UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملارژۇرناللاردا قوشۇمچە سان چىقىرىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

ژۇرناللاردا قوشۇمچە سان چىقىرىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

قانۇنلار ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى. 1992 - يىلى 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى. ئاخبارات - نەشرىيات. (1992) 1967 - نومۇرلۇق بىرىنچى، راسمىي ژۇرناللاردا ئادەتتە ھەر يلى بىر سان قوشۇمچە سان چىقىرىشنى تەستىقلاشقا بولىدۇ(ئەدەبىي ژۇرناللار بۇنىڭ سىرتىدا)، بۇ قېتىلىق ئىلتىماس بىر قوشۇمچە ساندىلا كۈچكە ئىگە. ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ بىر يىلدا بىردىن ئارتۇق قوشۇمچە سان چىقىرىشقا توغرا كەلسە، يەنە ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلىتىش لازىم. قوشۇمچە سان نەشر قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك: رەسمىي ژۇرناللار ئۈزۈلدۈرمەي بىر يىلدىن ئارتۇق نەشر قىلىنغان ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە ژۇرنال ئەۋرىشكىسىنى ۋاقتىدا ئەۋەتكەن بولۇشى؛ رەسمىي ژۇنال ئىككى يىل ئىچىدە ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەمۇرىي جازاسىغا ئۇچرىمىغان بولۇشى؛ قوشۇمچە سانىنىڭ مەقسىتى، تەھرىرلىك فاڭجېنى، فورماتى ۋە تارقىتىلىش دائىرىسى رەسمىي ژۇرنال بىلەن بىردەك بولغان بولۇشى كېرەك. ئىككىنچى، ئىجتىمائىي پەنگە دائىر ژۇرناللار قوشۇمچە سان نەشر قىلسا، <ژۇرنال باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە> نىڭ 02 -، 21 -، 22 - ماددىلىرى بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىدۇ، تىزىملىنىدۇ، نەشر قىلىنىدۇ. مەركەزدىكى ئورۇنلار مەسئۇل بولۇپ چىقارغان ژۇرناللار قوشۇمچە سان نەشر قىلسا، باشقۇرۈۇچى تارماق بەلگىلىگەن ژۇرنالغا مەسئۇل تاماق ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ ژۇرنال مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تەبىئىي پەنگە، تېخنىكىغا دائىر ژۇرناللار قوشۇمچە سان چىقارسا، <پەن - تېخنىكىغا دائىر ژۇرناللارنى باشقۇرۇش چارىسى> دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بېجىرىلىدۇ. ئۈچىنچى، ژۇرنالغا مەسئۇل ئورۇنلار (ئۇلار بەلگىلىگەن ژۇرنالغا مەسئۇل تارماقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) سۇنغان قوشۇمچە سان نەشر قىلىش توغرىسىدىكى ئىلتىماس تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك: چىقىرىلىدىغان قوشۇمچە ساندىكى ماقالىلەرنىڭ مۇندەرىجىسى (ئەگەر شۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ۋاقتى ئەسكەرتىپ قويۇلىدۇ)، قوشۇمچە ساننىڭ ئومۇمىي خەت سانى، تىراژى، باسما تاۋىقى، باھاسى، نەشر قىلىنىدىغان ۋاقتى، باسىدىغان زاۋۇت. تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى ئورۇن زۆرۈر دەپ قارىسا، ژۇرنال رېداكسىيىسىدىن قوشۇمچە سانغا كىرگۈزۈلىدىغان ماقالىنى ئەكىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. تۆتىنچى، قوشۇمچە سان نەشر قىلىش تەستىقلانغاندىن كېيىن، ژۇرنال چىقارغۇچى ئورۇن تەستىقنامىنى ئېلىپ 30 كۈن ئىچىدە ئەسلى تىزىمغا ئالغان ئورگانغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ، تىزىمغا ئالغۇچى ئورۇن بىر قېتىملىق <قوشۇمچە سان چىقىرىش ئىجازەتنامىسى> تارقىتىپ بېرىدۇ. مۇددەتتىن ئېشىپ كەتكۈچە تىزىمغا ئالدۇرمىسا، تەستىقنامە كۈچتىن قىلىنمىسا، تىزىمغا ئالغۇچى ئورۇن تىزىمدىن ئۆچۈرىدۇ، داۋاملىق قوشۇمچە سان چىقىرىشقا بولمايدۇ. ئەگەر قوشۇمچە ساننى داۋاملىق چىقارماقچى بولسا، ئەسلىدىكى تەرتىپ بويىچە يېڭىۋاشتىن تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىدۇ. بەشىنچى، ژۇرناللار قوشۇمچە سان چىقارسا، مەملىكەت ئىچىدىكى بىر تۇتاش ژۇرنال نومۇرى ۋە بىر قېتىملىق قوشۇمچە سان ئىجازەتنامىسى نومۇرىنى بېسىش ھەمدە مۇقاۋىغا رەسمىي ژۇرنالنىڭ ئىسمىنى بېسىش ۋە <قوشۇمچە سان> دەپ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك، باشقا ئىسىم قويۇشقا ياكى قوشۇمچە ئىسىم قويۇشقا بولمايدۇ. ئالتىنچى، ژۇرناللار قوشۇمچە سان چىقارسا، شۇ ژۇرنالدىكىلەر ئۆزلىرى تەھرىرلىشى كېرەك ھاۋالە قىلىش، ھۆددىگە بېرىش ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇللار ئارقىلىق باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ تەھرىرلەپ نەشر قىلىشىغا بېرىشكە بولمايدۇ ياكى شۇ ژۇرنالنىڭ سىرتقا ئەۋەتكەن ئورنى - نامى بىلەن ۋە ياكى باشقا شەكلى ئۆزگەرگەن شەكىللەر بىلەن تەھرىرلەپ نەشر قىلىشقا بولمايدۇ. يەتتىنچى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ تەستىقىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى تەستىقلىنىپ 30 كۈن ئىچىدە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇلۇشى لازىم. قوشۇمچە سان تەستىقلانغاندىن كېيىن ۋاقتىدا تىزىمغا ئالغان ئورۇنغا ۋە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ ژۇرنال مەھكىمىسىگە ئۈچ نۇسخىدىن ژۇرنال ئەۋرىشكىسى ئەۋەتىپ بېرىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار