UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملارئۈن - سىن بۇيۇملىرىنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچەملىك نومۇرى

ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچەملىك نومۇرى

قانۇنلار ۋەن جىنكۇن (چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتوپخانىسىدىن بېيجىڭ 100084) سەي جىشىڭ (ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىدىن بېيجىڭ 1000703) بىرنچى، CRSI - ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچەملىك نومۇرى 1992 - يىلى 5 - ئايدا، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى بىر خىل مەجبۇرىي خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمى <جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى (CRSC) (3396BG)> نى تەستىقلىدى. بۇ ئۆلچەمنى مەملىكەتلىك ھۆججەت ماتېرىياللار خىزمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش كومىتېتىنىڭ نەشر بويۇملىرى شەكلى تارماق كومىتېتى خەلقئارالىق ئۆلچەم <خەلقئارالىق ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى CRSI _ edoC gnidroceR dradnatS lanoitanrenI> (1986 - 3901 - OSI) ئاساسىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا تەتبىقلاپ لايىھىلەپ تۈزۈپ چىققان. بۇ ئۆلچەمگە ئاساسلانغاندا، 1993 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئېتىبارەن دۆلىتىمىزدىكى بارلىق ئۈن - سىن نەشرىياتلىرى جەزمەن ئۆزلىرى ئىشلەپ چىقارغان ھەر بىر خىل ئۈن - سىن بۇيۇمى (جۈملىدىن ناخشا پلاستىنكىسى، ئۈنئالغۇ لېنتىسى، سىنئالغۇ لېنتىسى، لازىر سىن دىسكىسى، لازىر ناخشا دىسكىسى قاتارلىقلار) غا كىرگۈزۈلگەن نومۇرلار ۋە بۇ نومۇرلارنىڭ مۇستەقىل ئىشلەتكىلى بولىدىغان ھەر بىر قىسىمىغا <CRSI> بەلگىسى قويۇلغان خەلقئارالىق ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇمى نومۇرى بېرىلىدۇ. بۇ نومۇر خۇددى خەلقئارالىق ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى <NBSI> كىتابلارغا، خەلقئارالىق ئۆلچەملىك ژۇرنال نومۇرى <NSSI> ژۇرناللارغا بېرىلگەنگە ئوخشاش، يەنە بىر چوڭ تۈردىكى بىلىم مەھسۇلاتى - ئۈن - سىن بۇيۇملىرىغا بېرىلىدىغان خەلقئارالىق بىردىنبىر نومۇر. ئۇنىڭ يولغا قويولۇشى جەزمەن ئېلىمىزدە ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش، تارقىتىش، ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە بازار باشقۇرۇش جەھەتتە ئاكىتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچى، CRSI نىڭ نومۇر قۇرۇلۇشى 1. CRSI نىڭ ئادەتتىكى قۇرۇلما شەكلى بىر خەلقئارالىق ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى CRSI ئۇنىڭ ئىچىدىكى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلغان <CRSI> خەلقئارالىق ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىدا كەم بولسا بولمايدىغان بەلگە، دۆلەت نومۇرى، نەشر قىلغۇچى نومۇرى، لېنتا ئىشلەنگەن ۋاقىت نومۇرى، خاتىرە نومۇرى ۋە خاتىرە تۈرى نومۇرى CRSI نومۇرىنى ھاسىل قىلىدىغان بەش سانلىق بۆلەك، ھەر قايسى بۆلەكلەر <->بەلگىسى بىلەن ئايرىۋېتىلىدۇ. بۇ بەش سانلىق بۆلەكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 12 ھەرپ - بەلگىدىن ئىبارەت بولىدۇ، ئۇ تەكشۈرۈش ئۇرنى بولمىغان بەلگىلىك ئۇزۇنلۇقتىكى قۇرۇلما (2 ـ رەسىمگە قارالسۇن). 2. CRSI نومۇرى ئىچىدىكى بەش سانلىق بۆلەك ھەققىدە چۈشەنچە (1) دۆلەت نومۇرى (edoC yrtnuoC) ئۈن - سىن بۇيۇمىنى نەشر قىلغۇچى ئورۇن تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ ۋاكالەت نومۇرى بولۇپ، ئىككى چوڭ ھەرپلىك خەتلەردىن تەشكىل قىلىنىدۇ. 166 3OSI <دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ نامىنىڭ ۋاكالەت نومۇرى> خەلقئارالىق ئۆلچەمدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېرىلىدۇ. مەسىلەن، NEDEWS = ES (شېۋېتسىيە). (2)نەشر قىلغۇچىنىڭ ۋاكالەت نومۇرى (edoC ynapmoC) شۇ ئۈن - سىن بۇيۇمى خاتىرىسىنىڭ 1 - نەشر قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە شىركىتىنىڭ ۋاكالەت نومۇرى بولۇپ، 1 - نەشر قىلىش ھوقۇقىغائىگە بولغۇچىنىڭ ۋاكالەت نومۇرى (edoC renwo tsriF) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۈچ خانلىق ھەرپ - بەلگىدىن تەشكىل قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە سانلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش دائىرىسى 0 - 9 بولىدۇ، ھەرپلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش دائىرىسى J _ N, A _ H ۋە P _ Z بولىدۇ. 1 ۋە 0 سانلىرى بىلەن ئارىلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەرپلەر <1> بىلەن <0> ھەرپنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئۈچ ھەرپ - بەلگە ھېچبولمىغاندابىرى ھەرپ ياكى سان بولۇشى كېرەك. تىزىپ بىرلەشتۈرۈش قائىدىسى بويىچە ھېسابلىغاندا، بىر دۆلەتتە نەشر قىلغۇچى ۋاكالەت نومۇرىدىن جەمئىي 24824 = (24×42×01+42×01×01)×3 نى تەسىس قىلغىلى بولىدۇ. (3) لېنتا ئىشلەنگەن ۋاقىت نومۇرى (edoC gnidroceR raeR raeY) ئۈن - سىن بويۇمى خاتىرىسىدىكى لېنتىغا ئېلىپ تاماملانغان ۋاقىت ياكى ئۈن - سىن بۇيۇمىنىڭ دەسلەپ تارقىتىلغان ۋاقتىنىڭ نومۇرى بولۇپ، شۇ يىلنىڭ ئاخىرقى ئىككى سانى قوبۇل قىلىنىدۇ. مەسىلەن، 92 1992 - يىلىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، لېنتىغا ئېلىنغان ۋاقىتنى ئۈن - سىن بويۇمىنى نەشر قىلغۇچى بېكىتىدۇ. (4)خاتىرە نومۇرى (edoC gnidroceR) بىر خىل ئۈن - سىن بۇيۇمى خاتىرىسىدىكى لېنتىغا ئېلىنغان يىل ئىچىدىكى تەرتىپ نومۇرىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، نەشر قىلغۇچى ئۈچ ياكى تۆت خانلىق سان قىلىپ بېكىتىدۇ. (5) خاتىرە تۈرى نومۇرى (edoC metI gnidroceR) بىر ئۈن - سىن بۇيۇمى خاتىرىسىدىكى ھەر بىر خىل مۇستەقىل نومۇرلارنىڭ ۋاكالەت نومۇرى بولۇپ، ئىككى ياكى بىر خانلىق ساندىن تەشكىل قىلىنىدۇ. شۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەككى، بىر CRSI نومۇرىدا خاتىرە نومۇرى بىلەن خاتىرە تۈرى نومۇرى بىر - بىرى بىلەن پەرقلىنىدۇ ھەم بىر - بىرىگە باغلىنىشلىق بولغان ئىككى سانلىق بۆلەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى مەڭگۈ بەش خانلىق سان بولۇشى كېرەك. بۇ نۇقتا ئۆزگەرمەيدۇ، يەنى خاتىرە نومۇرى ئۈچ خانلىق سان بولغاندا، خاتىرە تۈرى نومۇرى جەزمەن ئىككى خانلىق سان بولۇشى كېرەك (قىسقارتىلىپ 3 - 2 گۇرۇپپا بىرىكمىسى ياكى B تىپلىق نومۇر دەپ ئاتىلىدۇ)، خاتىرە نومۇرى تۆت خانلىق سان بولغاندا، خاتىرە تۈرى نومۇرى بىر خانلىق سان (قىسقارتىلىپ 4 - 1 گۇرۇپپا بىرىكمىسى ياكى A تىپلىق نومۇر دەپ ئاتىلىدۇ) بولۇشى كېرەك. CRSI تىن ئىبارەت بۇ خاس نومۇر لايىھىسى ئۈن - سىن بۇيۇملىرى خاتىرىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل نومۇرلارنىڭ ئاز - كۆپلىكىگە ماسلىشىش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلغان، يەنى بىر ئۈن - سىن بۇيۇمى خاتىرىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل نومۇرلارنىڭ سانى توققۇزدىن ئارتۇق بولسا، خاتىرە نومۇرى ۋە خاتىرە تۈرى نومۇرىدا 3 - 2 گۇرۇپپا بىرىكمىسى قوبۇل قىلىنىپ، خاتىرە تۈرى نومۇرى قىممىتى 00 دىن 99 غا يەتكۈزۈلىدۇ. بىر ئۈن - سىن بۇيۇمى خاتىرىسىدىكى مۇستەقىل ئىشلەتكىلى بولىدىغان نومۇرلارنىڭ سانى 10 دىن ئاز بولسا، خاتىرە تۈرى ۋە خاتىرە تۈرى نومۇرى 1 - 4 گۇرۇپپا بىرىكمىسى قوبۇل قىلىنىپ، خاتىرە تۈرى نومۇرى 0 - 9 ئارىلىقىدا بولىدۇ. ئۈچىنچى، جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى (CRSI) دۆلەت ئۆلچىمىدە مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن: جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرى ئىككى قىسىمدىن تەشكىل قىلىنىدۇ. 1 - قىسمى خەلقئارالىق ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇمى نومۇرى (CRSI)، بۇ CRSC نىڭ ئاساسىي گەۋدىسى. 2 - قىسمى ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى خاتىرىلەيدىغان تۈر ۋاكالەت نومۇرى، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى خاتىرىسىدىكى خاتىرە تۈرى ۋە ئاساسىي مەزمۇنىنىڭ پەنلەر تۈرىنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ CRSI نىڭ تولۇقلىما تەركىبى، بۇ ئىككى قىسىم </>بىلەن ئايرىۋېتىلىدۇ. 1. CRSC تا CRSI ھەققىدە بېرىلگەن كونكرېت چۈشەنچە CRSI تىكى بىر نەچچە سانلىق بۆلەكلەرنى ئىشلىتىش ھەققىدە كونكرېت مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان. (1) جۇڭگونىڭ دۆلەت نومۇرى (NC) (2) جۇڭگودىكى ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى نەشر قىلغۇچىلار نومۇرىنىڭ 1 - خانلىق بەلگىسى چوڭ يېزىلغان ھەرپتىن ئىبارەت بولىدۇ، 2 -، 3 - خانلىقلىرى ساندىن تەشكىل قىلىنغان لايىھە. مەسىلەن: 01A - جۇڭگو ناخشا پلاستىنكىسى باش شىركىتى قاتارلىقلار، بۇنىڭ بىلەن 2400 ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. دۆلىتىمىزدە ھازىر ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنىدىن 300 ى بار، بۇ سان تەقسىم قىلىشقا يېتەرلىك. (3) خاتىرە نومۇرى بىلەن خاتىرە تۈرى نومۇرىنىڭ مۇناسىۋىتى 1 - جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەندەك بولىدۇ. 1 - جەدۋەلدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولغاندا، ھەر بىر نەشر قىلغۇچىغا ھەر بىر فىلىم ئىشلەش يىلىدا 3700 خىل ئۈن - سىن بۇيۇملىرى خاتىرىسى CRSI نومۇرى تەقسىم قىلىپ بەرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 0 - 9 خاتىرە تۈرىنىڭ CRSI خاتىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدىغىنى 3000، 00 - 99 خاتىرە تۈرى نومۇرىنىڭ CRSI خاتىرىسىنى ئالالايدىغىنى 700 بولىدۇ. CRSC.2 تۈر ۋاكالەت نومۇرىنىڭ قۇرۇلمىسى جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىدىكى تۈر ۋاكالەت نومۇرى تىپ ۋاكالەت نومۇرى بىلەن پەن تۈرى ۋاكالەت نومۇرىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەشكىل قىلىنىدۇ. بۇ ئىككىسى چېكىت <.> بىلەن ئايرىۋېتىلىدۇ. (1) تىپ ۋاكالەت نومۇرى مۇنداق خاتىرىلىنىدۇ: چوڭ يېزىلغان A ياكى V ھەرپىدىن ئىبارەت بولىدۇ. A - (oiduA) V - (oediv) (2) پەن تۈرى ۋاكالەت نومۇرى: <جۇڭگوكۇتۇپخانىسىنىڭ كىتابلارنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى> دىكى 22 چوڭ تۈر نومۇرى (بىر چوڭ ھەرپتىن ئىبارەت) ۋە مەدەنىيەت - مائارىپ (G تۈرىدىكى) تىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرنىڭ 2 - دەرىجىلىك تۈر نومۇرىدىكى ئۈن - سىن بۇيۇملىرى خاتىرىسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىغا بېرىلىدىغان تۈر نومۇرى. مەسىلەن، تۈر ۋاكالەت نومۇرى <4G.A> تىل ئوقۇتۇشىغا دائىر ئۈنئالغۇ ئۈنئالغۇ لېنتىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. تۈر ۋاكالەت نومۇرى <6J.V> مۇزىكا سىئالغۇ لېنتىسىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى، تۈر ۋاكالەت نومۇرى ئۈن - سىن خاتىرىسىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىدە ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر مۇستەقىل ئىشلەتكىلى بولىدىغان نومۇرلارنىڭ CRSI نومۇرىغا بۇ قىسىمنى قوشۇش ھاجەتسىز. 3. نومۇر بېرىشتىن مىساللار ئىككى نومۇر بېرىش مىسالى ئارقىلىق بىز جۇڭگونىڭ ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇمى نومۇرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنەلەيمىز. 1 - مىسال: ئەگەر ⅩⅩ ئۈن - سىن نەشرىياتىنىڭ نەشر قىلغۇچى نومۇرى 05A بولۇپ، ئۇ 9871 - يىلى بىر قاپ <قىزىل راۋاقتىكى چۈش - چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئاساسىي ناخشىسى> سەرلەھىلىك قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى چىقارغان، لېنتىغا 13 ناخشا ئېلىنغان بولسا، ئۇنىڭدىكى نومۇر سانى 9 دىن ئېشىپ كەتكەن بولغاچقا، جەزمەن B تىپلىق خاتىرە تۈرى نومۇرى (خاتىرە نومۇرى 317 بولسا) ئىشلىتىش كېرەك. ئۇنداقتا بۇ قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسىنىڭ CRSI نومۇرى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار مۇنداق ئىپادىلىنىدۇ: 16J.A/00 - 317 - 87 - 05A - NC CRSI <قىزىل راۋاقتىكى چۈش - چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئاساسىي ناخشىسى> (ئومۇمىي خاتىرە نومۇرى) 01 - 317 - 87 - 05A - NC CRSI جىڭ ۋېن ناخشىلىرى (A يۈزىدىكى بىر ناخشا) 02 - 317 - 87 - 05A - NC RCSI ئەقىل جەۋھەرلىرى (A يۈزىدىكى 2 - ناخشا) 07 - 317 - 87 - 05A - NC CRSI ئاھ شىياڭلىڭ (Bيۈزىدىكى 1 - ناخشا) 13 - 317 - 87 - 05A - NC CRSI قىزىل راۋاقتىكى چۈش (B يۈزىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ناخشا) 2 - مىسال: ئەگەر ⅩⅩ ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نەشرىياتىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن نەشر قىلغۇچى نومۇرى 18C بولۇپ، ئۇ نەشرىيات 9901 - يىلى <خۇاڭشەن مەنزىرلىرى> دېگەن بىر قاپ سىنئالغۇ لېنتىسىنى چىقارغان بولسا، بۇ سىنئالغۇ لېنتىسىغا خۇاڭشەن تېغىنىڭ ئالتە كۆرۈنوشى ئېلىنغان، مۇستەقىل خاتىرە نومۇرلار سانى 10 دەن ئاز بولغان بولسا، ئۇنىڭغا A تىپلىق خاتىرە نومۇرى (خاتىرە نومۇرى 0009) ئىشلىتىلىدۇ، دېمەك بۇ سىنئالغۇ لېنتىسىنىڭ CRSI نومۇرى ۋە مۇناسىپ مەزمۇنلار تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلىنىدۇ: 14.V/0 - 0000 - 90 - 18 - NC CRSI <خۇاڭشەن مەنزىرىلىرى> (ئومۇمىي خاتىرە نومۇرى) 1 - 0009 - 09 - 18C - NC CRSI خۇاڭشەن مەنزىرىلىرىنىڭ 1 - سى 6 - 0009 - 90 - 18C - NC CRSI خۇاڭشەن مەنزىرىلىرىنىڭ 6 - سى تۆتىنچى، CRSI نى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش 1. CRSI باشقۇرۇش سىستېمىسى خەلقئارلىق ئۆلچەملىك ئۈن - سىن بۇيۇملىرى نومۇرىنىڭ (CRSI) قۇرۇلمىسىغا قاراپ، ئۇنىڭ خەلقئارلىق ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىغا (CRSI) ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى، روشەن قاتلام مۇناسىۋىتىگە ئىگە باشقۇرۇش سىستېمىسى (قوشۇمچە 4 - جەدۋەلگە قارالسۇن) ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. (1) خەلقئارالىق CRSI مەركىزى: CRSI نى پۈتۈن دۇنيادا يولغا قويۇش ۋە باشقۇرۇشقا CRSI بويىچە خەلقئارالىق تىزىمغا ئېلىشقا مەسئۇل ئورگان. 1988 - يىلى خەلقئارالىق ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتى (OSI) بۇ مەركەزنى ئەنگىلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدىكى خەلقئارا ناخشا پلاستىنكىسى جەمئىيىتىدە(yrtsudnI cihparognohp eht fo noitaredeF IanoitanretnI : IPFI) تەسىس قىلىشنى قارار قىلغان. (2) دۆلەت CRSI مەركىزى: ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئۆز دۆلىتىدە تىزىمغا ئالدۇرغان ئۈن - سىن شىركەتلىرىگە نەشر قىلغۇچى نومۇرى تەقسىمقىلىپ بېرىش ھەمدە قەرەللىك ھالدا خەلقئارالىق مەركەزگە نەشر قىلغۇچىلار ئىسىملىكىنى يوللاپ بېرىش. نۆۋەتتە،ئەنگىلىيە، فرانسيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شۋېتىسيە، نورۋىگىيە، دانىيە، ئاۋستىرىيە، بېلگىيە، شۋېتسارىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدە دۆلەت CRSI مەركىزى قۇرۇلغاندىن سىرت، يەنە ئامېرىكا، ياپونىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ 1990 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ CRSI مەركەزلىرىنى قۇردى. شەك - شۈبھىسىزكى، CRSI نومۇرىنىڭ بىردەكلىكى ۋە ئىشەنچىلىكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خەلقئارالىق CRSI مەركىزى <CRSI نى ئىشلىتىش كۆرسەتكۈچى> نى تۈزۈپ بېسىپ، CRSI نى تەقسىم قىلىش، ئىشلىتىش توغرىسىدا بىر نەچچە بەلگىلىمە ۋە تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىقلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: (1) ئۈن - سىن بۇيۇمىنىڭ CRSI نومۇرى تەقسىم قىلىنغاندىن كېيىن مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ. ۋاقىت، جاي ياكى نەشر ھوقۇقىدا ئۆزگىرىش بولسمۇ ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ. (2) ئۈن - سىن بويۇمىنىڭ ھەر قانداق مەزمۇنىدا ئۆزگىرىش بولسا، ئۇنىڭغا يېڭى CRSI نومۇرى تەقسىم قىلىپ بېرىش كېرەك. (3) CRSI نومۇرىنى تەكرار تەقسىم قىلىشقا بولمايدۇ، بىر CRSI نومۇرىنى پەقەت بىرلا ئۈن - سىن بۇيۇمىغا تەقسىم قىلىپ بەرگىلى بولىدۇ. (4) CRSI نومۇرى ئۈن - سىن بۇيۇملىرى خاتىرىسىنىڭ مۇقاۋىسى، لېنتا ئوتتۇرىسى، لېنتا بېشى قاتارلىق مۇھىم جايلارغا بېسىلىشى ياكى شۇ جايلاردا ئىپادىلىنىشى كېرەك. (5) مۇكەممەل CRSI خاتىرىسى سانلىق ئاساسلىق ئىسكىلاتى قۇرۇش، ھەر بىر CRSI خاتىرىسى كاتالوگ نومۇرى، ماۋزۇسى، ئورۇندىغۇچى، يازغۇچى، ئاڭلىتىش - كۆرسىتىش ۋاقتى قاتارلىق ئاساسىي ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. بەشىنچى، CRSI نى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشلىتىش ئىستىقبالى CRSI زامانىۋى لېنتىغا ئېلىش تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ئۈن - سىن بۇيۇملىرى بازارلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشى ئارقىسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئۇ ھەر خىل ئۈن - سىن بۇيۇملىرى ۋە ئۇلاrدىكى ھەر بىر مۇستەقىل ئىشلەتكىلى بولىدىغان نومۇرلارنى خەلقئارالىق بىردىنبىر ئۆلچەملىك نومۇر بىلەن تەمىن ئەتتى. ئىنتېرنېت تورى، نۇر، ئېلېكتر ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى سودىسى ئوبوروتىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ، CRSI ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى بارغانسىرى جارى قىلدۇرىدۇ، 1988 - يىلى IPFI غا ئەزا دۆلەتلەر CRSI نى مۇزىكا سىنئالغۇ فىلىملىرىدا (oediV kisuM) قوللىنىپ، نەشر ھوقۇقىنى ئوغرىلاپ نەشر قىلىش، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇزقىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. CRSI يەنە ئۈن - سىن بۇيۇملىرى خاتىرىسىگە ئېرىشتى. CRSI يەنە ئۈن - سىن بۇيۇملىرى خاتىرىسىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ساقلاش، تەكشۈرۈپ تېپىش، ئالماشتۇرۇش، ستاتىستىكا خىزمىتىنى كومپيۇتېرلاشتۇرۇشقا قۇلايلىق يارىتىپ، كەلگۈسىدىكى سىملىق تېلېۋىزىيە قاتارلىق ھەقلىق مۇلازىملىق سىستېمىسىدا ۋاقىت ھېسابلاش، پۇل تاپشۇرۇش، ھېسابات قىلىشنىڭ ئىشەنچىلىك ئاساسى بولۇپ قالىدۇ. ئېلىمىزدە، CRSI نى ئىشلتىش - ئۈن - سىن بۇيۇملىرى بازارلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، قانۇنسىز، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، شۇنىڭدەك سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. 1993 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئېتىبارەن، CRSI دۆلىتىمىزنىڭ ئۈن - سىن بۇيۇملىرى ساھەسىدە يولغا قويۇلدى ھەمدە 100 مىليونلىغان ئۈن - سىن بۇيۇملىرىغا بېسىلدى، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئۈن - سىن بۇيۇملىرى ئىشلىرىنىڭ دۇنياغا قەدەم قويغانلىقىنىڭ بەلگىسى.
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار