UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملارئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكىسىنى باشقۇرۇش چارىسى

ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكىسىنى باشقۇرۇش چارىسى

قانۇنلار 1997 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى. ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ 7 - نومۇرلۇق بۇيرۇقى بىرىنچى باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1 - ماددا بۇ چارە ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق سىتاتىسىكىسىنى باشقۇرۇشنى كۈچۈيتىپ، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنىڭ توغرا بولۇشى، ۋاقتىدا ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ستاتىستىكا قانۇنى> (تۆۋەندە قىسقارتىپ <ستاتىستىكا قانۇنى> دەپ ئېلىندى) غا ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پرىنسىپلىرىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى بەلگىلەنگەن ھەر خىل ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق كەسپىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا تەتبىقلاپ تۈزۈپ چىقىلدى. 2 - ماددا بۇ چارە ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكىلىرىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. 3 - ماددا ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكىسىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق كەسپىنى باشقۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئەھۋالى ئۈستىدىن ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش، تەھلىل ئېلىپ بېرىش، ستاتستىكىلىق ئۇچۇر ۋە مەسلىھەتچىلىك بىلەن تەمىن ئېتىش، سىتاتىستىكا نازارەتچىلىكنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت. ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكىسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى كىتاب، كىتاب - ژۇرنال، گېزىت، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى ۋە ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش، كۆپەيتىپ ئىشلەش، تارقىتىش، ئىمپورت - ئىكىسپورت قىلىش، نەشر ھوقۇقى سودىسى، كىتاب - ژۇرنال باسىدىغان كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، ئاخبارات - نەشرىيات كارخانا، كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ مالىيە، خادىم قاتارلىق ئاساسىي ئەھۋالىنى ستاتستىكا قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4 - ماددا ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتستىكىسىدا بىر تۇتاش باشقۇرۇش، دەرىجىگە بۆلۈپ مەسئۇل بولۇش يولغا قويۇلىدۇ. ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا خىزمىتىگە مەسئۇل تارماق، دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىكىدە ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا خىزمىتىنى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ ۋە تەشكىللەپ ماسلاشتۇىدۇ. مەركەز ۋە جايلاردىكى ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماقلار، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق كارخانا، كەسپىي ئورۇنلىرى ھەر دەرىجىلىك نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلارنىڭ كەسپىي (ستاتىستىكا) يېتەكچىلىكىدە، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. 5 - ماددا جايلار، تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئورگانلىرى ۋە ستاتىستىكا خادىملىرىنىڭ <ستاتىستىكا قانۇنى> ۋە ھەر خىل قائىدە - تۈزۈملەرنى ئىجرا قىلىشىغا رەھبەرلىك، نازارەتچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. رەھبىرىي خادىملارنىڭ ستاتىستىكا ئورگانلىرى ۋە ستاتىستىكا خادىملىرى تەمىن ئەتكەن ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇلمايدۇ، ئەگەر ستاتىستىكا ماتېرىياللىرى ئەمەلىي بولمىغان، دەپ قارىسا، ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم، ئۇنى ستاتىستىكا ئورگانلىرى ياكى ستاتىستىكا خادىملىرى تەكشۈرۈپ تۈزىتىدۇ. ستاتىستىكا ئورگانلىرى، ستاتىستىكا خادىملىرى رەھبىرىي خادىملارنىڭ ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى مەجبۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ياكى غەرەزلىك ھالدا ئۆزگەرتىش، ياكى ساختا سانلىق ئاساسلارنى تۈزۈپ چىقىش قىلمىشلىرىنى رەت قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە ئۆزلىرى يوللىغان ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنىڭ چىنلىقىغا مەسئۇل بولىدۇ. 6 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ستاتىستىكا خىزمىتىنى ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ئىشلرىنىڭ تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك. 7 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلار ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ستاتىستىكا خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا خىزمىتىنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. 8 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلار، مەركەز ۋە جايلاردىكى ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىققا دائىر كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار سىتاتىستىكا خىزمىتىنىڭ ئېھتىياچى ۋە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ بىر تۇتاش پىلانىغا ئاساسەن، پىلانلىق ھالدا زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىلىرىنى قوللىنىپ، زۆرۈر بولغان ستاتىستىكا ھېسابلاش ۋە سانلىق ئاساسلارنى يەتكۈزۈش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەپ، پۈتۈن مەملىكەت ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا ئۇچۇرلىرىنى ئاپتوماتىك باشقۇرۇشنى ۋە تور سىستېمىسىنى تەدرىجىي قۇرۇپ چىقىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. 9 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلار ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكىسى ۋەزىپىسى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش، ستاتىستىكىلىق تەھلىل قىلىش ۋە مۆلچەرلەش، ستاتىستىكا قىلىشتا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر ۋە ستاتىستىكا كەسپى ئېھتىياجلىق بولغان باشقا خىراجەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ستاتىستىكا كەسپىي خىراجىتىنى مەمۇرىي، كەسپىي ئىشلار خىراجىتى، پەن تەتقىقات خىراجىتى ۋە ئۆز قۇرۇلۇشى خىراجەت پىلانىغا كىرگۈزۈشى، يېتىشمىگەن قىسىمىنى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق تولۇقلىشى كېرەك. 10 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ستاتىستىكا ئورگانلىرى ۋە ستاتىستىكا خادىملىرى <ستاتىستىكا قانۇنى> ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پرىنسىپلىرى شۇنىڭدەك مۇشۇ چارە بويىچە ستاتىستىكلىق تەكشۈرۈش، ستاتىستىكا دوكلاتى يېزىش، ستاتىستىكىلىق نازارەتچىلىك، تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئارىلىشىشىغا ۋە كاشلا قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 11 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلار ستاتىستىكا خىزمىتىدە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان، ستاتىستىكا خىزمىتىگە دائىر قانۇن - نىزاملارنى ئىجرا قىلىش ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلىشى ۋە تەقدىرلىشى كېرەك. ئىككىنچى باب ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ستاتىستىكا خادىملىرى 12 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى پۈتۈن مەملىكەت ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل تارماقلار، مەركەز ۋە جايلاردىكى ھەر قايسى ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ستاتىستىكا خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۇنىۋېرسال ستاتىستىكا فۇنكىسىيىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئاپپاراتلارنى ئېنىق بېكىتىپ، نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا خىزمىتىنى مەخسۇس ياكى مۇقىم ھالدا قوشۇمچە ئىشلەيدىغان خادىملارنى قويۇشى ھەمدە ستاتىستىكىغا مەسئۇل خادىملارنى بەلگىلىشى كېرەك. ئاخبارات - نەشرىيات كارخانا، كەسپىي ئورۇنلىرى ستاتىستىكا خىزمىتىنىڭ تەلەپلىرىگە ئاساسەن، ئالاقىدار ئاپپاراتلاردا ستاتىستىكا خىزمىتىنى مەخسۇس ياكى مۇقىم ھالدا قوشۇمچە ئىشلەيدىغان خادىملارنى قويۇشى لازىم. ھەر دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال ستاتىستىكا قىلىش تارماقلىرى ستاتىستىكا خادىملىرىنىڭ دۆلەت ۋە جايلارنىڭ ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىغا يېتەكچىلىك ۋە ياردەم قىلىشى كېرەك. 13 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتىلىرى ياكى ستاتىستىكىغا مەسئۇل خادىملار ئۆز تارمىقىنىڭ ئۇنىۋېرسال ستاتىستىكا قىلىش فۇنكىسىيىسىنى يۈرگۈزىدۇ ھەمدە تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ: بىرىنچى، ئۆز تارمىقى ئىچىدىكى ستاتىستىكا قىلىش فۇنكىسىيىسى بولمىغان ئاپپاراتلارنىڭ كەسپىي ستاتىستىكا خىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ، ئۆزىگە قاراشلىق رايوندىكى ئاخبارات - نەشرىيات كارخانا، كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا خىزمىتىگە يېتەكچىلىك ۋە تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ. ئوخشاش دەرىجىلىك ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئىككىنچى، ستاتىستىكىغا دائىر قانۇن، قائىدە - تۈزۈملەرنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ستاتىستىكا ئۆلچىمى ۋە تولۇقلاش خاراكتېرىدىكى ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكىسى ئۆلچىمىنى ئىزچىللاشتۇرىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ. 13 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتىلىرى ياكى ستاتىستىكىغا مەسئۇل خادىملار ئۆز تارمىقىنىڭ ئۇنىۋېرسال ستاتىستىكا قىلىش فۇنكىسىيىسىنى يۈرگۈزىدۇ ھەمدە تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ: بىرىنچى، ئۆز تارمىقى ئىچىدىكى ستاتىستىكا قىلىش فۇنكىسىيىسى بولمىغان ئاپپاراتلارنىڭ كەسپىي ستاتىستىكا خىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ، ئۆزىگە قاراشلىق رايوندىكى ئاخبارات - نەشرىيات كارخانا، كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا خىزمىتىگە يېتەكچىلىك ۋە تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ. ئوخشاش دەرىجىلىك ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئىككىنچى، ستاتىستىكىغا دائىر قانۇن، قائىدە - تۈزۈملەرنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ستاتىستىكا ئۆلچىمى ۋە تولۇقلاش خاراكتېرىدىكى ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكىسى ئۆلچىمىنى ئىزچىللاشتۇرىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ. ئۈچىنچى، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق كەسپىنى ماكرولۇق باشقۇرۇش ۋە ئىلمىي ئۇسۇلدا تەدبىر بەلگىلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكىسى كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى قۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش لايىھىسى تۈزۈپ چىقىدۇ، ئۆز تارمىقى ئىچىدىكى ستاتىستىكا قىلىش فۇنكىسىيىسىگە ئىگە ئەمەس ئاپپاراتلار تۈزگەن كەسپىي ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش لايىھىسىنى تەكشۈرىدۇ، تەشكىللەيدۇ، باشقۇرىدۇ، ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈشنى يولغا قويىدۇ. تۆتىنچى، ئۆزىگە قاراشلىق دائىرىدىكى ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق كەسپىنىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە ستاتىستىكىلىق تەھلىل يۈرگۈزىدۇ ۋە ستاتىستىكىلىق مۆلچەرلەش ئېلىپ بارىدۇ، ستاتىستىكا نازارەتچىلىكىنى يولغا قويۇپ، مەسلىھەتچىلىك مۇلازىملىقى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. بەشىنچى، ئۆز تارمىقىدىكى رەھبەرلەر ۋە ئالاقىدار كەسپىي ئورگانلارنى كەسپىي باشقۇرۇشتا ئېھتىياجلىق بولغان ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ ھەمدە سىرتقا ئېلان قىلىنىدىغان ئاخبارات - نەشرىيات ستاتىستىكا ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىن ئېتىشكە، دۆلەتنىڭ ۋە تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئالىتىنچى، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ بىر تۇتاش پىلانى بويىچە، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا ئۇچۇرلىرىنى ئاپتوماتىك باشقۇرۇش تور سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ. يەتتىنچى، ئۆزىگە قاراشلىق دائىرە ئىچىدە ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا خادىملىرىنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيلەشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ. يەتتىنچى، ئۆزىگە قاراشلىق دائىرە ئىچىدە ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتسىتىكا خادىملىرىنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيلەشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ. سەككىزىنچى، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا بويىچە خەلقئارلىق ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقلارغا پائال قاتنىشىدۇ. 14 - ماددا ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا ئورگانلىرى ۋە ستاتىستىكا خادىملىرى ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا خىزمىتىدە تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ. بىرىنچى، ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ھوقۇقى: ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەكشۈرىدۇ، توپلايدۇ، ئالاقىدار تەكشۈرۈش يىغىنلىرىنى ئاچىدۇ، ئالاقىدار تارماق، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار، خادىملاردىن ستاتىستىكىلىق ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ستاتىستىكىلىق ماتېرىياللارغا ئالاقىدار بولغان ھەر خىل ئىپتىدائىي خاتىرىلەرنى تەكشۈرۈپ، چىن بولمىغان ستاتىستىكىلىق سانلىق ئاساسلارنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. تەكشۈرۈلگۈچى تارماق، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە خادىملار ئالاقىدار ماتېرىياللار ۋە ئەھۋاللار بىلەن ئەينەن تەمىن ئېتىشى لازىم، ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى مەلۇم قىلىشنى رەت قىلىشقا، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلىشقا، ساختا مەلۇم قىلىشقا، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلماسلىققا بولمايدۇ. ئىككىنچى، ستاتىستىكىلارنى دوكلات قىلىش ھوقۇقى: ستاتىسكىلىق تەكشۈرۈشتە ئېرىشكەن ماتېرىياللار ۋە ئەھۋاللارنى رەتلەپ، تەھلىل قىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان ۋە ستاتىستىكا تارماقلىرىنى ستاتىستىكىلىق ماتېرىياللار بىلەن ۋاقتىدا ۋە ئەينەن تەمىن ئېتىدۇ. ھەر قانداق تارماق ۋە شەخسلەرنىڭ ستاتىستىكىلىق ماتېرىياللارنى سەۋەبسىز ھالدا توسۇپ قويۇشىغا، باستۇرۇپ قويۇشىغا، ستاتىستىكىلىق سانلىق ئاساسلارنى يالغاندىن پەيدا قىلىشىغا ۋە ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ئۈچىنچى، ستاتىستىكىلىق نازارەتچىلىك قىلىش ھوقۇقى: ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ۋە ستاتىستىكىلىق تەھلىلگە ئاساسەن، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق خىزمىتىگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ياخشىلاش توغرىسىدىكى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى، ستاتىستىكا خادىملىرى كۆرسىتىپ بەرگەن مەسىلە ۋە ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 15 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ستاتىستىكا خادىملىرى نىسپىي مۇقىملىقنى ساقلاپ قېلىشى لازىم. ستاتىستىكا خادىملىرى خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلى ستاتىستىكا ئىش ئورنىنى كۆتۈرمەكچى بولسا، بەلگىلەنگەن خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە خادىملارنى قويۇشى ھەمدە تاپشۇرۇش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتىشى، ئالدى بىلەن سەپلەپ، ئاندىن يۆتكەش كېرەك، ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان، لاياقەتسىز بولغان ستاتىستىكا خادىملىرىنى ۋاقتىدا تەڭشىۋېلىش كېرەك. 16 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەسئۇل مەمۇرىي ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا خادىملىرىنىڭ تېخنىكا ئۇنىۋانىنى باھالاشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىشى لازىم. ئۈچىنچى باب ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكىسىنى باشقۇرۇش 17 - ماددا دۆلەت ۋە يەرلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكىسىنى تەكشۈرۈش لايىھىسىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى ۋە يەرلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلار تۈزۈپ چىقىدۇ ھەمدە <ستاتىستىكا قانۇنى> دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ. جايلارنىڭ ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش لايىھىسى، كۆرسەتكۈچلىرى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلىرى، ھېسابلاش ئۇسۇلى، تاماملاش مۇددىتى ۋە باشقا ئالاقىدار مەزمۇنلار دۆلەتنىڭ ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش لايىھىسىگە زىت كەلمەسلىكى كېرەك. 18 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى تۈزۈپ تارقاتقان ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش جەدۋىلى (ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە كەسپىي ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش جەدۋىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) گە شۇ تارماقنىڭ ستاتىستىكا ئورگىنى بىر تۇتاش نومۇر بېرىدۇ ھەمدە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا تارماقلىرىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللايدۇ ياكى يوللاپ ئەنگە ئالدۇرىدۇ. ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەسئۇل تارمىقىغا تەۋە سىستېمىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئىشلىتىلىدىغان ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش جەدۋەللىرىنى تۈزۈپ تارقىتىشنى شۇ ئورۇننىڭ مەسئۇلى تەستىقلايدۇ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ستاتىستىكا ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ، شۇ تارماققا تەۋە سىستېمىنىڭ سىرتىغا تارقىتىلىدىغان ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش جەدۋىلى شۇ تارماق مەسئۇلى تەكشۈرۈپ ئىمزا قويغاندىن كىېيىن تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ستاتىستىكا تەستىقلاپ ئىشلەپ تارقىتىشىغا يوللاپ بېرىلىدۇ. 19 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكىسىغا دائىر تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ مەنىسى، ھېسابلاش ئۇسۇلى، تۈرلەرگە ئايرىلىشى، تەكشۈرۈش جەدۋىلى شەكلى، تەكشۈرۈش نومۇرى، شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ باشقا جەھەتتىكى ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكىسى ئۆلچىمىنى قانۇن بويىچە تۈزۈپ قويۇلمايدۇ. ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكىسى ئۆلچىمىنى ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ خالىغانچە تۈزىتىشى ۋە ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 20 - ماددا جايلاردىكى ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى، مەركەز ۋە جايلاردىكى ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى، ئاساسىي قاتلامدىن ستاتىستىكا جەدۋەللىرىنى يىغقاندا، جەدۋەللەرنى تەكشۈرۈش ۋە جەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنىڭ يۇقىرىغا يوللىنىش نىسبىتىگە ۋە توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللىنىدىغان ستاتىستىكا جەدۋەللىرىنى شۇ تارماقنىڭ مەسئۇل رەھبىرى تەكشۈرۈپ ئىمزا قويغاندىن سىرت، يەنە جەدۋەل تولدۇرۇش چۈشەندۈرۈشىنى قوشۇمچە قىلىپ، ئاساسىي قاتلاملارنىڭ جەدۋەللەرنى يۇقىرىغا يوللاش ئەھۋالى، شۇ سان جەدۋەلدىكى چوڭ سانلارنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك. 21 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى، مەركەز ۋە جايلاردىكى ھەر قايسى ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى، ھەر قايسى ئاخبارات - نەشرىيات كارخانا، كەسپىي ئورۇنلىرى ئاخبارات - تۈزۈملىرىگە ئاساسەن، ئىپتىدائىي خاتىرە، ستاتىستىكا ئۈستەل ھېساباتى، ستاتىستىكا ئارخىپلىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. 22 - ماددا ھەر قايسى تارماق، ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنىڭ چىنلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ستاتىستىكا ماتېرىياللىرى شۇ تاماق، شۇ ئورۇننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئوبيېكىتپ ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلىشى كېرەك. ستاتىستىكىلىق سانلىق ئاساسلارنى ھەر قانداق ئورۇن بولۇپ، تۈزىتىش زۆرۈرلۈكى بايقالسا، ۋاقتىدا تۈزىتىش ھەمدە زۆرۈرىيەت بويىچە چۈشەندۈرۈش كېرەك. 23 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ كېڭەيتىشى ئارقىسىدا ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالىدا ستاتىستىكا قىلىنىدىغان تۈرلەردە، ھەر قايسى تارماق، ھەر قايسى ئورۇنلار ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى يوللىغاندا، جەزمەن بىرلا ۋاقىتتا ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى يوللىغاندا، جەزمەن بىرلا ۋاقىتتا ئۆلچەمگە مۇۋاپىق كېلىدىغان سانلىق ئاساس ئىسكىلاتى (كومپيۇتېردا يىراقتىن ئالاقىلىشىش ياكى يۇمشاق دېتالنى ئەۋەتىش ئۇسۇلى بىلەن يوللىنىدۇ) ۋە سانلىق ئاساس دېتالىنى ئەۋەتىش بىلەن بىردەك بولغان بېسىپ چىقىرىلغان جەدۋەلنى يوللىشى كېرەك. قولدا ئىشلەنگەن جەدۋەللەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. 24 - ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرى ھەر يىللىق مەلۇمات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۆز تەۋەلىكىدىكى ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن، ستاتىستىكىلىق تەھلىل دوكلاتى يېزىپ چىقىپ، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ بېرىشى كېرەك. تۆتىنچى باب ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا ماتېرياللىرىنى باشقۇرۇش 25- ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىدا دەرىجىگە بۆلۈپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ، جايلارنىڭ ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى جايلارىدكى ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ياكى ستاتىستىكىغا مەسئۇل خادىملار بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ. 26 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلار <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارخىپ قانۇنى> دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا ئارخىپلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ستاتىستىكا ئارخىپلىرىنى مۇۋاپىق باشقۇرۇشى، يۆتكەپ ئىشلىتىشى ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. 27 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلار قانۇن بويىچە ئۆز تەۋەسىدىكى ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى (ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ستاتىستىكا ماتېرىياللىرى ۋە كەسپىي ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قەرەللىك ھالدا ئېلان قىلىپ تۇرۇشى ھەمدە تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلىرىنى ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىن ئېتىشى لازىم. ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ پىلان - مالىيە مەھكىمىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە، ئېلان قىلىش ۋە نەشر قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە، ئېلان قىلىش ۋە نەشر قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. تەشۋىقات، ئاخبارات ۋە نەشرىيات ئورۇنلىرى تېخى ئېلان قىلىنمىغان ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى ئېلان قىلماقچى بولسا، بۇ ماتېرىياللار مەملىكەت خاراكتېرلىك ماتېرىيال بولسا، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى پىلان - مالىيە مەھكىمىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش، ئەگەر رايون خاراكتېرلىك ماتېرىيال بولسا، شۇ جايدىكى ئاخبارات - نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلارنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. ئېلان قىلغان ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىغا ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئەتكەن ئورۇننىڭ ئىسمى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك. بەشىنچى باب مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش 28 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلار ئۆز تەۋەلىكىدىكى ستاتىستىكا ئورگانلىرى ۋە ستاتىستىكا خادىملىرىنى قەرەللىك ھالدا تەكشۈرۈپ، باھالاپ تۇرۇشى لازىم. ئىپادىسى تۆۋەندىكىدەك بولغان ستاتىستىكا ئورگانلىرى ياكى ستاتىستىكا خادىملىرىنى تەقدىرلەش ياكى مۇكاپاتلاش كېرەك: بىرىنچى، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم تۆھپە ياراتقان بولسا؛ ئىككىنچى، بەلگىلەنگەن ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنىڭ توغرا بولۇشى، ۋاقىتدا ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان بولسا؛ ئۈچىنچى، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكىسى بويىچە تەھلىل قىلىش، ئالدىن مۆلچەرلەش ۋە نازارەتچىلىك قىلىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن بولسا؛ تۆتىنچى، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكىسىدا، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىپ ۋە كېڭەيتىپ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلغان بولسا؛ بەشىنچى، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكىسى پەن تەتقىقاتى جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، مۇھىم تۆھپە قوشقان بولسا؛ ئالتىنچى، ئۆز خىزمىتىگە سادىق، ستاتىستىكىغا دائىر قانۇن، قائىدە - نىزام ۋە بۇ چارىنى ئىجرا قىلىشتا ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغان بولسا. 29 - ماددا <ستاتىستىكا قانۇنى> ۋە بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسا، ئالاقىدار تارماقلار<ستاتىستىكا قانۇنى>، بۇ چارە ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، قائىدە - نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك ستاتىستىكا مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، ئالاقىدار مەسئۇل خادىملارغا ياكى ئورۇنلارغا مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ ياكى مەمۇرىي جازا بېرىدۇ: بىرىنچى، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى يوللاشنى رەت قىلغان بولسا؛ ئىككىنچى، قەستەن چىن بولمىغان ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا ماتېرىيالى بىلەن تەمىن ئەتكەن بولسا؛ ئۈچىنچى، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا خادىملىرى خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغان، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بولسا؛ تۆتىنچى، تەستىقلاتماي تۇرۇپ، تېخى ئېلان قىلىنمىغان ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى ئۆز مەيلىچە ئېلان قىلغان بولسا؛ بەشىنچى، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق ستاتىستىكىسى خادىملىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلرىىنى بېجىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان بولسا. باشتىكى ئۈچ ماددىدىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان، قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. 30 - ماددا ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى ستاتىستىكا تۈزۈمىدە بەلگىلەنگەن يوللاش ۋاقتى ئىچىدە يوللىمىسا ياكى ستاتىستىكىلىق سانلىق ئاساس ئىسكىلاتىنى تەلەپ بويىچە يوللىمىغان ئورۇنلارغا ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلمىشىغا قاراپ ئاگاھلاندۇرش بېرىدۇ ھەمدە <بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى> ئەۋەتىدۇ. يېرىم يىل ئىچىدە بەلگىلىمىگە ئىككى قېتىم خىلاپلىق قىلسا، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىنىدۇ. بىر يىل ئىچىدە بەلگىلىمىگە ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق خىلاپلىق قىلسا، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى بەلگىلىگەن ھەر خىل كەسپىي باشقۇرۇش قائىدە - تۈزۈملىرى بويىچە يىللىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشنى ۋاقىتلىق كېچىكتۈرۈش، ئىجازەتنامە تارقىتىشنى كېچىكتۈرۈش، كىتاب - ژۇرنال بېسىشتىكى نۇقتىلىق كارخانىلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش، كىتاب نومۇرىنى ئازايتىپ بېرىش قاتارلىق چارىلەر كۆرۈلىدۇ. 31 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى ھەر يىلى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى بىۋاستە يوللايدىغان مەركەز ۋە جايلارىدىكى ھەر قايسى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى، ئاخبارات - نەشىرىيات كارخانا، كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ ستاتىستىكا خىزمىتى ئەھۋالىنى بىر قېتىم تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ، تەكشۈرۈش مەزمۇنى ستاتسىتىكا ماتېرىياللىرىنى يۇقىرىغا يوللاش ۋاقتى ۋە جەدۋەل تولدۇرۇش سۈپىتىنى (ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ستاتىستىكىلىق تەھلىل دوكلاتىمۇ تەكشۈرۈلىدۇ) ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنىڭ يۇقىرىغا يوللىنىش نىسبىتى؛ ئىككىنچى، ستاتىستىكىلىق سانلارنىڭ توغرىلىقى؛ ئۈچىنچى، ستاتىستىكىلىق ماتېرىياللىرىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە قېلىپلىشىشى؛ تۆتىنچى، كومپيۇتېر ۋە ستاتىستىكىدا ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى؛ بەشىنچى، ستاتىستىكىلىق تەھلىل دوكلاتلىرىنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئەمەلىيلىكى. تەكشۈرۈش نەتىجىسى <مۇنەۋۋەر>، <لاياقەتلىك>، <لاياقەتسىز> دەپ ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. مۇشۇ ماددىدا كۆرسىتىلگەن ماددىلارغا ئۇيغۇن كەلگەن، تەكشۈرۈشتە مۇنەۋۋەر بولغان ئورۇن ياكى شەخسلەرگە شەرەپلىك نام ۋە گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىلىدۇ ھەمدە مۇكاپات بېرىلىدۇ؛ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە <لاياقەتسىز> بولغان ئورۇنلار مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ تەنقىد قىلىنىدۇ. 32 - ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى ئۆز تەۋەلىكىنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ھەر يىللىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ پىلان - مالىيە مەھكىمىسىگە يوللىنىپ ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ. ئالتىنچى باب قوشۇمچە پرىنسىپ 33 - ماددا بۇ چارىنى چۈشەندۈرۈشكە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى مەسئۇل بولىدۇ. 34 - ماددا بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار