UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملار<>نەشر قىلىنغان يازما ئەسەرلەرنىڭ قەلەم ھەققى< توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنىڭ تولۇقلىمىسى> نى بېسىپ تارقاتقانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

<>نەشر قىلىنغان يازما ئەسەرلەرنىڭ قەلەم ھەققى< توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنىڭ تولۇقلىمىسى> نى بېسىپ تارقاتقانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

قانۇنلار شىنجاڭ. ئەسەر ھوقۇقى (999) 14 - نومۇرلۇق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى گېزىتخانىلارغا، ژۇرنال رېداكسىيلىرىگە: ئىدارىمىز ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى بىلەن بىرلىكتە 1999 - يىلى 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى <>نەشر قىلىنغان يازما ئەسەرلەرگە بېرىلىدىغان قەلەم ھەققى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە< نى يولغا قويۇش چارىسىنى بېسىپ تارقاتقانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش> نى تارقاتتى. <ئۇقتۇرۇش> تا كوررېكتورلۇق، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، تەھرىرلەش، پىششىقلاپ ئىشلەش، كىتاب ئورىگىناللىرىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق غەيرىي ئەسەر ئىشلىتىش شەكلىنىڭ قەلەم ھەققى ئۆلچىمى مۇۋاپىق تەڭشەلدى: يەنى 0199 - يىلى ئىدارىمىز بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى بىرلىكتە تارقاتقان <>كىتابلارغا بېرىلىدىغان قەلەم ھەققى توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە< نى يولغا قويۇش چارىسى> شىنجاڭ. ئاخبارات - نەشرىيات (1990) 243 - نومۇرلۇق ھۆججەتتىكى كوررېكتورلۇق، تەھرىرلەش، پىششىقلاپ ئىشلەش كىتاب ئورىگىناللىرىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارغا بېرىلىدىغان قەلەم ھەققى 50 - 70 ئۆستۈرۈلىدۇ. ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ ئىجرا قىلىشىغا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، 1990 - يىلىدىكى 243 - نومۇرلۇق ھۆججەتتىكى كوررېكتورلۇق، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، تەھرىرلەش، پىششىقلاپ ئىشلەش، كىتاب ئورىگىناللىرىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارغا بېرىلىدىغان قەلەم ھەققى ئۆلچىمى قىسقىچە تۆۋەندىكىدەك ئېلان قىلىندى. 3 - ماددا ئاساسىي قەلەم ھەققى ئۆلچىمى 6. تەرجىمە ئەسەرلەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھەققى 1000 خەتكە 4 - 10 يۈەن، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھەققى ئەسەرنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە خىزمەت سالمىقىغا ئاساسەن، ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ: 4 - 5 يۈەن، 6 - 8 يۈەن، 9 - 10 يۈەن. تىراژ ھەققى بېرىلمەيدۇ. تەرجىمە قىلغۇچى باشقىلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلسا، ھەقنى تەرجىمە قىلغۇچى بېرىدۇ. نەشر قىلغۇچى ئورۇن باشقىلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلسا، ھەقنى نەشر قىلغۇچى ئورۇن بېرىدۇ. 8. نەشرىياتنىڭ سىرتىدىكى خادىملار تەكلىپ قىلىنىپ تەھرىرلەنگەن، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئەسەرلەرنىڭ تەھرىرلەش - پىششىقلاپ ئىشلەش ھەققى 1000 خەتكە 4 - 6 يۈەن، تىراژ ھەققى بېرىلمەيدۇ. 10. كوررېكتورلۇق ھەققى: ھەر بىر قېتىملىق كوررېكتورلۇق ھەققى 4.0 - 00.1 يۈەن. بۇنىڭدىن باشقا، گېزىتخانا، ژۇرنال رېداكسىيلىرىنىڭ گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى ئىشلىتىشكە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، مەدەنىيەت مىنسىتىرلىكى 1985 - يىلى ئېلان قىلغان <گۈزەل سەنئەت نەشر بۇيۇملىرىنىڭ قەلەم ھەققى ئۆلچىمى> قوشۇپ تارقىتلىدى، گېزىتخانا، ژۇرنال رېداكسىيلىرىنىڭ مۇشۇ ئۆلچەم ئاساسىدا، شىنجاڭ. ئاخبارات - نەشرىيات (1990)432 - نومۇرلۇق ھۆججەتتىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئاپتورلارغا بېرىلىدىغان قەلەم ھەققىنى 50 - 100 ئۆستۈرۈپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بەدىئىي قىستۇرما رەسىمنىڭ ھەر بىرىگە 10 - 30 يۈەن تېخنىكىلىق قىستۇرما رەسىم، جەدۋەلنىڭ ھەر بىرىگە 1 - 15 يۈەن ھۆسنخەتنىڭ ھەر بىر پارچىسىغا 3.0 - 1 يۈەن مۇرەككەپ، كۆپ رەسىملىك خەت لايىھىسىگە 2 - 3 يۈەن فوتو سۈرەتنىڭ (مۇقاۋا، قىستۇرما رەسىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەر بىرىگە 10 - 40 يۈەن نەفش، ماۋزۇ بېشى، بەت ئاخرىىدكى گۈلنىڭ ھەر بىرىگە 2 - 10 يۈەن، ئايرىم رەسىملەرنى تەھرىرلەش ھەققى 3 - 50 يۈەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسى 1999 - يىلى 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار
<>نەشر قىلىنغان يازما ئەسەرلەرنىڭ قەلەم ھەققى< توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنىڭ تولۇقلىمىسى> نى بېسىپ تارقاتقانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش | UyghurWiki | UyghurWiki