ئۇنۋېرسال ژۇرناللارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۇقتۇرۇشى
قانۇنلار
ئاخبارات - نەشرىيات. گېزىت - ژرۇنال
]2000[ 753 - نومۇرلۇق
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە، مەركەز، گوۋۇيۈەننىڭ ژۇرنال باشقۇرۇش تارماقلىرىغا، ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۆلۈمى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە:
يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، بەزى ژۇرناللار نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تەشۋىقات ئىنتىزامغا رىئايە قىلماي، سىياسىي خاتالىق بولغان ياكى خاتا ئىدىيۋى ئىنتىزامغا رىئايە قىلماي، سىياسىي خاتالىق بولغان ياكى خاتا ئىدىيۋى خاھىش بولغان ماقالىلەرنى بېسىپ، توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىدىن چەتلەپ، ژۇرنال چىقىرىش فاڭجىنىغا ۋە ئاساسىي پرىنسىپلارغا خىلاپلىق قىلدۇ؛ بەزى ژۇرناللار ماقالە تاللاش، ماقالە تەكشۈرۈش تۈزۈمىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلماي، ساختا، پاكىتقا ئۇيغۇن بولمىغان مەزمۇندىكى ماقالىلەرنى بېسىپ، ساختا ۋاستىلەر ئارقىلىق ساختىلىقنى تارقىتىپ، ئۇقۇرمەنلەردە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ، ژۇرنال نەشرىياتچىلىقىنىڭ نورمال تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى ۋە كاشىلا قىلدى؛ يەنە بەزى ژۇرناللار ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ھېسابلاشماي، بىر تەرەپلىمە ھالدا تىراژ قوغلىشىپ، ئاتالمىش <ئىجتىمائىي قىزىق نۇقتا> پەيدا قىلىپ، مۇقامى تۆۋەن بولغان ئىجتمائىي ئاخباراتلارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلدى. يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار ئېقىم مەسىلىلىرى، سىياسىي، ئۇنىۋېرسال مەدەنىي تۇرمۇش تۈرىدىكى ژۇرناللار نەشرىياتچىلىقىدا بىر قەدەر گەۋدىلىك بولدى، بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ژۇرناللارنى نەشر قىلىش تەرتىپىنى قوغداپ، پارتىينىڭ تەشۋىقات خىزمىتى فاڭجېنىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى، ژۇرنال نەشر قىلىش ئىشلىرىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئېقىم مەسىلىلىرى، سىياسىي، ئۇنىۋېرسال مەدەنىي تۇرمۇش، ئۇچۇر - تەرمە ۋە ئىلمىي نەزەرىيە تۈرىدىكى ژۇرناللارنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ماقالە تەھرىرلىكى، ئورىگىنال تەكشۈرۈش ۋە ئورىگىنال يوللاش قاتارلىق ئىش ھالقىلىرىنى يەنىمۇ ئوبدان باشقۇرۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالدى، بۇنىڭغا ئالاقىدار ئىشلار تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇلىدۇ:
1. ئېقىم مەسىلىلىرى، سىياسىي، ئۇنىۋېرسال مەدەنىي تۇرمۇش، ئۇچۇر - تەرمە، ئىلمىي نەزەرىيە تۈرىدىكى ژۇرناللارنى نەشر قىلىشتا، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە، توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيلىق ئېڭى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئۈچۈن، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت نەشرىياتچىلىق فاڭجىنىدا، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.
2. ئېقىم مەسىلىلىرى، سىياسىي، ئۇنىۋېرسال مەدەنىي تۇرمۇش، ئۇچۇر - تەرمە ۋە ئىلمىي نەزەرىيە تۈرىدىكى ژۇرناللارنى نەشر قىلىش جەريانىدا، پارتىينىڭ تەشۋىقات خىزمىتىگە دائىر فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش، دۆلەتنىڭ ژۇرنال نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن - نىزام، قائىدە - بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارنىڭ ژۇرناللارغا بېسىلىشىنى قاتتىق مەنئى قىلىش كېرەك:
(1) ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى ۋە دېڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى ئىنكار قىلىدىغان؛
(2) پارتىينىڭ لۇشىيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە خىلاپ بولغان؛
(3) دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلايدىغان، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان؛
(4) مىللەتلەر، دىن سىياسىتىگە خىلاپ بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان؛
(5) قاتىللىق، زوراۋانلىق، شەھۋانىيلىق، خۇراپاتلىق ۋە ساختا پەننى تەرغىپ قىلىدىغان، ئىدىيۋى يۆنىلىشى خاتا بولغان؛
(6) پىتنە - ئىغۋا تارقىتىدىغان، يالغان ئاخبارات - ئويدۇرۇپ ئېلان قىلىدىغان، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيلىقىغا كاشىلا قىلىدىغان؛
(7) پارتىينىڭ تەشۋىقات ئىنتىزامىغا ۋە دۆلەتنىڭ نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇشقا دائىر باشقا بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ بولغان.
3. ئېقىم مەسىلىلىرى، سىياسىي، ئۇنىۋېرسال مەدەنىي تۇرمۇش، ئۇچۇر - تەرمە ۋە ئىلمىي نەزەرىيە تۈرىدىكى ژۇرناللارغا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ زور سىياسىي مەسىلىلىرىگە دائىر مەزمۇنلار، دىپلوماتىيە، مىللەت، دىن سىياسىتىگە چېتىلىدىغان مەزمۇندىكى ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، ئارمىيە، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىغا چېتىلىدىغان مەزمۇندىكى ماقالىلەرنى بېسىشتا، جەزمەن پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈملىرىنىڭ بىر تۇتاش تەلىپىگە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىش كېرەك.
4. ئېقىم مەسىلىلىرى، سىياسىي، ئۇنىۋېرسال مەدەنىي تۇرمۇش، ئۇچۇر - تەرمە ۋە ئىلمىي نەزەرىيە تۈرىدىكى ژۇرناللارنى نەشر قىلىدىغان ئورۇنلار تەھرىرلىك ئورگانلىرى ۋە ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورىگىناللارنى تۈزۈش، يوللاش ۋە تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورىگىنال يوللاشتىكى ئۈچ دەرىجىلىك تەكشۈرۈش تۈزۈمى ۋە باش تەھرىر، باش مۇھەررىر ئاخىرقى قېتىم تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىدىغان مەزمۇنلاردا ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلەپ، بارلىق يۇشۇرۇن ئاپەت ۋە يوچۇقلارنى توسۇپ، خاتا ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغان ماقالىلەرنىڭ يوللىنىشى ۋە ئېلان قىلىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
5. ئېقىم مەسىلىلىرى، سىياسىي، ئۇنىۋېرسال مەدەنىي تۇرمۇش، ئۇچۇر - تەرمە ۋەئىلمىي نەزەرىيە تۈرىدىكى ژۇرناللاردا كەلگەن ماقالىلەرنى تەھرىرلەش ۋە يوللاشتا، ئەستايدىل تەكشۈرۈپ، ئۆتكەلنى ياخشى ئىگىلەش، باشقا گېزىت - ژۇرنال ۋە نەشر بۇيۇملىرىدا ئېلان قىلىنغان مەزمۇنلارنى باسقاندا، شۇ ماقلىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان نەشر ئورۇنلىرى ياكى تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن ماقالىلەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەپسلىي ئېنىقلاپ، خاتالىق يوقلۇقى ھەقىقىي ئېنىق بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئورىگىنال يوللاش كېرەك. مەزمۇنى پارتىينىڭ تەشۋىقات ئىنتىزامىغا ياكى دۆلەتنىڭ نەشرىياتچىلىققا دائىر بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق بولغان ماقلىلەرنى يوللاشقا ۋە كۆچۈرۈپ بېسىشقا بولمايدۇ. ئىنتېرنېتتىكى ئۇچۇرلارنى كۆچۈرۈپ بېسىشقا بولمايدۇ.
6. ئېقىم مەسىلىلىرى، سىياسىي، ئۇنىۋېرسال مەدەنىي تۇرمۇش، ئۇچۇر - تەرمە ۋە ئىلمىي نەزەرىيە تۈرىدىكى ژۇرناللار مەزمۇنى زور تېمىلارغا دائىر ماقالىلەرنى بېسىشتا، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل تارماقلارنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە، ئالاقىدار باشقۇرۇش تارماقلىرىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. ئەنگە ئالدۇرۇلمىغانلىرىنى بېسىشقا بولمايدۇ.
7. ئېقىم مەسىلىلىرى، سىياسىي، ئونىۋېرسال مەدەنىي تۇرمۇش، ئۇچۇر - تەرمە ۋە ئىلمىي نەزەرىيە تۈرىدىكى ژۇرناللار تەھرىر بۆلۈم قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ ياخشى ئېلىپ بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك تەھرىرلەرنىڭ ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، شۇنداق قىلىپ ژۇرنال مەزمونىنىڭ توغرا سىياسىي سۈپىتىگە، بۇ تۈرىدىكى ژۇرناللارنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشى ۋە جامائەت پىكرى يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
8. ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار ۋە ژۇرنال چىقارغۇچى ئورۇنلار ئېقىم مەسىلىلىرى، سىياسىي، ئۇنىۋېرسال مەدەنىي تۇرمۇش، ئۇچۇر - تەرمە ۋە ئىلمىي نەزەرىيە تۈرىدىكى ژۇرناللارغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۆزلىرىگە قاراشلىق ژۇرناللارنى باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ژۇرنالغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەخسۇس ئادەم ۋە مەخسۇس ئورگان بەلگىلەپ، ژۇرناللارنى تەكشۈرۈپ ئوقۇش ۋە باشقۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان ژۇرناللاردا مەسىلە كۆرۈلسە، مەسئۇل تارماق بىلەن چىقارغۇچى ئورۇن رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
9. ئېقىم مەسىلىلىرى، سىياسىي، ئۇنىۋېرسال مەدەنىي تۇرمۇش، ئۇچۇر - تەرمە ۋە ئىلمىي نەزەرىيە تۈرىدىكى ژۇرناللارنى نەشر قىلىشتا، تەستىقلاپ بېكىتكەن ژۇرنال چىقىرىش مەقسىتىگە ۋە كەسپىي ئىش تەقسىمات دائىرىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەك، ژۇرنال چىقىرىش مەقسىتى ياكى ئۇنىڭدىن ھالقىپ كېتىشكە بولمايدۇ؛ بىر ژۇرنالدا بىر نومۇر بولۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەك، بىر ژۇرنال نومۇرى بىلەن ئوخشاش بولمىغان نۇسخىسىنى چىقىرىشقا بولمايدۇ.
10. ئېقىم مەسىلىلىرى، سىياسىي، ئۇنىۋېرسال مەدەنىي تۇرمۇش، ئۇچۇر - تەرمە ۋە ئىلمىي نەزەرىيە تۈرىدىكى ژۇرناللارنى ھەر قانداق شەكىل بىلەن ھۆددىگە بېرىشكە ياكى باشقا ئورۇن، شەخىسلەرنىڭ تەھرىرلەپ نەشر قىلىشىغا ھاۋالە قىلىشقا بولمايدۇ.
11. ئېقىم مەسىلىلىرى، سىياسىي، ئۇنىۋېرسال مەدەنىي تۇرمۇش، ئۇچۇر - تەرمە ۋە ئىلمىي نەزەرىيە تۈرىدىكى ژۇرناللار مۇشۇ ئۇقتۇرۇشتىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلسا، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلار ئەھۋالنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇناسىپ مەمۇرىي جازا بېرىدۇ، ژۇرناللارغا مەسئۇل تارماقلار ۋە ژۇرنال چىقارغۇچى ئورۇنلار ئالاقىدار جاۋابكارلارغا مۇناسىپ مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.
ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى
2000 - يىلى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى