ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە
قانۇنلار
1997 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى
11 - نومۇرلۇق بۇيرۇق
بىرىنچى باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1 - ماددا بۇ بەلگىلىمە دۆلىتىمىزنىڭ ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش، ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە <نەشرىياتچىلىق باشقۇرۇش نىزامى> غا ئاساسەن، تۈزۈپ چىقىلىدى.
2 - ماددا بۇ بەلگىلىمىدە ئېيتىلغان ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرى سىپىرلىق ۋاكالەت نومۇرى شەكلى ئارقىلىق سۈرەت، ئاۋاز قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەھرىرلەپ، پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن ئۇلارنى ماگنىت، نۇر، ئېلېكتىر ۋاستىلىرىدە ساقلاپ كومپيۇتېر ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىقتىدارغا ئىگە ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئوقۇپ ئىشلىتىدىغان، ئىدىيىنى ئىپادىلەش، بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە مەدەنىيەت توپلاشتا قوللىنىلىدىغان ھەمدە كۆپەيتىپ ئىشلەپ تارقاتقىلى بولىدىغان ئاممىۋى خاراكتېرلىك تارقىتىش ۋاستىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ۋاستە شەكلى يۇمشاق ماگنىتلىق دىسكا (FD)، ئوقۇغىلىلا بولىدىغان لازېر دىسكا (CD - ROM)، كىرىشتۈرمە شەكىللىك لازېر دىسكا (CD - I)، فوتو لازېر دىسكا (Photo - cd)، زىچلىقى يۇقىرى ئوقىغىلىلا بولىدىغان لازېر دىسكا (DVD - ROM)، توپلانما توك يوللۇق كارتوچكا CI - draC ۋە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى بېكىتكەن باشقا شەكىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ بەلگىلىمە ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىشلەش، نەشر قىلىش، كۆپەيتىپ ئىشلەش، ئىمپورت قىلىش، تارقىتىش ئىشلىرىدا تەتبىقلىنىدۇ.
كومپيۇتېر ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىشتا ياكى باشقا مەھسۇلاتلارغا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى قوشۇپ بېرىشتە بۇ بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، مال زاكاز قىلىش ئىشلىرىدا بۇ بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
3 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسلىق خىزمەت مەسئۇلىيىتى مۇنۇلار:
(1) ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پىلانى، كەسىپ سىياسىتى، كەسىپ ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ھەمدە يولغا قويۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
(2) تەسىس قىلىنىدىغان ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش، كۆپەيتىپ ئىشلەش، باش توپ تارقىتىش ئورۇنلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ؛
(3) ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىمپورت - ئېكىسپورت قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ؛
(4) پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرى بازارلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك، نازارەتچىلىك قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ، چەكلەنگەن ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛
(5) گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن باشقا خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ئۆز مەمۇرىي رايوننىڭ ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى توپ ۋە پارچە سېتىش، ئىجارىگە بېرىش ئورۇنلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ، قانۇنغا خىلاپ، چەكلەنگەن ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.
ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلارنى قۇرغۇچى، باشقۇرغۇچى تارماقلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئۆزىگە قاراشلىق ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلارنىڭ تىجارەت پائالىيەتلىرىگە نازارەتچىلىك قىلىدۇ.
4 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىجتىمائىي گورۇھلار ئۆز نىزامنامىسى بويىچە نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.
5 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا ئاساسىي قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارغا رىئايە قىلىش، خەلق ئۈچۈن، سوتسىيالىزىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يۆنىلىشىدە، ماركسىزم - لېنىنىزىم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشىغا پايدىلىق بولغان بارلىق پەن - تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تارقىتىپ ۋە توپلاپ، خەلقئارالىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشى لازىم.
6 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىدا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ:
(1) ئاساسىي قانۇندا ئېنىق بەلگىلەنگەن ئاساسىي پرىنسىپلارغا قارشى تۇرىدىغان؛
(2) دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان؛
(3) دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، شان - شەرىپى ۋە مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان؛
(4) مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا قۇترىتىدىغان، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقىلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان؛
(5) دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلايدىغان؛
(6) شەھۋانىيلىق، خۇراپاتلىقنى تەرغىب قىلىدىغان ياكى زوراۋانلىق كۆز - كۆز قىلىنىدىغان، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ۋە مىللەتلەرنىڭمۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان؛
(7) باشقىلارنى ھاقارەتلەيدىغان ياكى ئۇلارغا بۆھتان چاپلايدىغان؛
(8) قانۇن، نىزاملاردا چەكلەنگەن باشقا مەزمۇنلار.
7 - ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئوبيېكت قىلىنغان ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ قىلمىشلار ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى دوراشقا ئۈندەيدىغان؛ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە مەنىۋى ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان تېرورلۇق، ياۋۇزلۇق قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
8 - ماددا دۆلەت ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش، كۆپەيتىپ ئىشلەش، ئىمپورت قىلىش، تارقىتىش ئىشلىرىدا ئىجازەتنامە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار تىجارەت سورۇنىغا ئىجازەتنامىنى ئېسىپ قويۇشى، ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى لازىم.
ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇننىڭ نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى تەكشۈرۈپ ماقۇل بولغان تىجارەت دائىرىسىدىن ھالقىپ ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
ئىككىنچى باب ئېلېكترون نەشر بۇيۇمى ئىشلەش
9 - ماددا نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىشلەش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلارنى ئەنگە ئېلىش تۈزۈمى ئارقىلىق باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.
10 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىشلىگۈچى ئورۇن ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىپ تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن 60 كۈن ئىچىدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە ئىلتىماس قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇشى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ئاخبارات نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ بېرىشى لازىم.
ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىشلىگۈچى ئورۇن ئەنگە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، تۆۋەندىكى ھۆججەت، كىنىشكىلارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:
(1) ئىلتىماس، ئىلتىماسقا ئورۇن ئىسمى، ئادرېسى، كارخانا تىپى، ئاساسلىق مەسئۇل خادىم ياكى قانۇنىي ۋەكىلىنىڭ ئىسمى ۋە ئادرېسى يېزىلىشى؛
(2) تىجارەت كىنىشكىسى؛
(3) ئىشلىگۈچى ئورۇننىڭ نىزامنامىسى؛
(4) ئاساسلىق مەسئۇل خادىم ياكى قانۇنىي ۋەكىلىنىڭ كەسپىي ئۈنۋان گۇۋاھنامىسى ۋە كىملىكى.
11 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىشلىگۈچى ئورۇن نامى، ئادرېسى، كارخانا تىپى، نىزامنامىسى، ئاساسلىق مەسئۇل خادىم ياكى قانۇنىي ۋەكىلىنى ئۆزگەرتسە، مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 10 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەنگە ئېلىش رەسمىيىتىنى يېڭىۋاشتىن ئۆتىشى كېرەك.
12 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىشلىگۈچى ئورۇنلار ئېلېكترون نەشر بۇيۇمى ئىشلەش تىجارىتىنى توختاتسا، توختاتقان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ بېرىشى لازىم.
13 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىشلىگۈچى ئورۇن ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنى ئىشلەپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۆزى ئىشلىگەن ئەسەرلەرنى ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىپ نەشر قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ.
ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنى ھاۋالىنى قوبۇل قىلغاندا، ھاۋالە قىلغان ئورۇن بىلەن ھاۋالە توختامى تۈزۈشى كېرەك.
14 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنى ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىشلىسە بولىدۇ.
ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورۇننىڭ ئەنگە ئېلىنمىغان ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىشلىگۈچى ئورۇنغا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىشلەپ بېرىشنى ھاۋالە قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
15 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىشلىگۈچى ئورۇنلار، نەشر قىلىش ئورۇنلىرى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمىن، تەيۋەن رايونلىرى ياكى چەت ئەللىك خېرىدارلار ئىشلەپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى قوبۇل قىلغاندا، مەزمۇنغا دائىر ماتېرىياللارنى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللاپ، تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئاندىن ئىشلەپ بېرىشى لازىم.
ئۈچىنچى باب نەشر قىلىش
16 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى، قۇرۇلمىسى، جايلىشىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ، ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرىدۇ.
17 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنىنى تەسىس قىلىشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:
(1) نەشر قىلىش ئورنىنىڭ ئىسمى، نىزامنامىسى بولۇشى؛
(2) ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى ئېتىراپ قىلغان قۇرغۇچى ئورۇن ۋە مۇئەييەن يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى بولۇشى؛
(3) ئېنىق بەلگىلەنگەن كەسپىي دائىرىسى بولۇشى؛
(4) زۆرۈر مەبلىغى ۋە ئۈسكۈنىلىرى بولۇشى؛
(5) مۇقىم خىزمەت سورۇنى بولۇشى؛
(6) كەسپىي دائىرىسى ئېھتىياجلىق بولغان تەشكىلىي ئاپپاراتى، ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش كەسپىنى پىششىق بىلىدىغان 6 دىن ئارتۇق كەسپىي خادىمى ھەمدە تەھرىرلىك، كومپيۇتېر ۋە ئالاقىدار كەسىپلەردە ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۈنۋانغا ئىگە كەسپىي خادىملار بولۇشى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىق مەسئۇل خادىم ياكى قانۇنىي ۋەكىلىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋانى بولۇشى كېرەك.
ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنىنى تەسىس قىلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتا، ئالدىنقى تۈردە كۆرسىتىلگەن شەرتلەر ھازىرلانغاندىن باشقا، يەنە ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى، قۇرۇلمىسى، جايلىشىش پىلانىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش لازىم.
18 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنىنى تەسىس قىلىشتا قۇرغۇچى ئورۇن ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە ئىلتىماس سۇنۇشى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا يوللىشى لازىم.
19 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنىنى تەسىس قىلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، تۆۋەندىكى ھۆججەت، كىنىشكىلارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:
(1) ئىلتىماس، ئىلتىماسقا نەشر قىلىش ئورنىنىڭ ئىسمى، ئادرېسى، ئىقتىسادىي خاراكتېرى، مەبلەغ مەنبەسى ۋە سانى، نەشر قىلىش ئورنىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ياكى قانۇنىي ۋەكىلىنىڭ ئىسمى، ئادرېسى، نەشر قىلىش ئورنىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك تارماق، قۇرغۇچى ئورۇننىڭ ئىسمى ۋە ئادرېسى بولۇشى كېرەك؛ ئۈزۈلدۈرمەي نەشر قىلىنىدىغان ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىدىغان ئورۇننى قۇرۇشتا، ئىلتىماسقا يەنە نەشر بۇيۇمىنىڭ ئىسمى، قەرەل سانى، ۋاستە شەكلىنى يېزىش كېرەك؛
(2) مەسئۇل تارماقنىڭ ئىلتىماسىنى تەستىقلىغان ھۆججىتى بولۇشى؛
(3) نەشر قىلىش ئورنىنىڭ نىزامنامىسى بولۇشى؛
(4) نەشر قىلىش ئورنىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ياكى قانۇنيي ۋەكىلى، شۇنىڭدەك مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 17 - ماددىسىدا تەلەپ قىلىنغان باشقا خادىملارنىڭ كەسپىي ئۈنۋان كىنىشكىسى ۋە كىملىكى بولۇشى؛
(5) مەبلەغنىڭ ئىشەنچلىكلىكى توغرىسىدىكى ئىسپات بولۇشى؛
(6) خىزمەت سورۇننى ئىشلىتىش ھەققىدىكى ئىسپات بولۇشى كېرەك.
20 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋېلىپ 180 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشى ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى نەشر قىلىش ئورنىنى قۇرغۇچى ئورۇنغا يازما ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىشى كېرەك؛ تەستىقلانمايدىغانلىرى بولسا، سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
21 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنى تەسىس قىلىش ئىلتىماسىنى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى تەستىقلىغاندىن كېيىن قۇرغۇچى ئورۇن تەستىقلىغانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋېلىپ 60 كۈن ئىچىدە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە تىزىمغا ئالدۇرۇپ، <ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئىجازەتنامىسى> ئېلىشى كېرەك.
ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنى تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن <ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئىجازەتنامىسى> نى ئېلىپ ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدىن تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىشى كېرەك.
22 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ 180 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن نەشر قىلىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانمىسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
تاقابىل تۇرۇشقا بولمايدىغان ياكى باشقا نورمال سەۋەب بىلەن ئالدىنقى تۈردە كۆرسىتىلگەن ئەھۋال يۈز بەرسە، ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلغۇچى ئورۇن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە مۇددەتنى ئۇزارتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
23 - مادد ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنى ئىسمى، كەسپىي دائىرىسى، ئىقتىسادىي خاراكتىرى، قۇرغۇچى ئورۇن، مەسئۇل تارماقنى ئۆزگەرتمەكچى، بىرلەشمەكچى ياكى ئايرىلىپ چىقماقچى، يېڭىدىن قۇرماقچى بولسا ياكى ئۈزۈلدۈرۈلمەي نەشر قىلىنىدىغان ئېلېكترون نەشر بۇيۇمىنىڭ نامى، قەرەل سانى، ۋاستە شەكلىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 18 -، 19 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يېڭىۋاشتىن تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى ئۆتىشى كېرەك.
ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنى ئادرېسى، ئاساسلىق مەسئۇل خادىم ياكى قانۇنىي ئىگىسىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، قۇرغۇچى ئورۇن ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق تەكشۈرۈپ قوشۇلغاندىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە ئۆزگەرتىپ تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
24 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنى نەشر قىلىش پائالىيەتلىرىنى توختاتسا، تىجارىتىنى توختاتقان كۈندىن ئېتىبارەن 30 كۈن ئىچىدە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە بېرىپ تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى ئۆتىشى ھەمدە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
25 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى نەشر قىلىش ئورنىنىڭ نەشر قىلىش پائالىيەتلىرىنى كۈندىكىك نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنى بەلگىلىمە بويىچە نەشر قىلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئەھۋالىنى ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا يازما دوكلات قىلىشى كېرەك.
26 - ماددا ئۈزۈلدۈرۈلمەي نەشر قىلىشقا كىرمەيدىغان ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلغاندا، بەلگىلىمە بويىچە جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنى ئىشلىتىش كېرەك؛ ئۈزۈلدۈرۈلمەي نەشر قىلىنىدىغان ئېلېكترون بۇيۇملىرىنى نەشر قىلغاندا، بەلگىلىمە بويىچە جۇڭگو ئۆلچەملىك ژۇرنال نومۇرى ۋە مەملىكەت ئىچىدە بىر تۇتاش ئىشلىتىلىدىغان ژۇرنال نومۇرىنى ئىشلىتىش كېرەك.
ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىدا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى، مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان جۇڭگو ئۆلچەملىك ژۇرنال نومۇرى ۋە مەملىكەت ئىچىدە بىر تۇتاش ئىشلىتىلىدىغان ژۇرنال نومۇرىنى نەشر بۇيۇمىنىڭ تىپىغا ماس كېلىدىغان ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىدىلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، قەغەز ئارقىلىق ئىشلىنىدىغان كىتاب ۋە باشقا تىپتىكى نەشر بۇيۇملىرىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىغا قوشۇمچە قىلىنغان ئىشلىتىش قوللانمىلىرىغا ئايرىم باھا قويۇشقا ۋە ئۇلارنى ئايرىم سېتىشقا بولمايدۇ.
مەزمۇنى ئوخشاش، ۋاستىسى، شەكلى، نەشر نۇسخىسى ئوخشاش بولمىغان ئۈزۈلدۈرۈلمەي نەشر قىلىشقا كىرمەيدىغان نەشر بۇيۇملىرىغا ئوخشاشمايدىغان جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرلىرىنى تەقسىم قىلىپ بېرىش كېرەك.
27 - مادد ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلغاندا، ئېلېكترون نەشر بۇيۇمى ۋە ئۇنىڭ مۇقاۋا قەغىزىنىڭ كۆرۈنەرلىك جايىغا نەشر قىلىش ئورنىنىڭ ئىسمى، ئادرېسى، كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى ۋە تىك سىزىقلىق نومۇر، نەشر قىلىنغان ۋاقتى، قەرەل سانى، ئەسەر ھوقۇقىغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىنىڭ ئىسمى ۋە باشقا ئالاقىدار ئىشلارنى ئېنىق يېزىش لازىم. نەشر ھوقۇقى سودىسى شەكلىدە كىرگۈزۈپ نەشر قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرىدا، يەنە كىرگۈزۈپ نەشر قىلىش ئىجازەتنامىسى نومۇرى ۋە ئەسەر ھوقۇقى بېرىش توختامنامىنىڭ تىزىم نومۇرىنى ئېنىق يېزىش كېرەك.
ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرى دۆلەتنىڭ تېخنىكا، سۈپەت ئۆلچىمى ۋە قېلىپلاشتۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.
28 - مادد ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورۇنلىرىدا تەھرىرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنىڭ مەزمۇنىنىڭ مۇشۇ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
قانۇنلۇق ئېلېكترونلۇق نەشر بۇيۇمى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنىڭ نەشر قىلىنىشىغا قانۇنسىز ھالدا كاشىلا، توسقۇنلۇق، بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
ئېلېكترونلۇق نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنىغا كىرمەيدىغان ئورۇننىڭ ئۆز مەيلىچە نەشر قىلىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
29 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ھەر قانداق شەكىل، ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسلەرگە ئۆز ئورنىنىڭ ئىسمى، كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە، ئىجارىگە بېرىشىگە، سېتىپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
30 - ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ نەشر قىلىش ئورۇنلىرى ياكى ئۈزۈلدۈرۈلمەي نەشر قىلىنىدىغان نەشر بۇيۇملىرىنىڭ نامىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ ياكى ئىشلىتىپ، ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
31 - ماددا ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى دۆلەت مائارىپ كومىتېتى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ ياكى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە تەشكىللەيدۇ، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى بەلگىلىگەن ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش، كۆپەيتىپ ئىشلەش، تارقىتىش ئورۇنلىرى نەشر قىلىدۇ، كۆپەيتىپ ئىشلەيدۇ، تارقىتىدۇ.
32 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش پىلانىنى ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق جەھەتتىكى زور تېمىلارنى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ئارقىلىق ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.
33 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورۇنلىرى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمىن، تەيۋەن رايونلىرى ياكى چەت ئەللىك ئەسەر ھوقۇقىغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىلار نەشر قىلىش ھوقۇقىنى بەرگەن ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇنىڭ مەزمۇنىغا دائىر ماتېرىياللارنى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە يوللاپ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ تەستىقلىتىپ كىرگۈزۈپ نەشر قىلىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشى ھەمدە ئەسەر ھوقۇقىنى بېرىش توختامىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە تىزىملىتىپ كىنىشكا ئالغاندىن كېيىن ئاندىن نەشر قىلىشى لازىم.
ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ماقۇللانغان ماتېرىيالنى تاپشۇرۇۋېلىپ 45 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىش كېرەك.
34 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورۇنلىرى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمىن، تەيۋەن رايونلىرى ياكى چەت ئەللەرنىڭ ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلغاندا، تېمىلارنى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە تەكشۈرتۈپ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى، ئاندىن ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن ھەمكارلىشىپ نەشر قىلىشى كېرەك.
ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ماقۇللانغان ماتېرىيالنى تاپشۇرۇۋېلىپ 45 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشى كېرەك.
35 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورۇنلىرى ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىشتىن ئىلگىرى، بېيجىڭ كۇتۇپخانىسى، جۇڭگو نەشر نۇسخىلىرى كۇتۇپخانىسى ۋە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە ھەقسىز ئەۋرىشكە ئەۋەتىشى كېرەك.
تۆتىنچى باب كۆپەيتىپ ئىشلەش
36 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش ئورۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى، قۇرۇلمىسى، جايلىشىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ھەمدە يولغا قويۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
37 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش ئورنىنى تەسىسى قىلىشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:
(1) كۆپەيتىپ ئىشلەش ئورنىنىڭ ئىسمى، نىزامنامىسى بولۇشى؛
(2) ئېنىق بەلگىلەنگەن كەسپىي دائىرىسى بولۇشى ؛
(3) زۆرۈر بولغان مەبلەغ ۋە ئۈسكۈنە بولۇشى؛
(4) مۇقىم خىزمەت سورۇنى بولۇشى؛
(5) ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش كەسپىنى پىششىق بىلىدىغان بەشتىن ئارتۇق خادىم ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنۋانغا ئىگە كەسپىي خادىم بولۇشى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككىدىن ئارتۇق كىشى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئېرىشكەن بولۇشى كېرەك.
ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش ئورنىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىشى يۇقىرىقى تۈردە كۆرسىتىلگەن شەرتلەردىن باشقا، يەنە ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش ئورۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى، قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىشى پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
38 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش ئورنىنى قۇرۇشتا، قۇرغۇچى ئورۇن ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە ئىلتىماس قىلىشى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى قوشۇلغاندىن كېيىن ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ تەكشۈرتۈپ تەستىقلىتىش كېرەك.
39 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش ئورنىنى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى ھۆججەت، كىنىشكىلارنى تاپشۇرۇش كېرەك:
(1) ئىلتىماس، ئىلتىماسقا كۆپەيتىپ ئىشلىگۈچى ئورۇننىڭ ئىسمى، ئادرېسى، كارخانا تىپى، مەبلەغ مەنبەسى ۋە سانى، كۆپەيتىپ ئىشلىگۈچى ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ياكى قانۇنىي ۋەكىلىنىڭ ئىسمى ۋە ئادرېسى، كۆپەيتىپ ئىشلىگۈچى ئورۇننىڭ ئىسمى ۋە ئادرېسى يېزىلىشى؛
(2) كۆپەيتىپ ئىشلىگۈچى ئورۇننىڭ نىزامنامىسى؛
(3) كۆپەيتىپ ئىشلىگۈچى ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ياكى قانۇنىي ۋەكىلىنىڭ ۋە مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 37 - ماددىسىدا تەلەپ قىلىنغان باشقا خادىملارنىڭ كەسپىي ئۈنۋان كىنىشكىسى، كىملىكى؛
(4) مەبلەغنىڭ ئىشەنچلىك ئەھۋالى؛
(5) خىزمەت سورۇنىنى ئىشلىتىش گۇۋاھنامىسى.
40 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن ئېتىبارەن 180 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشى ھەمدە قارارنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى كۆپەيتىپ ئىشلەش ئورنىنى قۇرغان ئورۇنغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم؛ تەستىقلانمايدىغانلىرىغا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
41 - ماددا ئېلېكترون بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش، قۇرۇش ئىلتىماسى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغاندىن كېيىن قۇرغۇچى ئورۇن تەستىقلانغانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋېلىپ 60 كۈن ئىچىدە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە تىزىملىتىپ، <ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش ئىجازەتنامىسى> ئېلىشى ھەمدە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ج خ ئورگىنىغا بېرىپ قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك.
ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش ئورنى تىزىمغا ئالدرۇغاندىن كېيىن <ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش ئىجازەتنامىسى> نى ئېلىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىشى لازىم.
42 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش ئورنى ئىسمى، كەسپىي دائىرىسى مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 38 -، 39 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە يېڭۋاشتىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتى ئۆتىشى كېرەك.
ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش ئورنى ئادرېسى، ئاساسلىق مەسئۇلى ياكى قانۇنىي ۋەكىلىنى ئۆزگەرتسە، قۇرغان ئورۇنغا تەكشۈرتۈپ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە ئۆزگەرتىپ تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
43 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش ئورۇنلىرى كۆپەيتىپ ئىشلەش پائالىيىتىنى توختاتسا، توختاتقان كۈندىن ئېتىبارەن 30 كۈن ئىچىدە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە بېرىپ تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتى ئۆتىشى ھەمدە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
44 - مادد ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش ئورنى كۆپەيتىپ ئىشلەپ بېرىش ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغاندا، ھاۋالە قىلغۇچى ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ياكى قانۇنىي ۋەكىلىدىن ئىمزا قويۇپ تامغا باسقان <ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش ئىجازەتنامىسى> ۋە ئەسەر ھوقۇقىغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى ھوقۇق بەرگەن گۇۋاھنامىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.
ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلىگۈچى ئورۇن ھاۋالە قىلغان ئورۇن بىلەن ھاۋالە قىلىش - كۆپەيتىپ ئىشلەپ بېرىش توختامى تۈزۈشى كېرەك.
ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلىگۈچى ئورۇن تەكشۈرۈشكە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئېلېكترون نەشر بۇيۇمىنى كۆپەيتىپ ئىشلەپ بولغان كۈندىن ئېتىبارەن بىر يىلغىچە، ئېلېكترون نەشر بۇيۇمىنىڭ ئەۋرىشكىسى ۋە ئالاقىدار ئىسپات، ھۆججەتلەرنى ساقلاپ قويۇشى كېرەك.
45 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش ئورنىنىڭ ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنىغا كىرمەيدىغان ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەپ بېرىش توغرىسىدا قىلغان ھاۋالىنى قوبۇل قىلىشىغا، ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرى، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى، سېتىلمايدىغان ئېلېكترونلۇق ۋاستىلەرنى ئۆز مەيلىچە كۆپەيتىپ ئىشلىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
46 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇبۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنىنىڭ ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش ئورنىغا كىرمەيدىغان ئورۇنغا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەپ بېرىشنى ھاۋالە قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
47 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنىغا كىرمەيدىغان ئورۇنلار ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش ئورۇنلىرىغا كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى، سېتىلمايدىغان ئېلېكترونلۇق ۋاستىلەرنى كۆپەيتىپ ئىشلەپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغاندا، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى تىزىملاش كىنىشكىسى ياكى ئالاقىدار ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە بېرىپ، <ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش ھاۋالىنامىسى> ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ئالدىنقى تۈردە كۆرسىتىلگەن ئىسپات، ھۆججەتلەر ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تەكشۈرۈپ <ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش ھاۋالىنامىسى> بېرىدۇ.
48 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش ئورۇنلىرى لازېر دىسكا تۈرىدىكى ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلىگەندە، جەزمەن ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە مەنبەسى، پەرق ئېتىش نومۇرىنى بېسىپ چىقىرىشى كېرەك.
ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش ئورۇنلىرى ئىشلەتكەن خام ماتېرىيال ۋە كۆپەيتىپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار دۆلەتنىڭ تېخنىكا، سۈپەت ئۆلچىمى ۋە قېلىپلاشتۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
49 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش ئورۇنلىرى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمىن، تەيۋەن رايونلىرى ياكى چەت ئەللىك خېرىدارلار كۆپەيتىپ ئىشلەپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرى، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى ياكى سېتىلمايدىغان ئېلېكترونلۇق ۋاستىلەرنى قوبۇل قىلغاندا، ھاۋالە قىلغۇچى ئورۇندىن مەزمۇنىغا دائىر ماتېرىياللارنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە يوللاپ تەكشۈرتۈش، ھوقۇق بېرىلگەن ئەسەر ھوقۇقى توختامىنى ئېلىپ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسىگە بېرىپ تىزىملىتىپ تەستىقىي ھۆججەت ۋە تىزىملاش كىنىشكىسى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن كۆپەيتىپ ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. كۆپەيتىپ ئىشلەنگەن ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ئەۋرىشكىسىدىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسىنى چېگرا سىرتىغا چىقىرىش لازىم.
بەشىنچى باب ئىمپورت
50 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن كېڭىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى، قۇرۇلمىسى، جايلىشىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
51 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلىش ئورنىنى تەسىس قىلىشتا تۆۋەندىكى شارائىتلارنى ھازىرلاش كېرەك:
(1) ئىمپورت ئورنىنىڭ ئىسمى، نىزامنامىسى بولۇشى كېرەك؛
(2) ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى ئېتىراپ قىلغان ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن ۋە زۆرۈر بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى تارماق بولۇشى؛
(3) ئېنىق بەلگىلەنگەن كەسپىي دائىرىسى بولۇشى؛
(4) زۆرۈر بولغان مەبلىغى ۋە ئۈسكۈنىلىرى بولۇشى؛
(5) مۇقىم خىزمەت سورۇنى بولۇشى؛
(6) كەسپىي دائىرىسى ئېھتىياجلىق بولغان تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرى ئىمپورت كەسپىنى پىششىق بىلىدىغان، ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنۋان ئالغان سەككىزدىن ئارتۇق كەسپىي خادىم بولۇشى، ئۇلاردىن ئۈچتىن كۆپرەكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋان ئالغان بولۇشى كېرەك.
ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلىش ئورنىنى قۇرۇشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتا ئالدىنقى تۈردە كۆرسىتىلگەن شەرتلەردىن باشقا يەنە ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى، قۇرۇلمىسى، جايلىشىش پىلانىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك.
52 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلىش ئورنىنى تەسىس قىلىشتا، قۇرغۇچى ئورۇن ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە ئىلتىماس قىلىدۇ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى تەكشۈرۈپ قوشۇلغاندىن كېيىن ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللاپ بېرىدۇ.
53 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلىش ئورنىنى تەسىس قىلىشتا، تۆۋەندىكى ھۆججەت، كىنىشكىلارنى تاپشۇرۇش كېرەك:
(1) ئىلتىماس، ئىلتىماسقائىمپورت قىلغۇچى ئورۇننىڭ ئىسمى، ئادرېسى، ئىقتىسادىي خاراكتېرى، مەبلەغ مەنبەسى ۋە سانى، ئىمپورت قىلغۇچى ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ياكى قانۇنىي ۋەكىلىنىڭ ئىسمى ۋە ئادرېسى، ئىمپورت قىلغۇچى ئورۇنغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك تارماق، قۇرغۇچى ئورۇننىڭ ئىسمى ۋە ئادرېسى يېزىلىشى؛
(2) مەسئۇل تارماقنىڭ ئىلتىماسىنى تەستىقلىغان ھۆججىتى؛
(3) ئىمپورت قىلىش ئورنىنىڭ نىزامنامىسى؛
(4) ئىمپورت قىلغۇچى ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ياكى قانۇنىي ۋەكىلى، شۇنىڭدەك مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 51 - ماددىسىدا تەلەپ قىلىنغان باشقا خادىملارنىڭ كەسپىي ئۇنۋانغا دائىر ئىسپات ۋە كىملىكى؛
(5) مەبلەغنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى توغرىسىدىكى ئىسپاتى؛
(6) خىزمەت سورۇنىنى ئىشلىتىش ھەققىدىكى ئىسپاتى يېزىلىشى كېرەك.
54 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن ئېتىبارەن 180 كۈن ئىچىدە قوشۇلغانلىق ياكى قوشۇلمىغانلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشى ھەمدە ئىمپورت قىلىش ئورنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ئىمپورت قىلىش ئورنىنى قۇرغۇچى ئورۇنغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم؛ قوشۇلمىسا، سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
55 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلىش ئىلتىماسىنى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن قۇرغۇچى ئورۇن <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى سودا قانۇنى> دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تاشقى سودا - ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا مەسئۇل مەمۇرىي تارماققا بېرىپ ئىمپورت - ئېكىسپورت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىشى ھەمدە تەستىق گۇۋاھنامىسى ئالغان كۈندىن ئېتىبارەن 60 كۈن ئىچىدە تەستىقنامىنى ئېلىپ ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ قانۇن بويىچە تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىشى كېرەك.
56 - مادد ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلىش ئورنى ئىسمى، كەسپىي دائىرىسى، ئىقتىسادىي خاراكتېرى، قۇرغۇچى ئورۇن، مەسئۇل تارماقنى ئۆزگەرتسە، قوشۇۋېتىلسە ياكى ئايرىۋېتىلسە، مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 52 -، 53 -، 55 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە يېڭىۋاشتىن تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشى كېرەك.
ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلىش ئورنى ئادرېسى، ئاساسلىق مەسئۇلى ياكى قانۇنىي ۋەكىلىنى ئۆزگەرتسە، ئەسلىدىكى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان ئورگانغا بېرىپ ئۆزگەرتىپ تىزىملاش رەسمىيىتىنى ئۆتىشى كېرەك.
57 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلىش ئورنى ئىمپورت قىلىش پائالىيىتىنى توختاتسا، تىجارىتىنى توختاتقان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئەسلىدىكى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان ئورۇنغا بېرىپ تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشى لازىم.
58 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلىش ئورنى تەييار ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلسا، ئۇنىڭ مەزمۇنى ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە تەكشۈرتۈپ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ تەكشۈرتۈپ تەستىقلىتىپ، ئاندىن ئىمپورت قىلىشى كېرەك.
ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ قوشۇلغانلىق توغرىسىدىكى ماتېرىيالنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن ئېتىبارەن 45 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشى لازىم.
59 - ماددا ئىمپورت قىلىنغان ئېلېكترونلۇق نەشر بۇيۇملىرىنىڭ مۇقاۋىسىغا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى ئېتىراپ قىلغان مەخسۇس بەلگە چاپلانغاندا، ئاندىن تارقىتىشقا بولىدۇ.
60 - ماددا تەتقىقات، ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئېلېكترونلۇق نەشر بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلغاندا، ئۇلارنى تىجارەت خاراكتېرلىك كۆپەيتىپ ئىشلەشكە، تارقىتىشقا بولمايدۇ.
ئالتىنچى باب تارقىتىش
61 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى باش توپ تارقىتىش ئورۇنلىرىنىڭ مىقدارى، قۇرۇلمىسى، جايلىشىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ھەمدە يولغا قويۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىلىرى ئۆز مەمۇرىي رايوننىڭ ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش ۋە ئىجارىگە بېرىش ئورۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى، قۇرۇلمىسى، جايلىشىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ھەمدە يولغا قويۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
62 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:
(1) تىجارەت قىلغۇچى ئورۇننىڭ ئىسمى، نىزامنامىسى بولۇشى؛
(2) ئېنىق بېكىتىلگەن كەسپىي دائىرىسى بولۇشى؛
(3) زۆرۈر بولغان مەبلىغى ۋە ئۈسكۈنىسى بولۇشى؛
(4) مۇقىم تىجارەت سورۇنى بولۇشى؛
(5) ئېلېكترون نەشر بۇيۇمىنى پىششىق بىلىدىغان تېخنىكلار ۋە باشقۇرۇش خادىملىرى بولۇشى كېرەك.
ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدىغان ئورۇنلار ئالدىنقى تۈردە كۆرسىتىلگەن شەرتلەردىن باشقا يەنە ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئورۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى، قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىش پىلانىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش لازىم.
چەت ئەللىكلەر مەبلەغ سالغان، جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەر بىرلىشىپ مەبلەغ سالغان، جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەر ھەمكارلىشىپ قۇرغان كارخانىلارنىڭ ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى باش توپ تارقىتىشى، توپ تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
63 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى باش توپ تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە ئىلتىماس قىلىش، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى تەكشۈرۈپ قوشۇلغاندىن كېيىن ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ تەكشۈرتۈپ تەستىقلىتىش كېرەك.
ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە يوللاپ تەكشۈرتۈپ تەستىقلىتىش لازىم، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى زەنجىرسىمان سېتىش ئورۇنلىرى توپ سېتىش بازارلىرىنى تەسىس قىلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئالدىنقى تۈردىكى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرتۈپ تەستىقلىتىش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتىشى كېرەك.
ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش، ئىجارىگە بېرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە ياكى ۋىلايەتلىك، شەھەرلىك نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا يوللاپ تەكشۈرتۈپ تەستىقلىتىش كېرەك.
64 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، تۆۋەندىكى ھۆججەت، كىنىشكىلارنى تاپشۇرۇش كېرەك:
(1) ئىلتىماس، ئىلتىماسقا ئىلتىماس قىلغۇچى ئورۇننىڭ ئىسمى، ئادرېسى، كارخانا تىپى، مەبلەغ مەنبەسى ۋە سانىنى ئېنىق يېزىش؛
(2) تىجارەت قىلغۇچى ئورۇننىڭ نىزامنامىسى؛
(3) مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 62 - ماددىسىدا تەلەپ قىلىنغان تېخنىك خادىملار، باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ كەسپىي تېخنىكا سالاھىيەت كىنىشكىسى ۋە كىملىكى؛
(4) مەبلەغنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ھەققىدىكى ئىسپاتى؛
(5) تىجارەت سورۇنىنى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى ئىسپاتى بولۇشى كېرەك.
65 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن ئېتىبارەن 180 كۈن ئىچىدە قوشۇلغانلىق ياكى قوشۇلمىغانلىق قارار چىقىرىشى كېرەك، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات ـ نەشرىيات ئىدارىسى باش توپ تارقىتىش ئورنىنى قۇرغۇچى ئورۇنغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك؛ تەستىقلانمىسا، سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش لازىم.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ياكى ۋىلايەتلىك، شەھەرلىك نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن ئېتىبارەن 60 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم؛ تەستىقلانمىسا، سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.
66 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىلتىماسى ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى تەرىپىدىن تەستىقلانغان ھەم <ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئىجازەتنامىسى> قولغا تەگكەندىن كېيىن ئىلتىماس قىلغۇچى 03 كۈن ئىچىدە <ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئىجازەتنامىسى> نى ئېلىپ ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ قانۇن بويىچە تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىشى كېرەك.
67 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئورنى ئىسمى، تىجارەت دائىرىسىنى ئۆزگەرتسە، مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 63 -، 64 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يېڭىۋاشتىن تەكشۈرتۈپ تەستىقلىتىش رەسمىيىتى ئۆتىشى كېرەك.
ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئورنى ئادرېسى، ئاساسلىق مەسئۇلى ياكى قانۇنىي ۋەكىلىنى ئۆزگەرتسە، كىنىشكا تارقاتقان ئورۇنغا ئۆزگەرتىپ تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
68 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئورنى تىجارەت پائالىيىتىنى توختاتسا، تىجارەت پائالىيىتىنى توختاتقان كۈندىن ئېتىبارەن 30 كۈن ئىچىدە كىنىشكا تارقاتقان ئورگانغا بېرىپ تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتى ئۆتىشى كېرەك. ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش ئورنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈلسە، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
69 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنى ئۆزى نەشر قىلغان ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى باش توپ تارقاتسا، توپ تارقاتسابولىدۇ.
70 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش ئورنىنىڭ ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ياكى ۋاستىلىك شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
71 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئورنى جەزمەن ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش، ئىمپورت قىلىش، باش توپ تارقىتىش، توپ تارقىتىش ئورنىدىن مال كىرگۈزۈشى كېرەك.
ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش، ئىمپورت قىلىش، باش توپ تارقىتىش، توپ تارقىتىش ئورنى ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىشتا، مال كىرگۈزگۈچى ئورۇننى مال تارقىتىش ئىسپاتى بىلەن تەمىن ئېتىشى لازىم. تەكشۈرۈشكە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، مال تارقاتقۇچى ئورۇن بىلەن مال كىرگۈزگۈچى ئورۇن مال تارقىتىلغان ياكى مال كىرگۈزۈلگەن كۈندىن ئېتىبارەن نەشر بۇيۇملىرى مۇندەرىجىسىنى ساقلاپ قويۇشى لازىم.
72 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىشقا، قوشۇپ تەقدىم قىلىشقا بولمايدۇ:
(1) مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 6 -، 7 - ماددىلىرىدا مەنئى قىلىنغان مەزمۇن بولسا؛
(2) دۆلەتكە تەستىقلاتماي تۇرۇپ نەشر قىلغان بولسا؛
(3) دۆلەتكە تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئىمپورت قىلغان بولسا؛
(4) نەشر قىلىش ئورۇنلىرى ياكى ئۈزۈلدۈرمەي نەشر قىلىنىدىغان نەشر بۇيۇملىرىنىڭ نامى ئويدۇرۇپ چىقىلغان ياكى ئوغرىلانغان بولسا؛
(5) باشقىلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىنغان بولسا؛
(6) جۇڭگو مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى، ژرۇرنال نومۇرى ۋە تىك سىزىقلىق نومۇر بولمىسا؛
(7) لازېر دىسكىلاردامەنبەسىنى پەرقلەندۈرۈش نومۇرى بولمىسا؛
(8) ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بېكىتىلمىگەن بولسا.
73 - ماددا خەلقئارالىق، مەملىكەتلىك ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، يەرمەنكىسى، مال زاكاز قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى بولغاندا، ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئورۇن ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە ئىلتىماس قىلىشى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى تەكشۈرۈپ قوشۇلغان ۋە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئاندىن ئۆتكۈزۈش لازىم. ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن ئېتىبارەن 60 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشى كېرەك.
رايون خاراكتېرلىك ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، يەرمەنكىسى، مال زاكاز قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى بولغاندا ئۆتكۈزگۈچى ئورۇن ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىگە ئىلتىماس قىلىشى، تەستىقلىغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن ئېتىبارەن 45 كۈن ئىچىدە، تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشى كېرەك.
يەتتىنچى باب جازا پرىنسىپى
74 - ماددا تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئۆز مەيلىچە ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش، كۆپەيتىپ ئىشلەش، ئىمپورت قىلىش ئورنىنى قۇرۇۋالسا، ئۆز مەيلىچە ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش، كۆپەيتىپ ئىشلەش، ئىمپورت قىلىش، تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانسا بۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرى ۋە قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى ئاساسلىق مەخسۇس سايمانلىرى، ئۈسكۈنىلىرى ۋە قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەمدە قانۇنسىز كىرىمىنىڭ 2 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
75 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىشلەش، نەشر قىلىش، كۆپەيتىپ ئىشلەش، ئىمپورت قىلىش، تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرى ۋە قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەمدە قانۇنسىز تاپاۋىتىنىڭ 3 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئەھۋال ئېغىر بولسا، رويخەتتىن ئۆچۈرۈلىدۇ ياكى كەسپى توختىتىلىپ تەرتىپكە سېلىنىدۇ، ئىجازەتنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ:
(1) مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 6 -، 7 - ماددىلىرىدا مەنئى قىلىنغان مەزمۇن بولغان ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىشلىگەن، نەشر قىلغان، ئىمپورت قىلغان بولسا؛
(2) باشقىلارنىڭ مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 6 -، 7 - ماددىلىرىدا مەنئى قىلىنغان مەزمۇن بار ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىپ ساتقان، ئىجارىگە بەرگەنلىگى ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق نەشر قىلىش ئورنىنىڭ ئىسمى، كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى ۋە تىك سىزىقلىق نومۇرنى ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكىنى ئېنىق بىلىدىغان بولسا؛
(3) نەشر قىلىش ئورنى ياكى ئۈزۈلدۈرمەي نەشر قىلىنىدىغان نەشر بۇيۇملىرىنىڭ نامىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئوغرىلاپ ئىشلىتىپ، مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 6 -، 7 - ماددىلىرىدا مەنئى قىلىنغان مەزمۇن بولغان ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلغان بولسا؛
(4) مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 6 -، 7 - ماددىلىرىدا چەكلەنگەن مەزمۇن بار ئېلېكترون نەشر بۇيۇمى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئۇنى كۆپەيتىپ ئىشلىگەن، تاقاتقان، قوشۇپ تەقدىم قىلغان بولسا.
76 - ماددا باشقىلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىنغان ئېلېكترون نەشر بۇيۇمى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئۇنى نەشر قىلغان، كۆپەيتىپ ئىشلىگەن، تارقاتقان، قوشۇپ تەقدىم قىلغان بولسا، ئېلېكترون نەشر بۇيۇمى ۋە قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەمدە قانۇنسىز كىرىمىنىڭ 3 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئەھۋال ئېغىر بولسا، كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ ياكى ئىجازەتنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
77 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنى ئۆز ئورنىنىڭ ئىسمى، كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى ۋە تىك سىزىقلىق نومۇرىنى ساتسا، ئىجارىگە بەرسە ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق ئۆتۈنۈپ بەرسە، قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەمدە قانۇنسىز تاپاۋىتىنىڭ 2 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئەھۋال ئېغىر بولسا، كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ ياكى ئىجازەتنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
78 - ماددا نەشر قىلىش ئورنى ياكى ئۈزۈلدۈرۈلمەي نەشر قىلىنىدىغان ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنىڭ نامىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئوغرىلاپ ئىشلىتىپ ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلغان بولسا، ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، ئېلېكترون نەشر بۇيۇمى ۋە قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەمدە قانۇنسىز تاپاۋىتىنىڭ 3 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ باشقا نەشر قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلغان بولسا، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
79 - ماددا مۇشۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسا، ئېلېكترون نەشر بۇيۇمى ۋە قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا قوشۇپ قانۇنسىز تاپاۋىتىنىڭ 2 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇشقىمۇ بولىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولسا، كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ ياكى ئىجازەتنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ:
(1) ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلسا؛
(2) ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ چېگرا سىرتىدىكى ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلېكترون نەشر بۇيۇمى نەشر قىلغان بولسا؛
(3) ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىشلەش، نەشر قىلىش ئورنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ چېگرا سىرتىدىكى خېرىدارلار ئىشلەپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى قوبۇل قىلغان ياكى ۋاستىلىك ھالدا قوبۇل قىلغان بولسا؛
(4) تەستىقلاتماي تۇرۇپ، تىجارەت مەقسىتىدە ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلغان بولسا؛
(5) ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلىش ئورنىغا كىرمەيدىغان ئورۇن ئىمپورت قىلغان ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى تارقاتقان، قوشۇپ تەقدىم قىلغان بولسا؛
(6) قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بېكىتىلمىگەن ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرى تۈرىدىكى ئېلېكترون نەشر بۇيۇملرىنى تارقاتقان، قوشۇپ تەقدىم قىلغان بولسا.
