كىتابلارنى باش تارقىتىش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە
قانۇنلار
ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى، دۆلەت سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى
1991 - يىلى 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى
1 - ماددا بۇ بەلگىلىمە نەشر قىلىش، تارقىتىش ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىتابلارنى باش تارقىتىش خىزمىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇقىم، ياخشى بولغان كىتاب بازارلىرى تەرتىپىنى ئورنىتىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تىرىشىپ قاندۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈپ چىقىلدى.
2 - ماددا كىتابلارنى باش (توپ) تارقىتىش كىتاب بېسىلىپ بولغاندىن كېيىن مۇئەييەن بىر نەشر قىلىش ئورنى ياكى تارقىتىش ئورنىنىڭ تارقىتىش ئومۇمىي مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، بىرىنچى دەرىجىلىك توپ تارقىتىش ئىشىنى بىر تۇتاش تەشكىللەشنى كۆرسىتىدۇ.
3 - ماددا شىنخۇا كىتابخانىلىرىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى (ئۆلكە دەرىجىلىكلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىتاب تارقىتىش ئورنى مەملىكەت ئىچىدە نەشر قىلىنغان كىتابلارنى باش تارقاتسا بولىدۇ؛ پىلانى ئايرىم چۈشۈرۈپ بېرىلىدىغان شەھەرلىك شىنخۇا كىتابخانىلىرى ئۆز شەھرىدىكى نەشرىياتلار ئۆزى نەشر قىلغان كىتابلارنى باش تارقاتسا بولىدۇ؛ نەشرىياتلار ئۆزى نەشر قىلغان كىتابلارنى ئومۇمىي تارقاتسا بولىدۇ. يۇقىرىقى ئورۇنلار ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە تەكشۈرۈپ ماقۇل بولغاندىن كېيىن سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا تىزىمغا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.
4 - ماددا باشقا ئورۇنلار كىتابلارنى باش توپ تارقىتىشنى ئىلتىماس قىلىس، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:
(1) جەزمەن رەسمىي دۆلەت شىتاتىدىكى، ئومۇم خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى نەشر ئورنى ياكى تارقىتىش ئورنى بولۇشى؛
(2) مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان مەسئۇل تارماق بولۇشى؛
(3) دۆلەت ئاجرىتىپ بەرگەن زۆرۈر مەبلىغى، ترانسىپورت ئاپتوموبىللىرى، ئىسكىلات - ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى بولۇشى؛
(4) پۈتۈن مەملىكەتكە (يېزىلار، چەت - يىراق رايونلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىتاب تارقىتالايدىغان ئىقتىدارى ۋە زاپاس كىتاب تەييارلاپ ساقلاش ئىقتىدارى بولۇشى؛
(5) مۇقىم ۋە مەخسۇس كىتاب تارقىتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار بولۇشى، مەخسۇس كىتاب تارقىتىدىغان خادىملار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان بولۇشى؛
(6) مۇكەممەل بولغان كەسپىي قائىدە - تۈزۈملىرى ۋە مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇشى كېرەك.
5 - ماددا مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 4 - ماددىسىدىكى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئورۇنلار كىتابلارنى باش تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئالدى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماققا دوكلات يېزىشى، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى تەكشۈرۈپ قوشۇلغاندىن كېيىن ئاخبارات نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ تەكشۈرتۈپ تەستىقلىشى، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىمغا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى، ئاندىن كىتابلارنى باش تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشى لازىم.
6 - ماددا كىتابلارنى باش تارقىتىش ئورۇنلىرى تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك؛
(1) دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە قاتتىق بويسۇنۇشى، ئاخبارات - نەشرىيات، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ باشقۇرۇشى، نازارەتچىلىكى ۋە تەكشۈرۈشنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى؛
(2) كىتابلارنى باش تارقىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى؛
(3) دۆلەت ئېنىق بۇيرۇق چىقىرىپ مەنئى قىلغان كىتابلار ۋە رەسمىي نەشر قىلىش ئورنىغا كىرمەيدىغان ئورۇن نەشر قىلغان كىتابلارنى تارقاتماسلىقى، رەسمىي كىتاب - ژۇرنال تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن بولمىغان ئورۇنلارغا كىتابلارنى توپ تارقاتماسلىقى؛
(4) باش تارقىتىش ھوقۇقى بولمىغان ئورۇنلارغا باش تارقىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرمەسلىكى ياكى شەكلى ئۆرگەرگەن ھالدا ئۆتۈنۈپ بەرمەسلىكى؛
(5) كىتابلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقى بېتىگە باش تارقىتىش ئورۇنىنىڭ ئىسمى ئېنىق يېزىلىشى؛
(6) توپ تارقىتىش پايدا پىرسەنتى ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
7 - ماددا كىتابلارنى باش تارقىتىش ھوقۇقى بولمىغان ئورۇنلارنىڭ كىتابلارنى باش تارقىتىاش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار قانۇنسىز تىجارەت قىلغۇچىلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
8 - ماددا ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىدىيىسى توغرا، ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ياخشى، ئىناۋىتى يۇقىرى، قانۇن - نىزاملارغا رىئايە قىلغان ئورۇنلارنى ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى مۇكاپاتلايدۇ. بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئورۇنلارنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بولسا، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بولمىسا، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى ئەھۋالنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، كەسپىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ.
9 - ماددا بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.