UyghurWiki
UyghurWikiقانۇن نىزاملار«مەشھۇرلار قامۇسى» تۈرىدىكى كىتابلارنى نەشر قىلىشنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە

«مەشھۇرلار قامۇسى» تۈرىدىكى كىتابلارنى نەشر قىلىشنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە

قانۇنلار ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى. 1995 - يىلى 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى. ئاخبارات - نەشرىيات. كىتاب (1995) 1060- نومۇرلۇق يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، بەزى ئورۇن ياكى شەخسلەر پايدا ئېلىش مەقسىتىدە «مەشھۇرلار قامۇسى» تۈرىدىكى كىتابلارنى تەھرىرلەپ نەشر قىلىپ، بۇ خىلدىكى كىتابلارنىڭ يامراپ كېتىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. بىر نەچچە ئورۇن ياكى شەخسلەر «مەشھۇرلار قامۇسى» تۈردىكى كىتابلارنى تەھرىرلىگەندە، توغرا ماتېرىيال مەنبەسىگە ئىگە بولمىسىمۇ، خالىغانچە قۇراشتۇرۇپ ياكى بىر - بىرىدىن كۆچۈرۈپ، قولىنىڭ ئۇچىدا ئىشلەپ، مەزمۇن جەھەتتە ئېغىر دەرىجىدە سەۋەنلىك قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزدى، نەشرىياتچىلىق ساھەسىنىڭ نامىنى بۇلغىدى، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلدى. بۇ تۈردىكى كىتابلارنىڭ نەشر قىلىنىش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالاھىدە تۆۋەندىكىلەر بەلگىلەندى: 1. بۇ بەلگىلىمىدە ئېيتىلغان «مەشھۇرلار قامۇسى» تۈرىدىكى كىتابلار ئورۇن ئىسمى، ئادرېسى، پوچتا نومۇرى، تېلېفون نومۇرى قاتارلىقلار مەزمۇن قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرىنى كۆرسىتىدۇ. 2. «مەشھۇرلار قامۇسى» تۈرىدىكى كىتابلار قامۇسقا نامى كىرگۈزۈلگەن ئورۇنغا مەسئۇل ئورۇن تەھرىرلىشى ياكى مەسئۇل ئورۇن ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تەھرىرلىشىگە ھاۋالە قىلىشى كېرەك، لېكىن كىتابنىڭ مەزمۇنىنى مەسئۇل ئورۇن تەكشۈرۈپ ماقۇل بولغاندا، ئاندىن نەشرىياتنىڭ نەشر قىلىشىغا تاپشۇرۇشقا بولىدۇ. شەخسلەرنىڭ «مەشھۇرلار قامۇسى» تۈرىدىكى كىتابلارنى تەھرىرلىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 3. نەشرىياتلارنىڭ قامۇسقا نامى كىرگۈزۈلگەن ئورنىغا مەسئۇل ئورۇن تەھرىرلەش ھوقۇقى بەرمىگەن «مەشھۇرلار قامۇسى» تۈردىكى كىتابلارنى نەشر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 4. «مەشھۇرلار قامۇسى» تۈرىدىكى كىتابلارنى دۆلەت تەستىقلىغان رەسمىي كىتاب نەشر قىلىدىغان نەشرىياتلارلا نەشر قىلىدۇ. كىتاب نومۇرى سودىسى قىلىش ياكى ھەمكارلىشىپ نەشر قىلىش شەكلى ئارقىلىق بۇ تۈرىدىكى كىتابلارنى نەشر قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. 5. نەشرىياتلار «مەشھۇرلار قامۇسى» تۈرىدىكى كىتابلارنى نەشر قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغاندا، تېمىسىنى مەھكىمىمىزگە يوللاپ تەستىقلىتىشى لازىم. يوللاش ئۇسۇلى مۇنداق: نەشرىياتلار قامۇسقا ئىسمى كىرگۈزۈلگەن ئورۇننى باشقۇرۇغۇچى ئورۇننىڭ تەكشۈرۈش پىكرىنى يوللايدۇ، جايلاردىكى نەشرىياتلار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ئارقىلىق بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مەركەز دەرىجىلىك نەشرىياتلار ئۆزىنىڭ مەسئۇل تارمىقى ئارقىلىق مەھكىمىمىزگە يوللايدۇ. 6. يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان نەشرىياتلارغا ئەھۋالنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ ئىقتىسادىي ياكى مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ. يۇقىرىقى بەلگىلىمىنى نەشرىياتلار قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك، خىلاپلىق قىلسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.
← بارلىق تېمىلار قانۇن نىزاملار
«مەشھۇرلار قامۇسى» تۈرىدىكى كىتابلارنى نەشر قىلىشنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە | UyghurWiki | UyghurWiki