80 - ماددا مۇشۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسا، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ، ئېلېكترون نەشر بۇيۇمى ۋە قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولسا، كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ:
(1) ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنى بەلگىلىمە بويىچە جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى ۋە تىك سىزىقلىق نومۇر ئىشلەتمىگەن بولسا؛
(2) ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئىشلەش ئورنى قانۇنلۇق رەسمىيەت ئۆتىمەي تۇرۇپ ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرى، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىياللىرى، سېتىلمايدىغان ئېلېكترونلۇق ۋاستىلەرنى كۆپەيتىپ ئىشلىگەن بولسا؛
(3) دۆلەتنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ نەشر قىلىنغان ياكى ئېلېكترون نەشر بۇيۇملرىدا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇر، ژۇرنال نومۇرى ۋە تىك سىزىقلىق نومۇر بولمىغان ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى تارقاتقان، قوشۇپ تەقدىم قىلغان بولسا؛
(4) كېلىش مەنبەسى، پەرق ئېتىش نومۇرى بولمىغان لازېر دىسكا تۈرىدىكى ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى تارقاتقان، قوشۇپ تەقدىم قىلغان بولسا.
81 - ماددا مۇشۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسا، قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ:
(1) نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى تەكشۈرۈو ماقۇل بولغان تىجارەت دائىرىسىدىن ھالقىپ ئېلېكترون نەشر بۇيۇملرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولسا؛
(2) ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ئورنى ئېلېكتون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش، ئىمپورت قىلىش، باش توپ تارقىتىش، توپ تارقىتىش ئورنىغا كىرمەيدىغان ئورۇنلاردىن مال كىرگۈزگەن بولسا ياكى مال تارقاتقان، مال كىرگۈزگەنلىكى ھەققىدە ئىسپات ۋە مۇندەرىجە بولمىسا.
82 - ماددا مۇشۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ:
(1) ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ نەشر قىلىش پىلانى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى زور تېمىلارغا چېتىشلىق بولغاچقا، ئۇنى نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرمىغان بولسا، <كىتاب، ژۇرنال، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى، ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىدا زور تېمىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش چارىسى> دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛
(2) تىجارەت سورۇنىدا تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئاسمىغان بولسا، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ؛
(3) ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش، كۆپەيتىپ ئىشلەش، ئىمپورت قىلىش، تارقىتىش ئورنى تىزىمغا ئېلىنغان تۈرلەرنى ئۆزگەرتكەن ياكى تىجارەت پائالىيىتىنى توختاتقان بولۇپ، بەلگىلىمە بويىچە ئۆزگەرتىش ياكى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتىمىگەن بولسا، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشكە قوشۇمچە 50 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ؛
(4) ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش ئورنى بەلگىلىمە بويىچە ئېلېكترون نەشر بۇيۇمىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى تاپشۇرمىغان بولسا، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشكە قوشۇمچە 50 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ؛
(5) تىجارە ئىجازەتنامىسىنى ئارىيەتكە، ئىجارىگە بەرگەن، ئۆزگەرتكەن بولسا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ ياكى ئىجازەتنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ؛
(6) تەستىقلاتماي تۇرۇپ ياكى نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلىغان تۈرلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، يەرمەنكىسى، مال زاكاز قىلىش يىغىنى ئاچقان بولسا، قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەمدە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
83 - ماددا مۇشۇ بەلگىلىمىدە تەمىن ئېتىش تەلەپ قىلىنغان ھۆججەت، كىنىشكىلار يالغان بولسا، ئەسلىدىكى تىزىملاشنى تەستىقلىغان ھۆججەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
84 - ماددا نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرى تىجارىتىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا، تۆۋەندىكى ھوقۇقلارنى يۈرگۈزسە بولىدۇ:
(1) ئالاقىدارلاردىن گەپ سورىسا؛
(2) قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىگە ئالاقىدار بولغان بۇيۇملارنى تەكشۈرسە، زۆرۈر تېپىلغاندا قانۇن بويىچە پېچەتلىۋېتىشكە بۇيرۇسا؛
(3) قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىگە ئالاقىدار قىلمىشلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا، ئالاقىدار ماددىي يازما ئىسپاتلارنى توپلىسا؛
(4) قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىگە ئالاقىدار توختام، ھېسابات دەپتىرى قاتارلىق كەسپىي ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ كۆرسە، نۇسخا كۆپەيتسە.
تەكشۈرۈش خادىملىرى جاۋابكارلارغا كىنىشكىسىنى كۆرسىتىسشى، ئالاقىدارلار ئۇنىڭغا ھەمكارلىشىشى كېرەك، رەت قىلىشقا بولمايدۇ.
85 - ماددا جاۋابكارلار مەمۇرىي جازاغا قايىل بولمىسا <مەمۇرىي جەھەتتە قايتا قاراپ چىقىشى نىزامى> دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ قايتا قاراپ چىقىش نەتىجىسىگە قايىل بولمىسا، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي دەۋا قانۇنى> دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ، جاۋابكار مۇددەت ئۆتۈپ كەتكۈچە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلماي، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلماي جازا قارارىنى ئىجرا قىلمىسا، جازا قارارىنى چىقارغان ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
86 - ماددا ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش خادىملىرى خىزمەت ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، خىزمەتتە مەسۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرسە، قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ.
سەككىزىنچى باب قوشۇمچە پرىنسىپ
87 - ماددا بۇ بەلگىلىمە يولغا قويۇلغان كۈندىن ئېتىبارەن، ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىش، كۆپەيتىپ ئىشلەش، ئىمپورت قىلىش، تارقىتىش ئورۇنلىرى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈپ تىزىملىتىش رەسمىيىتى ئۆتەيدۇ.
تەكشۈرۈپ تىزىملاش خىزمىتىدە ئىجازەتنامە ئالماشتۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭ تەننەرخ ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلوق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى يەرلىك مال باھاسى تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ.
88 - ماددا بۇ بەلگىلىمىنى چۈشەندۈرۈشكە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى مەسئۇل بولىدۇ.
89 - ماددا بۇ بەلگىلىمە 1998 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، <ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە> ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ 6 - نومۇرلۇق بۇيرۇقى( ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇشقا دائىر باشقا بەلگىلىمىلەردە مۇشۇ بەلگىلىمە زىت كېلىدىغان بەلگىلىمىلەر بولسا، مۇشۇ بەلگىلىمە ئۆلچەم قىلىنىدۇ.