UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملارجۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى

جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى

قانۇنلار دۆلەتلىك ئۆلچەم ئىدارىسى 1986 - يىلى 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ئۆلچەمنى ئىشلىتىشتىن مەقسەت جۇڭگودا رويخەتكە ئېلىنغان نەشرىياتلار نەشر قىلغان ھەر خىل كىتابنىڭ ھەر خىل نۇسخىسىنى دۇنيا خاراكتېرلىك بولغان بىردىنبىر بەلگە نومۇرغا ئىگە قىلىپ، كومپيۇتېر ياكى باشقا زامانىۋى تېخنىكا ئارقىلىق كىتاب سودىسىنى باشقۇرۇشنى ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋە ئىشەنچلىك دەرىجىگە يەتكۈزۈش، شۇنداقلا كىتابلارنى تۈرگە ئايرىپ ستاتىستىكا قىلىش ۋە دۆلەتلىك ئۆلچەم ئىدارىسى 1986 - يىلى 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ئۆلچەمنى ئىشلىتىشتىن مەقسەت جۇڭگودا رويخەتكە ئېلىنغان نەشرىياتلار نەشر قىلغان ھەر خىل كىتابنىڭ ھەر خىل نۇسخىسىنى دۇنيا خاراكتېرلىك بولغان بىردىنبىر بەلگە نومۇرغا ئىگە قىلىپ، كومپيۇتېر ياكى باشقا زامانىۋى تېخنىكا ئارقىلىق كىتاب سودىسىنى باشقۇرۇشنى ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋە ئىشەنچلىك دەرىجىگە يەتكۈزۈش، شۇنداقلا كىتابلارنى تۈرگە ئايرىپ ستاتىستىكا قىلىش ۋە سېتىش - تىزىش خىزمىتى ئۈچۈن قۇلايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت. 1. جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنىڭ قۇرۇلمىسى جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى بىر خەلقئارا ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى (,Internationsl Steandard Book Number قىسقارتىلىپ يېزىلىشى ISBN ) ۋە بىر كىتابىنى تۈرىگە ئايرىش - خىل - قېتىم نومۇرىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمىدىن تەركىب تاپىدۇ، بۇنىڭدىكى خەلقئارا ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى (ISBN ) جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ۋە ئۇنى ئايرىم ئىشلىتىشكە بولىدۇ. 1. 1 خەلقئارا ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى (ISBN) قۇرۇلمىسى خەلقئارا ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى تۆۋەندىكى تۆت بۆلەككە بۆلەنگەن ئون رەقەمدىن تەركىب تاپىدۇ: بىرىنچى بۆلەك - گۇرۇپپا نومۇرى ئىككىنچى بۆلەك - نەشرىيات نومۇرى ئۈچىنچى بۆلەك - كىتاب تەرتىپ نومۇرى تۆتىنچى بۆلەك - تەكشۈرۈش نومۇرى 1. 1 گۇرۇپپا نومۇرى: گۇرۇپپا نومۇرى دۆلەت، رايون، تىل ياكى باشقا گۇرۇپپا - گۇرۇھلارنىڭ بەلگىسى،ئۇنى تەقسىم قىلىشقا خەلقئارا كىتاب نومۇرى مەركىزى (International ISBN agency) مەسئۇل بولىدۇ. جۇڭگو گۇرۇپپا نومۇرى بىر خانىلىق سان «7». 1. 1 .2 نەشرىيات نومۇرى: بۇنى تەقسىم قىلىشقا دۆلەتلىك ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى مەركىزى مەسئۇل بولىدۇ. ئۇنىڭ خانا سانى ئىلتىماس قىلغان نەشرىياتنىڭ نەشر قىلىدىغان كىتاب مىقدارىنىڭ قانچىلىك بولۇشىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. نەشرىيات نومۇرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى توغرىسىدا مۇشۇ ئۆلچەمىنىڭ ئىككىنچى بابىغا قارالسۇن. 1. 1. 3 كىتاب تەرتىپ نومۇرى: بۇنى باشقۇرۇشقا ۋە تەقسىم قىلىشقا نەشرىيات مەسئۇل بولىدۇ، ھەر بىر نەشرىيات نەشر قىلىدىغان ھەر خىل كىتابلارنىڭ تەرتىپ نومۇرىنىڭ خانا سانى L مۇقىم بولىدۇ، ئۇنىڭ ھېسابلاش فورمۇلىسى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ: (1) - L=9 . . . . . . . . (نەشرىيات نومۇرى خانا سانى + گۇرۇپپا نومۇرى خانا سانى_ 1. 1. 4 . تەكشۈرۈش نومۇرى: بۇ جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنىڭ ئونىنچى خانىسىدىكى رەقەم. ئۇنىڭ سانلىق قىممىتى C10 غا جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنىڭ ئالدىنقى 9 خانىسىدىكى رەقەم )C1~ C9 ( نى ئۆز تەرتىپى بويىچە 10 ~ 2 گىچە بولغان رەقەملەر بىلەن كۆپەيتىپ چىقىرىلغان ۋەزىنلىك يىغىندىنى 11 نى مودېل قىلىپ ئىپادە قىلىشقا بولىدۇ. ئىپادە:MOD - قالدۇق تېپىش فۇنكسيىسىدۇر. MOD فۇنكسىيە قىممىتى 1 )C10 = 10( 0 بولغاندا، تەكشۈرۈش نومۇرى × بىلەن ئىپادىلىنىدۇ؛ MOD فۇنكسىيە قىممىتى )C10 =11( بولغاندا، تەكشۈرۈش نومۇرى 0 بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 1. 2 كىتابنى تۈرگە ئايرىش - خىل - قېتىم نومۇرىنىڭ قۇرۇلمىسى كىتابلارنى تۈرگە ئايرىش - خىل - قېتىم نومۇرى شۇ كىتاب تەۋە بولغان پەن تارمىقىنىڭ تۈرگە ئايرىش نومۇرى بىلەن خىل - قېتىم نومۇرىدىن ئىبارە ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ، بۇ ئىككى بۆلەك چېكىت «.» بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: 125. A ؛ 301. TP غا ئوخشاش. 1. 2. 1 تۈرگە ئايرىش نومۇرىنى نەشرىيات كىتاب تەۋە بولغان پەن تارمىقى كاتېگورىيىسىگە ئاساسەن «جۇڭگو كۇتۇپخانىسىنىڭ كىتابلارنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى» دىكى ئاساسىي چوڭ تۈرلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزى بېرىدۇ، سانائەت تېخنىكىسى تۈرىدىكى كىتابلارغا ئىككىنچى دەرىجىدىكى تۈرلەر بويىچە بېرىدۇ )قۇشۇمچە A دىن پايدىلىنىلسۇن(. شۇڭا بۇ بۆلەكنىڭ بەلگىسى 1~ 2 خەنزۇ پىنيىن يېزىقى بولىدۇ. 1. 2. 2 خىل - قېتىم نومۇرى بىر نەشرىيات نەشر قىلغان ئوخشاش كىتاب تۈرى نومۇرىدىكى ئوخشاش بولمىغان كىتابلارنىڭ ئۇلاشما نومۇرىدىن ئىبارەت، بۇنى نەشرىيات ئۆزى بېرىدۇ. بۇنىڭدىكى ئەڭ يۇقىرى رەقەم خەلقئارا ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنىڭ ئۈچىنچى بۆلىكىدىكى كىتاب تەرتىپى نومۇرىدىكى رەقەمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 2. نەشرىيات نومۇرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى خېلى ئۇزاق بىر تارىخىي مەزگىل ئىچىدە جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنى ئىلتىماس قىلغان نەشرىياتلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش ھەمدە نەشرىياتلارنى ئۆزىنىڭ كىتاب چىقىرىش مىقدارىغا ماس كېلىدىغان نەشرىيات نومۇرىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئۆلچەمدە نەشرىياتلارنىڭ نومۇرىنى دائىرىگە بۆلۈپ تەسىس قىلىش جەدۋىلى تۆۋەندىكىچە بېكىتىلدى: نەشرىيات نومۇرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى نەشرىيات نومۇرىنىڭ دائىرىسى نەشرىياتلارنىڭ سانى ئىككى خانىلىق رەقەمدىكىلەر 09 - 00 10 ئۈچ خانىلىق رەقەمدىكىلەر 499 - 100 400 تۆت خانىلىق رەقەمدىكىلەر 7999 - 5000 3000 بەش خانىلىق رەقەمدىكىلەر 89999 - 80000 10000 ئالتە خانىلىق رەقەمدىكىلەر 900000 - 999999 100000 3 . جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنى بېسىش ۋە ساقلاش شەكلى جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى كىتابنىڭ نەشر ھوقۇقى بېتىگە ۋە مۇقاۋىنىڭ 4 - بىتىگە (ياكى تاشلىقىغا) بېسىلىشى كېرەك. خەلقئارا ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنىڭ ئالدىغا ISBN دېگەن ھەرپلەر قوشۇلۇشى؛ كىتاب نومۇرىنىڭ تۆت بۆلىكى (گۇرۇپپا نومۇرى، نەشرىيات نومۇرى، كىتاب تەرتىپى نومۇرى، تەكشۈرۈش نومۇرى ) بىر - بىرىدىن سىزىق ( - ) بىلەن ئايرىپ تۇرۇشى كېرەك. مەسىلەن: ISBN 7 - 01 - 134065 - 6 خەلقئارا ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى بىلەن كىتابنى تۈرگە ئايرىش - خىل - قېتىم نومۇرى تۈز سىزىق ياكى يانتۇ سىزىق بىلەن ئايرىلىپ تۇرۇشى كېرەك. مەسىلەن: ISBN 7 - 144 - 11316 - x \ TP .1064 جۇڭگو ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرىنىڭ ISBN قىسمىنى كومپيۇتېردا ساقلىغاندا، مۇناسپ بۆلەك ئىچىدە ISBN ۋە ئۇنىڭغا ئۇلىنىدىغان بەلگىلەرنى قىسقارتىۋېتىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، 7011340696 قىلىپ يېزىپ، بۇ رەقەملەر ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنى قالدۈرمىسىمۇ بولىدۇ. بۇنداق ئىخچاملانغان شەكلنى كومپيۇتېردىن چىقىرىدىغان چاغدا بۇ ئۆلچەمنىڭ ئىككىنچى بابىدا كۆرسىتىلگەن نەشرىياتلارنىڭ نومۇرىنى دائىرىگە بۆلۈپ تەسىس قىلىش جەدۋىلىدىن پايدىلىنىپ، ISBN بۆلەكلەرگە بۆلۈنگەن شەكىل بويىچە چىقىرىلسا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار