويغان ئەھۋالدا پۈتۈن يۈرۈش كىتابقا بىر
نومۇر ئىشلىتىش.
«بىر نومۇرنى كۆپ قېتىم ئىشلىتىش» كىتاب نومۇرىنى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قالماي، يەنە كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشىنى
باشقۇرۇش، سېتىش ۋە كۇتۇپخانىلارنىڭ كىتاب ساقلاش ئىشلىرىنىمۇ قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشىنى باشقۇرۇشنى
كۈچەيتىش ئۈچۈن، ھازىر جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنى ئىشلىتىشكە ئائىت بەلگىلىمىسىنى قايتا تەكىتلەيمىز ۋە ئۇنى تولۇقلايمىز:
1. شەكلى ئوخشاش بولمىغان ھەر بىر خىل كىتابقا ISBN نومۇرىنى ئايرىم - ئايرىم ئىشلىتىش كېرەك. تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالدا كىتاب نومۇرىنى ئايرىم
ئىشلىتىش كېرەك:
1( ئوخشاش بىر خىل كىتابنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە مۇقاۋىلانغانلىرى )قاتتىق مۇقاۋىلىق، ئاددىي مۇقاۋىلىق بولغانلىرى(؛
2) ئوخشاش بىر خىل كىتابنىڭ ئوخشاش بولمىغان نۇسخىلىرى (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى، يىللىق نۇسخىسى؛
3) ئوخشاش مەزمۇندىكى كىتابنىڭ ئوخشاش بولمىغان فورماتلىرى؛
4( ئوخشاش مەزمۇندىكى كىتابنىڭ باشقا - باشقا يېزىقتا نەشر قىلىنغانلىرى.
2. كۆپ قىسىملىق مەجمۇئە ۋە يۈرۈشلەشكەن كىتابلار )بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ( نىڭ ISBN نومۇرىنى
كىتابنىڭ باھاسىغا قاراپ، يەنى مەجمۇئە ۋە يۈرۈشلەشكەن كىتابلارنىڭ ھەر قىسمىغا ئايرىم باھا قويۇلغان ۋە ئۇنىق ئايرىم سېتىشقا بولىدىغان
بولسا، ئۇنىڭ ھەر قىسمىغا ISBN نومۇرىنى قويۇش، كىتاب تۈرىنى ئايرىم ھېسابلاش كېرەك؛ ئەگەر بۇ كىتابلارنىڭ ھەر قىسمىغا ئايرىم باھا
قويۇلماي، پۈتۈن يۈرۈش كىتابقا بىرلا باھا قويۇلغان ۋە ئۇنى ئايرىم سېتىشقا بولمايدىغان بولسا، بۇنى بىر تۈر ھېسابلاپ ISBN نومۇرىدىن بىرنى
ئىشلەتسە بولىدۇ.
3. ئىسكىلاتتا ساقلىنىپ قالغان كىتابلارنى قايتا باسقان ياكى قايتا نەشر قىلغاندا، ISBN نومۇرىنى قوشۇش لازىم.
بۇ «بەلگىلىمە» تارقىتىلىدىغان كېيىن يەنە داۋاملىق «بىر نومۇرنى كۆپ قېتىم ئىشلەتكەن» لەر بولسا، بىردەك نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇش
بەلگىلمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىپ ئۇلارغا تاپقا پايدىسىنى مۇسادىرە قىلىش، جەرىمانە قويۇش ھەمدە ئەھۋالنىڭ ئېغىر
- يېنىكلىكىگە قاراپ نەشرىياتنىڭ يىللىق ئومۇمىي كىتاب نومۇرىنى ئازايتىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ھەر قايسى نەشرىياتلارنى باشقۇرۇغۇچى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق نەشرىياتلارنىڭ كىتاب نومۇرىنى ئىشلىتىشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى،
ئۆز تەۋەسىدىكى نەشرىياتلارنىڭ كىتاب نومۇرىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى يۇقىرىقى بەلگىلىمە بويىچە ئەستايىدىل تەكشۈرۈشى، ئەگەر «بىر نومۇر كۆپ
قېتىم ئىشلىتىلگەن» كىتابلار سېزىلسە، دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، يېڭىدىن ISBN نومۇرىنى قوشۇشى ۋە 1994 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن
بۇرۇن ئەھۋالنى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ كىتاب باشقۇرۇش مەھكىمىسىگە مەلۇم قىلىشى كېرەك.