UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملارئاخبارات - نەشرىياتچىلىقتا مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە

ئاخبارات - نەشرىياتچىلىقتا مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە

قانۇنلار بىرىنچى باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1 - ماددا بۇ بەلگىلىمە ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق خىزمىتىدە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنى» نىڭ 20 - ماددىسىغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى. 2 - ماددا بۇ بەلگىلىمە گېزىت - ژۇرنال، ئاخبارات - تېلېگراف خەۋەرلىرى، كىتاب، خەرىتە، رەسىملىك، تېكىستلىك ماتېرىياللار، ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش، تارقتىش، شۇنىڭدەك رادىئو پروگراممىلىرى، تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى، كىنولارنى ئىشلەش ۋە قويۇشقا تەتبىقلىنىدۇ. 3 - ماددا ئاخبارات - نەشرىياتچىلىقتا مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتىدە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئاخبارات - نەشرىيات خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشقا پايدىلىق، دېگەن فاڭجېنىنى چىڭ تۇرۇپ ئىجرا قىلىش كېرەك. 4 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات ئورۇنلىرى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار خادىملار ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئوبدان ماسلىشىشپ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا دائىرى قانۇن - نىزاملارنى ئىجرا قىلىشى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشى، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىقتا مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتىنى ئورتاق ياخشى ئىشلىشى لازىم. ئىككىنچى باب مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تۈزۈمى 5 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات ئورۇنلىرى، ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئورۇنلىرى دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا دائىر قانۇن - نىزاملىرىغا ئاساسەن، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىقتا مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. 6 - ماددا ئاخبارات - نەشرىياتچلىقتا مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتە ئۆزى تەكشۈرۈش بىلەن تەكشۈرۈشكە يوللاشنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. 7 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات ئورۇنلىرى ۋە ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى ئورۇنلار ئاشكارا ئېلان قىلىنىدىغا، خەۋەر قىلىنىدىغان ئۇچۇرلارنى مەخپيەتلىكنى ساقلاشقا دائىر بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۆزلىرى تەكشۈرۈپ چىقىشى؛ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدىغان - چېتىلمايدىغانلىقى ئېنىق بولمىغان ئۇچۇرلارنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان، ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە يوللاپ بېرىشى لازىم. 8 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات ئورۇنلىرى ۋە تۈزگۈچى خادىملار ئالاقىدار تارماقلارغا ئىنكاس قىلىشقا ياكى مەلۇم قىلىشقا ياكى مەلۇم چېتىلىدىغان ئۇچۇرلارنى ئىچكى يوللار ئارقىلىق ئىنكاس قىلىشى ھەمدە ئىنكاس قىلىنىدىغان ياكى مەلۇم قىلىنىدىغان ئۇچۇرلارغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنىڭ بەلگىسىنى قويۇشى لازىم. 9 - ماددا زىيارەت قىلىنغۇچى ئورۇن، زىيارەت قىلىنغۇچى خادىملار ئاخبارات - نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ تۈزگۈچى خادىملىرىنى ئالاقىدار ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكەندە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەقىقەتەن خىزمەتتە ئېھتىياجلىق بولغان ھەم دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدىغان ئىشلاردا، ئالدى بىلەن ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردىكى تەرتىپ بويىچە تەستىقلىشى ھەمدە تۈزگۈچى خادىملارغا ئېنىق چۈشەندۈرۈشى كېرەك؛ ئاخبارات - نەشرىيات ئورۇنلىرى ۋە تۈزگۈچى خادىملارغا دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ئورۇن، زىيارەت قىلىنغۇچى خادىملارغا دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغان ئىشلارنى ئاشكارا خەۋەر قىلىشقا، نەشر قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتىشى لازىم. دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدىغان، لېكىن ھەقىقەتەن ئاشكارا ئېلان قىلىشقا، نەشر قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئۇچۇرلاردا ئاخبارات - نەشرىيات ئورۇنلىرى ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا مەخپىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىكار قىلىشقا ياكى قىسقارتىۋېتىش، ئۆزگەرتىپ تۈزۈش، يوشۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىش قاتارلىق مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشى ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماقنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. 10 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات ئورۇنلىرى دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدىغان يىغىن ياكى باشقا پائالىيەتلەرنى زىيارەت قىلماقچى بولسا، ئۆتكۈزگۈچى ئورۇننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش لازىم. ئۆتكۈزگۈچى ئورۇن زىيارەت قىلغۇچى خادىملارنىڭ خىزمەت سالاھىتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى، قايسى مەزمۇنلارنى ئاشكارا خەۋەر قىلىشقا، نەشر قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشى ھەمدە ئاشكارا خەۋەر قىلىنىدىغان، نەشر قىلىنىدىغان مەزمۇنلارنى ئاشكارلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ھەمدە ئاخبارات - نەشرىيات خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلشىغا پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار ئورۇنلار ئۆز كەسپىي خىزمىتىنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن، ئاخبارات - نەشرىيات ئورۇنلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيىتىپ، ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئېتىدىغان نورمال يوللارنى بەرپا قىلىپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، تەشۋىق قىلىش ئۆلچىمىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ تۇرۇشى لازىم. 11 - ماددا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ھەمدە ئاخبارات - نەشرىيات خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار ئورۇنلار ئۆز كەسپىي خىزمىتىنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن، ئاخبارات - نەشرىيات ئورۇنلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئېتىدىغان نورمال يوللارنى بەرپا قىلىپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، تەشۋىق قىلىش ئۆلچىمىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ تۇرۇشى لازىم. 12 - ماددا ئالاقىدار ئورگانلار، ئورۇنلار ئۆز ئورگىنى، ئۆز ئورنىغا ۋەكىللىك قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئورىگىنال تەكشۈرۈش ئورگىنى ۋە ئورىگىنال تەكشۈرۈش خادىملىرىنى بەلگىلەپ، ئۇلارنى ئاخبارات - نەشرىيات ئورۇنلىرى تەكشۈرۈشكە يوللىغان ئورىگىناللارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدىغان - چېتىلمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ بېرىشكە مەسئۇل قىلىشى لازىم. دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدىغان - چېتىلمايدىغانلىقى ئېنىق بولمىغان مەزمۇنلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان، ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىپ بېرىشىگە يوللاش لازىم؛ باشقا ئورۇنلارنىڭ خىزمىتىدە دۆلەت يوللاش لازىم؛ باشقا ئورۇنلارنىڭ خىزمىتىدە دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدىغانلىرىدا، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ پىكرىنى ئېلىش كېرەك. 13 - ماددا ئالاقىدار ئورگانلار، ئورۇنلار تەكشۈرۈشكە يوللانغان ئورىگىناللارنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندە، ئاخبارات - نەشرىيات ئورۇنلىرى تەلەپ قىلغان تەكشۈرۈپ بېكىتىپ بېرىش ۋاقتىغا رىئايە قىلىشى، ئەگەر ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ تەلەپ قىلىنغان ۋاقىت ئىچىدە تەكشۈرۈپ بېكىتكىلى بولمىسا، تەكشۈرۈشكە يوللاپ بەرگەن ئاخبارات - نەشرىيات ئورۇنلىرىغا ئەھۋالنى ۋاقتىدا چۈشەندۈرۈپ، ھەل قىلىش چارىسىنى ئورتاق كېڭىشىشى كېرەك. 14 - ماددا شەخسلەر ئاخبارات - نەشرىيات ئورۇنلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىنىدىغان، نەشر قىلىنىدىغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكەندە، ئۇچۇلارنىڭ شۇ سىستېما، شۇ ئورۇننىڭ كەسپىي خىزمەتلىرىگە ياكى دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدىغان - چېتىلمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرالمىسا، ئالدى بىلەن ئۆز ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئوگان، ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتشىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. 15 - ماددا شەخسلەر چېگرا سىرتىدىكى ئاخبارات - نەشرىيات ئاپپاراتلىرىنى خەۋەر قىلىنىدىغان، نەشر قىلىنىدىغان دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، دىپلوماتىيە، پەن - تېخنىكا، ھەربىي ئىشلىرى جەھەتتىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئەتمەكچى بولسا، ئۆز ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان، ئورۇننىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. ئورىگىناللانى چېگرا سىرتىغا ئەۋەتكەندە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك. ئۈچىنچى باب مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇش ئىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش 16 - ماددا دۆلەت خىزمەتچىلىرى ياكى باشقا پۇقرالار دۆلەت مەخپىيەتلىكىنىڭ قانۇنسىز ھالدا خەۋەر قىلىنغانلىقى، نەشر قىلىنغانلىقىنى سەزسە، ۋاقتىدا ئالاقىدار ئورگانلار، تارماقلارغا دوكلات قىلىشى لازىم. مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاشقا چېتىشلىق بولغان ئاخبارات - نەشرىيات ئورۇنلىرى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئورنىنى تولدۇرۇش، قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئورتاق قوللىنىشى لازىم. 17 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات پائالىيەتلىرىدە يۈز بەرگەن مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇش ۋەقەلىرىنى ئالاقىدار مەسئۇل ئورۇن ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى، مەسئۇلىيەت ۋاقتىنچە ئېنىق بولمىسا، ئالاقىدار مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تارمىقى ئۆزى تەكشۈرۈش ياكى ئالاقىدار ئورۇننىڭ تەكشۈرۈشىنى قارار قىلىدۇ. 18 - ماددا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغان مەسئۇل بولغۇچى ئورۇن، مەسئۇل بولغۇچى شەخسلەر ئالاقىدار قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەر بويىچە جىددىي بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 19 - ماددا ئاخبارات - تەشرىيات خىزمىتىدە مەخپىيەتلىك ئاشكارلىنىپ قېلىش مەسىلىسى تۈپەيلى نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىشتىن، سېتىشتىن توختىتىشقا توغرا كەلسە ياكى مۇسادىرە قىلنسا ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىقسا، ئالاقىدار مەسئۇل تارماقنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئاخبارات - نەشرىيات ئورۇنلىرى ۋە تۈزگۈچى خادىملار، شۇنىڭدەك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورۇنلار، ئالاقىدار خادىملارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ ئېرىشكەن قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش ھەمدە دۆلەت مالىيسىگە تاپشۇرۇش لازىم. تۆتىنچى باب قوشۇمچە پىرىنسىپ 20 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات خىزمىتىدە ھەر قايسى ئالاقىدار ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى ھېسابلىنىدىغان - ھېسابلانمايدىغانلىقى مەسىلىسىدە تالاش - تارتىش يۈز بەرسە، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تارمىقى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق بىلەن بىرلىكتە مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا دائىر نىزاملار بويىچە بېكىتىدۇ. 21 - ماددا بۇ بەلگىلىمىدە ئېيتىلغان «ئۇچۇر» تىل، يېزىق، بەلگە، رەسىم، جەدۋەل، سۈرەت قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 22 - ماددا بۇ بەلگىلىمىنى چۈشەندۈرۈشكە دۆلەت مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىدارىسى مەسئۇل بولىدۇ. 23 - ماددا بۇ بەلگىلىمە 1992 - يىل 10 - ئاينىڭ 1- كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار