UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملارمەمۇرىي دەۋا قانۇنى

مەمۇرىي دەۋا قانۇنى

قانۇنلار (1989 – يىلى 4 – ئاينىڭ 4 – كۈنى 7 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1989 – يىلى 4 – ئاينىڭ 4 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 16 – نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى) 1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1 – ماددا بۇ قانۇن خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەمۇرىي دېلولارنى توغرا ۋە ۋاقتىدا سوت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەمۇرىي ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا نازارەتچىلىك قىلىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن تۈزۈلدى. 2 – ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ۋە مەمۇرىي ئورگان خادىملىرىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتى قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىمىزگە دەخلى – تەرۇز قىلدى دەپ قارىسا، مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 3 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي دېلولارنى سوت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، مەمۇرىي ئورگانلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى ئارىلاشتۇرمايدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسىدە مەمۇرىي دېلولارنى سوت قىلىدىغان مەمۇرىي سوت كوللېگىيىسى تەسىس قىلىنىدۇ. 4 - ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي دېلولارنى سوت قىلىشتا، پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىشى كېرەك. 5 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي دېلولارنى سوت قىلىشتا كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ قانۇنغا مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. 6 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي دېلولارنى سوت قىلىشتا، قانۇن بويىچە كېڭىشىش، چەتلەپ تۇرۇش، ئوچۇق سوت قىلىش ۋە سوتنى ئىككى دەرىجىلىك سوت بىلەن ئاياغلاشتۇرۇش تۈزۈملىرىنى يولغا قويىدۇ. 7 – ماددا مەمۇرىي دەۋادا دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇن جەھەتتىكى ئورنى باراۋەر. 8 – ماددا ھەر مىللەت پۇقرالىرى مەمۇرىي دەۋا ئىشلىرىنى ئۆزىنىڭ مىللىي تىل – يېزىقى بىلەن ئېلىپ بېرىشقا ھوقۇقلۇق. ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ياكى مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىش ۋە قانۇن ھۆججەتلىرىنى ئېلان قىلىشتا شۇ جايدىكى مىللەتلەر كەڭ قوللىنىدىغان تىل – يېزىقنى ئىشلىتىشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ جايدىكى مىللەتلەر كەڭ قوللىنىدىغان تىل – يېزىقنى بىلمەيدىغان دەۋا ئىشتىراكچىلىرىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى لازىم. 9 – ماددا دەۋالاشقۇچىلار مەمۇرىي دەۋادا مۇنازىرىلىشىشكە ھوقۇقلۇق. 10 – ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەمۇرىي دەۋادا قانۇن نازارەتچىلىكى قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 2 – باب دېلو قوبۇل قىلىش دائىرىسى 11 - ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ تۆۋەندىكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتلىرىگە قايىل بولماي قىلغان دەۋالىرىنى قوبۇل قىلىدۇ: (1) توختىتىپ قويۇش، مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش، ئىجازەتنامە ۋە كىنىشكىلارنى ئىناۋەتسىز قىلىش، ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇش، مال - مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش قاتارلىق مەمۇرىي جازاغا قايىل بولمىسا؛ (2) جىسمانىي ئەركىنلىككە چەك قويۇش ياكى مال - مۈلۈكنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىش قاتارلىقك مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىگە قايىل بولمىسا؛ (3) قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆز ئالدىمىزغا ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىمىزغا مەمۇرىي ئورگانلار دەخلى - تەرۇز قىلدى، دەپ قارىغان بولسا؛ (4) قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدۇ دەپ قاراپ مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئىجازەتنامە ۋە كىنىشكا بېرىشىنى ئىلتىماس قىلغاندا، مەمۇرىي ئورگانلار بېرىشنى رەت قىلغان ياكى جاۋاب بەرمىگەن بولسا؛ (5) مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن جىسمانىي ھوقۇق ۋە مال - مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئىلتىماس قىلغاندا، مەمۇرىي ئورگانلار ئادا قىلىشنى رەت قىلغان ياكى جاۋاب بەرمىگەن بولسا؛ (6) مەمۇرىي ئورگانلار قانۇن بويىچە نەپىقە بەرمىدى، دەپ قارىغان بولسا؛ (7) مەمۇرىي ئورگانلار قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەجبۇرىيەت ئۆتىشىمىزنى تەلەپ قىلدى، دەپ قارىغان بولسا؛ (8) مەمۇرىي ئورگانلار باشقا جىسمانىي ھوقۇقىمىزنى ۋە مال - مۈلۈك ھوقۇقىمىزنى دەخلى - تەرۇز قىلدى، دەپ قارىغان بولسا؛ ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن ۋە نىزاملاردا دەۋا قىلسا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن باشقا مەمۇرىي دېلولارنى قوبۇل قىلىدۇ. 12 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ تۆۋەندىكى ئىشلار ئۈستىدىن قىلغان دەۋالىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ: (1) دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى، دىپلوماتىيە قاتارلىق ھەرىكەتلىرى؛ (2) مەمۇرىي نىزام، قائىدىلەر ياكى مەمۇرىي ئورگانلار تۈزگەن، ئېلان قىلغان ئومۇمىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە قارار، بۇيرۇقلار؛ (3) مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەمۇرىي ئورگان خادىملىرىنى موكاپاتلاش – جازالاش ۋە تەيىنلەش – قالدۇرۇش قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدىكى قارارلىرى؛ (4) قانۇندا ئاخىرقى كېسىمنى مەمۇرىي ئورگانلار قىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتلەر. 3 – باب باشقۇرۇش تەۋەلىكى 13 – ماددا بىرىنچى سوت مەمۇرىي دېلولىرى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ. 14 – ماددا بىرىنچى سوتتىكى تۆۋەندىكى مەمۇرىي دېلولار ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ: (1) كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە دائىر دېلولار، تاموژنا تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغان دېلولار؛ (2) گوۋۇيۈەننىڭ تارماقلىرى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلىنغان دېلولار؛ (3) تەۋەلىكىدىكى رايوندا يۈز بەرگەن چوڭ، مۇرەككەپ دېلولار. 15 – ماددا يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى تەۋەلىكىدىكى رايوندا يۈز بەرگەن، بىرىنچى سوتتىكى چوڭ، مۇرەككەپ مەمۇرىي دېلولارنى باشقۇرىدۇ. 16 – باب مەملىكەت مىقياسىدا يۈز بەرگەن، بىرىنچى سوتتىكى چوڭ، مۇرەككەپ مەمۇرىي دېلولار ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ. 17 – ماددا مەمۇرىي دېلولار باشتا كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قىلغان مەمۇرىي ئورگان تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ. قايتا قارالغان دېلولاردىن قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان ئەسلىدىكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى ئۆزگەرتكەنلىرى قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ. 18 – ماددا جىسمانىي ئەركىنلىككە چەك قويۇش يۈزىسىدىن قوللىنىلغان مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىگە قايىل بولماي قىلىنغان دەۋالار جاۋابكار تۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى دەۋاگەر تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولسىمۇ بولىدۇ. 19 – ماددا كۆچمەس مۈلۈك سەۋەبى بىلەن قىلىنغان مەمۇرىي دەۋالار كۆچمەس مۈلۈك بار جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ. 20 – ماددا ئىككىدىن ئارتۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بولغان دېلولاردا دەۋاگەر ئاشۇ خەلق سوت مەھكىمىلىرىدىن بىرىنى تاللاپ دەۋا قىلسا بولىدۇ. دەۋاگەر باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە ئىككىدىن ئارتۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغان بولسا، بۇنداق دېلو دەۋا خېتىنى ئاۋۋال تاپشۇرۇۋالغان خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ. 21 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلغان دېلونىڭ ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە كىرمەيدىغانلىقىنى سەزگەندە، ئۇنى باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە خەلق سوت مەھكىمسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. ئۆتكۈزۈۋالغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنى ئۆز مەيلىچە باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىكى لازىم. 22 – ماددا باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاھىدە سەۋەبلەر بىلەن باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمەي قالسا، باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتىپ بېرىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئوتتۇرىسىدا باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى ئۈستىدە تالاش بولۇپ قالسا، ئۇنى تالىشىپ قالغان ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ ھەل قىلىدۇ. ئۇلار كېڭىشىپ بىر يەرگە كېلەلمىسە، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئورتاق بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بېكىتىپ بېرىشىگە مەلۇم قىلىشى كېرەك. 23 – ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى بىرىنچى سوت مەمۇرىي دېلولىرىنى سوت قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئۇلار ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى بىرىنچى سوت مەمۇرىي دېلولىرىنى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت قىلىشىغا تاپشۇرسىمۇ بولىدۇ. تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى بىرىنچى سوت مەمۇرىي دېلولىرىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى سوت قىلىشقا تېگىشلىك دەپ ھېسابلىغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قارار قىلىشىغا يوللىسا بولىدۇ. 4 – باب دەۋاغا قاتناشقۇچىلار 24 – باب مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن دەۋا قىلغان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار دەۋاگەر بولىدۇ. دەۋالىشىشقا ھوقۇقلۇق پۇقرا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى دەۋا قىلسا بولىدۇ. دەۋالىشىشقا ھوقۇقلۇق قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ئىشتىن توختىغان بولسا، ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغان قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات دەۋا قىلسا بولىدۇ. 25 – ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلغان بولسا، كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قىلغان مەمۇرىي ئورگان جاۋابكار بولىدۇ. قايتا قارالغان دېلولاردا قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان ئەسلىدىكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى كۈچكە ئىگە قىلىشنى قارار قىلغان بولسا، ئەسلىدە كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قىلغان مەمۇرىي ئورگان جاۋابكار بولىدۇ؛ قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان ئەسلىدىكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى ئۆزگەرتكەن بولسا، قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان جاۋابكار بولىدۇ. ئىككىدىن ئارتۇق مەمۇرىي ئورگان ئوخشاش كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قىلغان بولسا، كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى تەڭ قىلغان مەمۇرىي ئورگان ئورتاق جاۋابكار بولىدۇ. قانۇن – نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن تەشكىلات قىلغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت ئۈچۈن شۇ تەشكىلات جاۋابكار بولىدۇ. مەمۇرىي ئورگان ھاۋالە قىلغان تەشكىلاتنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتى ئۈچۈن ھاۋالە قىلغۇچى مەمۇرىي ئورگان جاۋابكار بولىدۇ. مەمۇرىي ئورگان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا، ئۇنىڭ ھوقۇقىنى داۋاملىق يۈرگۈزگەن مەمۇرىي ئورگان جاۋابكار بولىدۇ. 26 – ماددا دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپنىڭ ئادىمى ئىككىدىن كۆپ بولغان، بىر كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتتىن تۇغۇلغان مەمۇرىي دېلولار ياكى ئوخشاش كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتتىن تۇغۇلغان مەمۇرىي دېلولاردىن خەلق سوت مەھكىمىسى بىر يوللا سوت قىلىشقا بولىدۇ دەپ ھېسابلىغانلىرى ئورتاق دەۋا بولىدۇ. 27 – ماددا دەۋا قىلىنغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت بىلەن مەنپەئەتدار بولغان باشقا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار دەۋاغا ئۈچىنچى كىشى سۈپىتىدە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 28 – ماددا دەۋادا ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىغان پۇقرا ئۈچۈن ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىرى ۋاكالىتەن دەۋالىشىدۇ. قانۇنىي ۋاكالەتچىلەر ۋاكالەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى بىر – بىرىگە ئىتتىرىپ تۇرۇۋالسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇلاردىن بىرىنى ۋاكالىتەن دەۋالىشىشقا بەلگىلەيدۇ. 29 – ماددا دەۋالاشقۇچىمۇ، قانۇنىي ۋاكالەتچىمۇ ۋاكالىتەن دەۋالىشىشنى بىردىن ئىككىگىچە كىشىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. ئادۋوكاتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، دەۋا قىلغان پۇقرانىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ياكى شۇ پۇقرا تۇرۇشلۇق ئورۇن تۇرۇشلۇق ئورۇن تەۋسىيە قىلغان ئادەملەر، شۇنىڭدەك خەلق سوت مەھكىمىسى رۇخسەت قىلغان باشقا پۇقرالار ھاۋالە بويىچە دەۋا ۋاكالەتچىسى بولسا بولىدۇ. 30 – ماددا ۋاكالىتەن دەۋالىشىدىغان ئادۋوكات بەلگىلىمە بويىچە شۇ دېلوغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرسە بولىدۇ، ئالاقىدار تەشكىلات ۋە پۇقرالاردىن تەكشۈرۈپ دەلىل – ئىسپاتلارنى توپلىسا بولىدۇ. دۆلەت مەخپىيىتىگە ۋە شەخسلەرنىڭ نومۇسىغا تاقىلىدىغان ماتېرىياللارنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مەخپىي تۇتۇش كېرەك. دەۋالاشقۇچىلار ۋە باشقا دەۋا ۋاكالەتچىلىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن شۇ دېلونىڭ سوت قىلىنىدىغان ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ چىقسا بولىدۇ، ئەمما دۆلەت مەخپىيىتىگە ۋە شەخسىلەرنىڭ نومۇسىغا تاقىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 5 – باب دەلىل – ئىسپات 31 – ماددا دەلىل – ئىسپات تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل بولىدۇ: (1) يازما ئىسپات؛ (2) ماددىي ئىسپات؛ (3) كۆرۈش – ئاڭلاش ماتېرىياللىرى؛ (4) گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛ (5) دەۋالاشقۇچىلارنىڭ بايانى؛ (6) باھالاش خۇلاسىسى؛ (7) ئېنىقلاش خاتىرىسى، نەق مەيدان خاتىرىسى. يۇقىرىقىدەك دەلىل – ئىسپاتلار سوتتا تەكشۈرۈلۈپ ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن دېلو بېكىتىشنىڭ ئاساسى بولالايدۇ. 32 – ماددا جاۋابكاردا ئۆزىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتى ئۈستىدە دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقى بولىدۇ، ئۇ ئاشۇ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتكە دائىر دەلىل – ئىسپاتلارنى ۋە ئۆزى ئاساسلانغان قائىدە خارەكتىرلىك ھۆججەتلەرنى بېرىشى كېرەك. 33 – ماددا دەۋا جەريانىدا جاۋابكار دەۋاگەردىن ۋە گۇۋاھچىدىن ئۆز ئالدىغا دەلىل – ئىسپات ئالسا بولمايدۇ. 34 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋالاشقۇچىلاردىن دەلىل – ئىسپات بېرىشنى ياكى دەلىل – ئىسپاتنى تولۇقلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگانلاردىن، شۇنىڭدەك باشقا تەشكىلاتلاردىن، پۇقرالاردىن دەلىل – ئىسپاتلارنى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. 35 – ماددا دەۋا جەريانىدا، خەلق سوت مەھكىمىسى مەخسۇس مەسىلىلەردىن باھالاشقا تېگىشلىك دەپ ھېسابلىغانلىرىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن باھالاش تارماقلىرىنىڭ باھالاپ بېرىشىگە تاپشۇرۇشى كېرەك؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن باھالاش تارماقلىرى باھالاپ بېرىدۇ. 36 – ماددا دەلىل – ئىسپات يوقىلىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان ياكى كېيىن ئېلىش تەس بولغان ئەھۋال ئاستىدا، دەۋاغا قاتناشقۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەلىل – ئىسپاتنى ئامان ساقلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئامان ساقلاپ بېرىش تەدبىرى قوللانسىمۇ بولىدۇ. 6 – باب دەۋا قىلىش ۋە دەۋانى قوبۇل قىلىش 37 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرىدىغان مامۇرىي دېلولارنى پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئالدى بىلەن بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي ئورگاننىڭ ياكى قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي ئورگاننىڭ قايتا قاراپ چىقىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، قايتا قاراپ چىققاندىن كېيىن قايىل بولمىسا، يەنە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ؛ خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ. قانۇن – نىزاملاردا ئالدى بىلەن مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىنى ئىلتىماس قىلىش، قايتا قاراپ چىققاندىن كېيىن قايىل بولمىغاندا، ئاندىن خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىش بەلگىلەنگەنلىرى قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 38 – ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىنى ئىلتىماس قىلغان بولسا، قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئىككى ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. قانۇن – نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئىلتىماس قىلغۇچى قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان ئۆز قەرەلىدە قارار چىقارمىسا، ئىلتىماس قىلغۇچى قايتا قاراپ چىقىش قەرەلىدە قارار چىقارمىسا، ئىلتىماس قىلغۇچى قايتا قاراپ چىقىش قەرەلى توشقان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 39 – ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلماقچى بولسا، كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتتىن خەۋەردار بولغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە دەۋا قىلىشى كېرەك. قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 40 – ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار يەڭگىلى بولمايدىغان توسالغۇ ياكى ئالاھىدە ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈكنى كېچىكتۈرۈپ قويغان بولسا، توسالغۇ تۈگىگەندىن كېيىن ئون كۈن ئىچىدە سۈرۈكنىڭ ئۇزارتىپ بېرىلىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، بۇنى خەلق سوت مەھكىمىسى بەلگىلەيدۇ. 41 – ماددا دەۋا تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك: (1) دەۋاگەر كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىمىزگە دەخلى – تەرۇز قىلدى دەپ ھېسابلىغاندا پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات بولۇشى؛ (2) جاۋابكار ئېنىق بولۇشى؛ (3) كونكرېت دەۋا تەلىپى ۋە پاكىت ئاساسى بولۇشى؛ (4) خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو قوبۇل قىلىش دائىرىسىدە ۋە دەۋا قوبۇل قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولۇشى لازىم. 42 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋا خېتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، يەتتە كۈن ئىچىدە دېلو ئېچىشى ياكى قوبۇل قىلماسلىق توغرىسىدا كېسىم قىلىشى كېرەك. دەۋاگەر كېسىمگە قايىل بولمىسا، نارازىلىق ئەرزى سۇنسا بولىدۇ. 7 – باب سوت قىلىش ۋە ھۆكۈم چىقىرىش 43 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو ئاچقان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە دەۋا خېتىنىڭ كۆچۈرمىسى جاۋابكارغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. جاۋابكار دەۋا خېتىنىڭ كۆچۈرمىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆزىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە دائىر ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى ھەمدە قارشى جاۋابنامە تاپشۇرۇشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى قارشى جاۋابنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە قارشى جاۋابنامىنىڭ كۆچۈرۈلمىسىنى دەۋاگەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. جاۋابكارنىڭ قارشى جاۋابنامە تاپشۇرماسلىقى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قاراپ چىقىش ئىشىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ. 44 – ماددا دەۋا مەزگىلىدە كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ ئىجراسى توختىتىلمايدۇ. لېكىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەندە، كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ ئىجراسى توختىتىلىدۇ: (1) جاۋابكار ئىجرانى توختىتىش زۆرۈر دەپ قارىسا؛ (2) دەۋاگەر ئىجرانى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان، خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ ئىجراسى تولدۇرغۇسىز زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىجراسى توختىتىلسا جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ دەپ قاراپ ئىجرانى توختىتىشنى كېسىم قىلغان بولسا؛ (3) قانۇن – نىزاملاردا ئىجرانى توختىتىش بەلگىلەنگەن بولسا. 45 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي دېلولارنى ئوچۇق سوت قىلىدۇ، لېكىن دۆلەت مەخپىيىتىگە، شەخسلەرنىڭ نومۇسىغا تاقىلىدىغانلىرى ۋە قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 46 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي دېلولارنى سوتچىلاردىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ ياكى سوتچىلار ۋە زاسېداتىللاردىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ سوت قىلىدۇ. كېڭەشمە سوتنىڭ ئەزالىرى ئۈچتىن يۇقىرى تاق سانلىق بولۇشى كېرەك. 47 – ماددا دەۋالاشقۇچىلار سوتچى خادىملارنىڭ شۇ دېلو بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغاچقا، دېلونىڭ ئادىل سوت قىلىنىشىغا تەسىر يېتىشى مۇمكىن دەپ قارىسا، سوتچى خادىملارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق. سوتچى خادىملار مېنىڭ شۇ دېلو بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتىم بار دەپ قارىسا، چەتلەپ تۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمىلەر پۈتۈكچى، تەرجىمان، باھالىغۇچى ۋە ئېنىقلىغۇچىلارغىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ. مەھكىمە باشلىقى باش سوتچى بولغان چاغدا، ئۇنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى سوت ھەيئىتى قارار قىلىدۇ؛ سوتچى خادىملارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى مەھكىمە باشلىقى قارار قىلىدۇ؛ باشقا خادىملارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى باش سوتچى قارار قىلىدۇ. دەۋالاشقۇچىلار قارارغا قايىل بولمىسا، قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 48 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىككى قېتىم قانۇنلۇق چاقىرتىلسىمۇ دەۋاگەر ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن سوتقا كەلمىسە، دەۋادىن ۋاز كېچىشنى ئىلتىماس قىلغان دەپ قارىلىدۇ؛ جاۋابكار ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن سوتقا كەلمىسە، سىرتتىن ھۆكۈم چىقىرىشقا بولىدۇ. 49 – ماددا دەۋاغا قاتناشقۇچىلار ياكى باشقا كىشىلەردە تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى كۆرۈلگەندە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئەھۋالنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە قاراپ ئۇلارغا تەنبىھ بەرسە، توۋىنامە يازدۇرسا ياكى 1000 يۈەندىن تۆۋەن مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەرسە بولىدۇ. جىنايەتكە توشقانلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: (1) ئىجراغا ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بولغان كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجراغا ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى ئىجرا قىلىشنى سەۋبسىز ئارقىغا سۈرگەن، رەت قىلغان ياكى ئىجراغا توسقۇنلۇق قىلغان بولسا؛ەخخخگخخخخ (2) دەلىل – ئىسپاتنى ئويدۇرۇپ چىقارغان، يوشۇرغان، يوقىتىۋەتكەن بولسا؛ (3) باشقىلارنى يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە كۈشكۈرتكەن، پارا بېرىپ سېتىۋالغان ۋە قىستىغان ياكى گۇۋاھچىغا گۇۋاھلىق بەرمەيسەن دەپ تەھدىت سالغان، توسقۇنلۇق قىلغان بولسا؛ (4) پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان، توڭلىتىپ قويۇلغان مال – مۈلۈكنى تىقىپ قويغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋەتكەن ۋە بۇزۇۋەتكەن بولسا؛ (5) خەلق سوت مەھكىمىسى خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشىگە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش يولى بىلەن ياكى باشقا يوللار بىلەن توسقۇنلۇق قىلغان ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان بولسا؛ (6) خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خادىملىرىغا، دەۋاغا قاتناشقۇچىلارغا، ئىجراغا ياردەم بەرگۈچىلەرگە ھاقارەت كەلتۈرگەن، تۆھمەت چاپلىغان، زىيانكەشلىك قىلغان، ئۇلارنى ئۇرغان ياكى ئۇلاردىن ئۆچ ئالغان بولسا. مەمۇرىي جەرىمانە قويۇش، توختىتىپ قويۇش خەلق سوت مەھكىمسى باشلىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت. دەۋالاشقۇچىلار قايىل بولمىسا، قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 50 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي دېلولارنى قاراپ چىقىشتا مۇرەسسە قىلمايدۇ. 51 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي دېلولار ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىشتىن ياكى كېسىم قىلىشتىن بۇرۇن، دەۋاگەر دەۋادىن كېچىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا ياكى جاۋابكار ئۆزىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتكەن، دەۋاگەر ئۇنىڭغا قوشۇلغان ھەم دەۋادىن كېچىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا، رۇخسەت قىلىش – قىلماسلىقنى خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم قىلىدۇ. 52 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي دېلولارنى سوت قىلىشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە يەرلىك نىزاملارنى ئاساس قىلىدۇ. يەرلىك نىزاملار شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە يۈز بەرگەن مەمۇرىي دېلولارغا تەتبىقلىنىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى مەمۇرىي دېلولارنى سوت قىلىشتا، شۇ مىللىي ئاپتونومىيىلىك جاينىڭ ئاپتونومىيە نىزامى ۋە ئايرىم نىزاملىرىنىمۇ ئاساس قىلىشى كېرەك. 53 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي دېلولارنى سوت قىلىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىقلىرى، كومىتېتلىرى قانۇنلارغا ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي نىزاملىرى، قارارلىرى، بۇيرۇقلىرىغا ئاساسەن تۈزگەن، جاكارلىغان قائىدىلەردىن، شۇنىڭدەك ئۆلكىلەر، ئاپتونوم رايونلار، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى شەھەرلەرنىڭ خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇنلارغا ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي نىزاملىرىغا ئاساسەن تۈزگەن، جاكارلىغان قائىدىلەردىن پايدىلىنىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۈزگەن، جاكارلىغان قائىدىلەر بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىقلىرى ۋە كومىتېتلىرى تۈزگەن، جاكارلىغان قائىدىلەر بىردەك بولماپتۇ، شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىقلىرى ۋە كومىتېتلىرى تۈزگەن، جاكارلىغان قائىدىلەر بىر – بىرىگە زىت بولۇپ قاپتۇ دەپ قارىسا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى گوۋۇيۈەننىڭ ئىزاھات بېرىشىگە ياكى كېسىم قىلىشىغا يوللاپ بېرىدۇ. 54 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلغاندىن كېيىن، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن، تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ: (1) كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنىڭ دەلىل – ئىسپاتلىرى تولۇق، قانۇن – نىزاملارنىڭ تەتبىقلىنىشى توغرا، قانۇندا بەلگىلەمگەن تەرتىپلەرگە ئۇيغۇن بولغان بولسا، كۈچكە ئىگە دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. (2) كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتلەردە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، بىكار قىلىندى ياكى قىسمەن بىكار قىلىندى دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ ھەمدە جاۋابكار يېڭىۋاشتىن كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قىلىدۇ، دەپ ھۆكۈم چىقارسا بولىدۇ: 1 . ئاساسىي دەلىل – ئىسپاتلار تولۇق بولمىسا؛ 2 . قانۇن – نىزاملار خاتا تەتبىقلانغان بولسا؛ 3 . قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىنغان بولسا؛ 4 . خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولسا؛ 5 . خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلانغان بولسا. (3) جاۋابكار قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرسە، ئۇنىڭ مەلۇم مۇددەت ئىچىدە ئادا قىلىشى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. (4) مەمۇرىي جازانىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى سەزسە، شۇ مەمۇرىي جازانى ئۆزگەرتىشكە ھەققىدە ھۆكۈم چىقارسا بولىدۇ. 55 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكارنىڭ يېڭىۋاشتىن كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قىلىشى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان بولسا، جاۋابكارنىڭ ئوخشاش پاكىت ۋە سەۋەب بىلەن ئەسلىدىكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىگە ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدىغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 56 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي دېلولارنى سوت قىلىشتا، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇل خادىملىرى، بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار كىشىلەر مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان دەپ قارىسا، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى شۇ مەمۇرىي ئورگانغا ياكى ئۇنىڭدىن بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي ئورگانغا ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ۋە كادىرلار ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك؛ جىنايى ھەرىكىتى بار دەپ قارىسا، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋە تەپتىش ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم. 57 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو ئاچقان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە بىرىنچى سوتتا ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ كېچىكتۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئۇنى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوت دېلولىرىنى سوت قىلىشنى كېچىكتۈرۈشنى زۆرۈر تاپسا، ئۇنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەستىقلايدۇ. 58 – ماددا دەۋالاشقۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىرىنچى سوت ھۆكۈمىگە قايىل بولمىسا، ھۆكۈمنامە يەتكۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشقا ھوقۇقلۇق. دەۋالاشقۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىرىنچى سوت كېسىمىگە قايىل بولمىسا، كېسىمنامە يەتكۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشقا ھوقۇقلۇق. بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە نارازىلىق ئەرزى سۇنۇلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىرىنچى سوت ھۆكۈمى ياكى كېسىمى قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. 59 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرزى بېرىلگەن دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق دەپ قارىسا، ماتېرىيال ئۈستىدىن قاراپ چىقسا بولىدۇ. 60 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرزى بېرىلگەن دېلونى سوت قىلىشتا، نارازىلىق ئەرزنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئىككى ئاي ئىچىدە ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىرىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ كېچىكتۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئۇنى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرزى بېرىلگەن دېلونى سوت قىلىشنى كېچىكتۈرۈشنى زۆرۈر تاپسا، ئۇنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەستىقلايدۇ. 61 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرزى بېرىلگەن دېلونى سوت قىلىشتا ئۇنى تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ (1) ئەسلى ھۆكۈمدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن پاكىتلار ئېنىق، قانۇن – نىزاملارنىڭ تەتبىقلىنىشى توغرا بولسا، نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىش ھەققىدە ھۆكۈم قىلىنىپ، ئەسلىي ھۆكۈم كۈچكە ئىگە قىلىنىدۇ؛ (2) ئەسلىي ھۆكۈمدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن پاكىتلار ئېنىق، لېكىن قانۇن – نىزاملارنىڭ تەتبىقلىنىشى خاتا بولغان بولسا، قانۇن بويىچە ھۆكۈم ئۆزگەرتىلىدۇ؛ (3) ئەسلىي ھۆكۈمدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن پاكىتلار ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتلار تولۇق بولمىغان ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپلەرگە خىلاپلىق قىلىنغانلىقى ئۈچۈن دېلو ئۈستىدە توغرا ھۆكۈم چىقىرىشقا تەسىر يېتىش ئېھتىمالى بولغان بولسا، ئەسلىي ھۆكۈمىنى بىكار قىلىش ھەققىدە كېسىم قىلىنىپ، ئەسلى سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا سوت قىلىشىغا قايتۇرۇلىدۇ، پاكىتلار تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغاندىن كېيىن ھۆكۈم ئۆزگەرتىلسىمۇ بولىدۇ. دەۋالاشقۇچىلار قايتا قارالغان دېلو توغرىسىدىكى ھۆكۈم ۋە كېسىم ئۈستىدىن نارازىلىق ئەرزى بەرسە بولىدۇ. 62 – ماددا دەۋالاشقۇچىلار قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم ۋە كېسىملەردە ھەقىقەتەن خاتالىق بار دەپ قارىسا، ئەسلى سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە ياكى ئۇنىڭدىن بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ، لېكىن ھۆكۈم، كېسىملەرنىڭ ئىجراسى توختىتىلمايدۇ. 63 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مەھكىمىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈملىرى ۋە كېسىملىرىنىڭ قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولغانلىقىنى سېزىپ، قايتا قاراپ چىقىشقا تېگىشلىك دەپ قارىسا، ئۇنى سوت ھەيئىتىنىڭ قايتا قاراپ چىقىش - چىقماسلىقنى بەلگىلەپ بېرىشىگە سۇنۇشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىنىڭ قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولغانلىقىنى سەزگەندە، دېلونى ئالدۇرۇپ سوت قىلىشقا ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرنى قايتا سوت قىلىشقا بۇيرۇشقا ھوقۇقلۇق. 64 – ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىنىڭ قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولغانلىقىنى سەزگەندە، سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە ئېتىراز بىلدۈرۈشكە ھوقۇقلۇق. 8 – باب ئىجرا قىلىش 65 – ماددا دەۋالاشقۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىنى ئىجرا قىلىشى شەرت. پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ھۆكۈم ۋە كېسىملەرنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغاندا، مەمۇرىي ئورگانلار بىرىنچى سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا ياكى قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرسا بولىدۇ. مەمۇرىي ئورگانلار ھۆكۈم ۋە كېسىملەرنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغاندا، بىرىنچى سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ: (1) تۆلەشكە تېگىشلىك مەمۇرىي جەرىمانە ياكى بېرىشكە تېگىشلىك تۆلەمنى شۇ مەمۇرىي ئورگاننىڭ بانكا ھېسابىدىن ئاجرىتىپ بېرىشنى بانكىغا ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ؛ (2) بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئىجرا قىلمىغان بولسا، سۈرۈك توشقان كۈندىن باشلاپ، شۇ مەمۇرىي ئورگانغا كۈنىگە 50 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە مەمۇرىي جەرىمانە قويىدۇ؛ (3) شۇ مەمۇرىي ئورگاننىڭ بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي ئورگىنىغا ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى، كادىرلار ئورگىنىغا ئەدلىيىلىك تەكلىپ بېرىدۇ. ئەدلىيىلىك تەكلىپنى قوبۇل قىلغۇچى ئورگان ئۇنى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىدۇ ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ؛ (4) ھۆكۈم ۋە كېسىمنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىش قىلمىشى ئېغىر بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن مەسئۇل خادىملارنىڭ ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار خادىملارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 66 – ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت ئۈستىدە قانۇندا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە دەۋا قىلمىسا ھەم شۇ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتنى ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا ياكى قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرسا بولىدۇ. 9 – باب ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلغۇچىلارنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقى 67 – ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتى مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ياكى مەمۇرىي ئورگان خادىملىرىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتىنىڭ دەخلى – تەرۇز بىلەن زىيانغا ئۇچرىغاندا، تۆلەم بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار زىياننى تۆلەپ بېرىشنىلا تەلەپ قىلغان بولسا، ئۇنى ئالدى بىلەن مەمۇرىي ئورگانلار ھەل قىلىشى كېرەك. مەمۇرىي ئورگانلار ھەل قىلغاندىن كېيىن قايىل بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. 68 – ماددا مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ياكى مەمۇرىي ئورگان خادىملىرىنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتى پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلىپ زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، زىياننى تۆلەشكە شۇ ياكى شۇ مەمۇرىي ئورگان خادىمى ئىشلەيدىغان مەمۇرىي ئورگان مەسئۇل بولىدۇ. مەمۇرىي ئورگانلار زىياننى تۆلىگەندىن كېيىن، قەستەن ياكى زور سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن مەمۇرىي ئورگان خادىملىرىغا تۆلەم پۇلىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى تۆلىتىشى كېرەك. 69 – ماددا تۆلەم پۇلى ھەر دەرىجىلىك مالىيىدىن چىقىم قىلىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى جاۋابكارلىقى بار مەمۇرىي ئورگانلارنى تۆلەم پۇلىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى تۆلەشكە بۇيرۇسا بولىدۇ. بۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 10 – باب چەت ئەلگە چېتىشلىق مەمۇرىي دەۋا 70 – ماددا چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوق كىشىلەر، چەت ئەل تەشكىلاتلىرى مەمۇرىي دەۋا ئىشلىرىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئېلىپ بارسا، مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ. قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 71 – ماددا مەمۇرىي دەۋا ئىشلىرىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئېلىپ بارغان چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوق كىشىلەر، چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوق كىشىلەر، چەت ئەل تەشكىلاتلىرىنىڭ دەۋا ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. چەت ئەل سوت مەھكىمىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەمۇرىي دەۋا ھوقۇقىغا چەك قويغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەمۇرىي دەۋا ھوقۇقىغىمۇ ئوخشاش پرىنسىپ بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ. 72 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىدە مۇشۇ قانۇندىكىدىن باشقىچە بەلگىلىمە بولسا، شۇ خەلقئارا شەرتنامىدىكى بەلگىلىمە بولسا، شۇ خەلقئارا شەرتنامىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ ئۆز پىكرىدە قالغان ماددىلار بۇنىڭ سىرتىدا. 73 – ماددا چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوق كىشىلەر، چەت ئەل تەشكىلاتلىرى مەمۇرىي دەۋا ئىشلىرىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئېلىپ بارغاندا، ۋاكالىتەن دەۋالىشىشنى ئادۋوكاتلارغا ھاۋالە قىلماقچى بولسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئادۋوكاتلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىرىغا ھاۋالە قىلىشى كېرەك. 11 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ 74 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي دېلولارنى سوت قىلىشتا دەۋا ھەققىنى ئۇتتۇرغان تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ جاۋابكارلىقى بار بولسا، ئىككى تەرەپ تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ. دەۋا ھەققى ئېلىشنىڭ كونكرېت چارىسى ئايرىم تۈزىلىدۇ. 75 – ماددا بۇ قانۇن 1990 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار