UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملارقانۇن - نىزام توپلاملىرىنى تەھرىرلەش، نەشر قىلىشنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە

قانۇن - نىزام توپلاملىرىنى تەھرىرلەش، نەشر قىلىشنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە

قانۇنلار گوۋۇيۈەن 1990 - يىلى 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 63 - نومۇرلۇق 1 - ماددا بۇ بەلگىلىمە قانۇن - نىزام توپلىمىنى تەھرىرلەش، نەشر قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن - نىزام توپلىمىنىڭ تەھرىرلەش، نەشر قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇن - تۈزۈمنىڭ بىرلىكى ۋە ئىناۋىتىنى قوغداش مەقسىتىدە تۈزۈپ چىقىلدى. 2 - ماددا بۇ بەلگىلىمىدە كۆرسىتىلگەن قانۇن - نىزام توپلىمى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپلەر بويىچە ئېلان قىلىنغان قانۇن، مەمۇرىي قانۇن - نىزام، گوۋۇيۈەننىڭ تارماقلىرىنىڭ قائىدە - تۈزۈمى ( تۆۋەندە تارماقلار قائىدە - تۈزۈملىرى دەپ ئاتىلىدۇ)، يەرلىك قانۇن - نىزاملار ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرى مەلۇم تەرتىپ ياكى تۈرلەر بويىچە توپلام قىلىپ تۈزۈلگەن ئاشكارا نەشر بۈيۇملىرىنى كۆرسىتىدۇ. 3 - ماددا ئايرىم بەلگىلىمە بولغان قانۇن، مەمۇرىي قانۇن - نىزامدىن باشقا قانۇن - نىزاملار توپلىمىنى تەھرىرلەش، نەشر قىلىشتا ( قانۇن - نىزاملاردىن تاللانما، تۈرلەربويىچە تۈزۈلۈشى، قامۇسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مۇشۇ بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىش كېرەك. مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 4 - ماددىسى بويىچە تەھرىرلەنگەن، نەشر قىلىنغان قانۇن - نىزاملار توپلىمى دۆلەت نەشر قىلغان قانۇن - نىزاملار توپلىمىنىڭ رەسمىي نۇسخسىسى ھېسابلىنىدۇ. 4 - ماددا قانۇن - نىزام توپلىمىنى تەھرىرلەشتە، تۆۋەندىكى تەقسىماتقا بويسۇنۇش كېرەك؛ (1) قانۇن توپلاملىرىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇنچىلىق كومىتېتى تەھرىرلەيدۇ؛ (2) مەمۇرىي قانۇن - نىزام توپلاملىرىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ قانۇنچىلىق ئىدارىسى تەھرىرلەيدۇ؛ (3) ھەربىي ئىشلار قانۇن - نىزاملىرىنى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ قانۇنچىلىق ئىدارىسى تەھرىرلەيدۇ؛ (4) تارماقلارنىڭ قائىدە - تۈزۈم توپلاملىرىنى گۇۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە تەھرىرلەيدۇ؛ (5) يەرلىك قانۇن - نىزاملار ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قائىدە - تۈزۈم توپلاملىرىنى يەرلىك قانۇن - نىزام ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىنى تۈزۈش ھوقۇقى بار يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەنگەن ئورگانلار تەھرىرلەيدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇنچىلىق كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ قانۇنچىلىق ئىدارىسى قانۇن، مەمۇرىي قانۇن - نىزام، تارماقلار قائىدە - تۈزۈملىرى، يەرلىك قانۇن - نىزام ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال قانۇن - نىزام توپلاملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال قانۇن - نىزام توپلاملىرىنى تەھرىرلىسە بولىدۇ؛ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ قانۇنچىلىق ئىدارىسى ھەربىي ئىشلارغا ئالاقىدار قانۇن - نىزام، پەرمان - بۇيرۇقلار توپلىمىنى تەھرىرلىسە بولىدۇ؛ گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە كەسپىي خاراكتېرلىك قانۇن، مەمۇرىي قانۇن - نىزام، تارماقلار قائىدە - تۈزۈملىرى توپلىمىنى نەشر قىلسا بولىدۇ؛ يەرلىك قانۇن - نىزام ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىنى تۈزۈش ھوقۇقى بار يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز رايونىدا تۈزۈلگەن يەرلىك خاراكتېرلىك قانۇن - نىزام ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قائىدە - تۈزۈم توپلاملىرىنى تەھرىرلىسە بولىدۇ. 5 - ماددا خىزمەت، ئۆگىنىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئالاقىدار ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار ئىكچى قىسمىدا ئىشلىتىلىدىغان قانۇن - نىزام توپلاملىرىنى ئۆزلىرى تۈزۈپ باسسا ياكى قانۇننى پىششىق بىلىدىغان كەسپىي خادىملارغا ھاۋالە قىلىپ تۈزۈپ باستۇرسا بولىدۇ؛ رەسمىي نەشر قىلىنىدىغانلىرىنى نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. ئالدىنقى ماددىدا بەلگىلەنگەنلىرىدىن سىرت، شەخسلەرنى قانۇن - نىزام توپلىمىنى تۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ. 6 - ماددا قانۇن - نىزام توپلاملىرىنى تەھرىرلەشتە، تۆۋەندىكىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ (1) ماتېرىياللارنى توغرا تاللاش كېرەك. قانۇن - نىزام توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلىدىغان قانۇن - نىزاملار توغرا ھەم خاتاسىز بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى ئىناۋەتسىز قىلىنغان قانۇن - نىزاملار كىرگۈزۈلسە، ئىزاھات بېرىش كېرەك؛ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن - نىزام توپلاملىرىغا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى ئىناۋەتسىز قىلىغان قانۇن - نىزاملارنى كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ. (2) مەزمۇنى مۇكەممەل بولۇشى كېرەك. قانۇن - نىزام توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلىدىغان قانۇن - نىزاملارنىڭ نامى، تەستىقلىغۇچى ياكى تارقاتقۇچى ئورگان، تەستىقلانغان ياكى تارقىتىلغان ۋاقتى، يولغا قويۇلىدىغان ۋاقتى، باب، ماددىلىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى كىرگۈزۈش لازىم. خالىغانچە قىسقارتىۋېتىشكە ياكى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. (3) تىزىلىشى ئىلمىي بولۇشى لازىم. تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇلۇشىغا پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن، قانۇن - نىزام توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلىدىغان قانۇن - نىزاملارنى مۇئەييەن تۈر ياكى تەرتىپ بويىچە تىزىش كېرەك. 7 - ماددا نەشر قىلىنىدىغان قانۇن - نىزام توپلاملىرىنى دۆلەتنىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى نەشر قىلىش كەسپى ئىش تەقسىماتىدا بەلگىلەنگەن پرىنسىپقا ئاساسەن، تۆۋەندىكى ئىش تەقسىماتى بويىچە تەكشۈرۈش تەستىقلايدۇ؛ (1) قانۇن توپلاملىرىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇنچىلىق كومىتېتى تاللىغان مەركەز دەرىجىلىك نەشرىياتلار نەشر قىلىدۇ؛ (2) مەمۇرىي قانۇن - نىزام توپلاملىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ قانۇنچىلىق ئىدارىسى تاللىغان مەركەز دەرىجىلىك نەشرىياتلار نەشر قىلىدۇ؛ (3) ھەربىي ئىشلارغا دائىر قانۇن - نىزاملار توپلىمىنى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ قانۇنچىلىق ئىدارىسى تاللىغان مەركەز دەرىجىلىك نەشرىياتلار نەشر قىلىدۇ؛ (4) تارماقلار قائىدە - تۈزۈملىرى توپلاملىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى تاللىغان مەركەز دەرىجىلىك نەشرىياتلار نەشر قىلىدۇ؛ (5) يەرلىك قانۇن - نىزام ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قائىدە - تۈزۈم توپلاملىرىنى يەرلىك قانۇن - نىزام ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىنى تۈزۈش ھوقۇقى بار يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تاللىغان مەركەز دەرىجىلىك نەشرىياتلار ياكى يەرلىك نەشرىياتلار نەشر قىلىدۇ. 8 - ماددا دۆلەت نەشر قىلغان مىللىيچە يېزىق ياكى چەت ئەل يېزىقىدىكى قانۇن توپلاملىرىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇنچىلىق كومىتېتى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە ئۇيۇشتۇرىدۇ ياكى ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ. 9 - ماددا 7 - ماددىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نەشرىياتلار قانۇن - نىزام توپلاملىرى توغرىسىدىكى نەشر قىلىش تېماتىك پىلانىنى تۈزۈشى ھەمدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا قانۇن - نىزام توپلاملىرىنى تەھرىرلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئورگان ۋە نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. 10 - ماددا مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 4 - ماددىسى بويىچە تەھرىرلەنگەن قانۇن - نىزام توپلاملىرىنىڭ مۇقاۋىسىغا دۆلەت گېربىنى بېسىشقا بولىدۇ؛ مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 5 - ماددىسىنىڭ (1) تۈرى بويىچە بېسىلغان قانۇن - نىزام توپلاملىرىنىڭ مۇقاۋىسىغا دۆلەت گېربىنى بېسىشقا بولمايدۇ. 11 - ماددا قانۇن - نىزام توپلاملىرىنى نەشر قىلىشتا، ئۇنىڭ مەتبەئە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سۈپەت ئۆلچىمى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى لازىم. 12 - ماددا قانۇن - نىزام توپلاملىرىنى تارقىتىشقا شىنخۇا كىتابخانىسى مەسئۇل بولىدۇ. جايلاردىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرى زاكاز قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. شارائىتى بار نەشرىياتلار زاكاز قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ بىر قىسمىنى ۋاكالىتەن ئىشلەپ بەرسىمۇ بولىدۇ. 13 - ماددا بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن - نىزام توپلاملىرىنى ئۆز ئالدىغا نەشر قىلغۇچى ئالاقىدارلارغا نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى ياكى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللارغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك مەمۇرىي جازانى بېرىدۇ: (1) ئاگاھلاندۇرۇش؛ (2) سېتىشتىن توختىتىش؛ (3) مۇسادىرە قىلىش ياكى كېرەكسىز قىلىۋېتىش؛ (4) قانۇنسىز كىرىمىنى مۇسادىرە قىلىش؛ (5) جەرىمانە قويۇش؛ (6) كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش؛ (7) نەشرىياتنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش؛ (8) تىجارەت كىنىشكىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش. 14 - ماددا ئالاقىدار نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ياكى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ جازالاش توغرىسىدىكى قارارىغا قايىل بولسىمۇ، جازالاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە يۇقىرى دەرىجىلىك نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى ياكى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن چىقىرىلغان ھۆكۈمىگىمۇ قايىل بولمىسا، قايتا قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن چىقىرىلغان ھۆكۈمنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ، ئالاقىدار جازالاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە بىۋاستە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ، جازالاش توغرىسىدا قارار چىقارغان ئورگان مۇددەت ئۆتۈپ كەتكۈچە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىغان ھەم خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرزمۇ قىلمىغان، ئەمما جازالاش توغرىسىدىكى قارارىنى ئىجرا قىلمىغانلار ئۈستىدىن خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش توغرىسىدا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 15 - ماددا ئۆلكە سىرتىدىكى نەشرىياتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ قانۇن - نىزام توپلاملىرىنى نەشر قىلىشنى، مۇشۇ بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىش كېرەك. 16 - ماددا قانۇن - نىزام ھۆججەتلىرىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىپ ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش مۇشۇ بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. 17 - ماددا بۇ بەلگىلىمىنى چۈشەندۈرۈشكە گوۋۇيۈەننىڭ قانۇنچىلىق ئىدارىسى ۋە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى مەسئۇل بولىدۇ. 18 - ماددا بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار