UyghurWiki›قانۇن نىزاملار›نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە
نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە
قانۇنلار
ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى. 2000 - يىلى 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى. ئاخبارات - نەشرىيات. تارقىتىش (2000) 967 - نومۇرلۇق
بىرىنچى باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1 - ماددا بۇ بەلگىلىمە نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرىنىڭ نورمال تەرتىپىنى قوغداپ، نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، نەشر قىلىش، تارقىتىش، ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن - نىزاملىرىغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى.
2 - ماددا بۇ بەلگىلىمىدە ئېيتىلغان نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرى نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىشنى ئاساس قىلغان مەركەزلىك تىجارەت سورۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
3 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن - نىزام ۋە قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشى، خەلق ئۈچۈن، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشى لازىم.
ئىككىنچى باب توپ تارقىتىش بازارلىرىنى قۇرۇش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش
4 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرىنى قۇرۇشنى شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
5 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرى ئادەتتە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر، ئۆلكە مەركەزلىرى، ئاپتونوم رايونمەركەزلىرىدە تەسىس قىلىنىدۇ، باشقا جايلاردا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرىنى قۇرۇشقا توغرا كەلسە، شۇ جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللاپ تەكشۈرتۈپ تەستىقلىتىدۇ.
6 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرىنى قۇرغۇچى ئورۇنلارنى شۇ جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلار ئېتراپ قىلغان بولۇشى كېرەك.
7 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇشىكېرەك:
(1) تەمىنلەش، توپ تارقىتىش ئورۇنلىرىنىڭ مەركەزلىك تىجارەت قىلىشىغا يېتەرلىك مۇقىم سورۇن بولۇشى؛
(2) نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرىنى باشقۇرىدىغان مۇكەممەل ئورگان ۋە قائىدە - تۈزۈملەر بولۇشى؛
(3) خىزمەت قىلىش، ساقلاش، ئالاقىلىشىش جەھەتتە ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى بولۇشى، تىجارەت قىلغۇچى ئورۇنلارنى ئىشخانا، ئىسكىلات، تېلېفون، ۋاكالىتەن يۆتكەش، خەت ئۇرۇش، تەقلىدىي ئىشلەش، بىخەتەرلىك، ئامانلىق قوغداش، تازىلىق مۇلازىمەت تۈرلىرى بىلەن تەمىن ئېتەلەيدىغان بولۇشى؛
(4) نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرىنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى ۋە تىجارەت قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى كومپيۇتېر ئارقىلىق بىر تۇتاش باشقۇرۇشنى يولغا قويغان بولۇشى كېرەك.
8 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرىنى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا، تۆۋەندىكىدەك ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئېتىش كېرەك.
(1) ئىلتىماس قىلىش؛
(2) نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازىرىنىڭ ئىسمى، ئادرېسى؛
(3) نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازىرىنى قۇرغۇچى ئورۇن ۋە ئاساسلىق مەسئۇل كىشىنىڭ ئىسمى؛
(4) نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازىرىنىڭ خەرىتىسى ۋە ئىچكى قۇرۇلما خەرىتىسى.
9 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئاشۇ مەمۇرىي رايوندا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش كەسپى بىلەن سۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى سورۇنغا كىرىپ تىجارەت قىلىشى كېرەك.
10 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرىنى قۇرۇشتا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ نەشر بۇيۇملىرى بازارلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى، جايلىشىشى ۋە ئۇمۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش دېگەن تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش كېرەك.
ئۈچىنچى باب نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى
11 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرىدا ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى بىلەن يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قاتناشقان نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرىنى باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇش ھەمدە مەخسۇس بازار باشقۇرۇش خادىملىرىنى قويۇش كېرەك. باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئاستىدا باشقۇرۇش، نەشر بۇيۇملىرىنى ئوقۇپ تەكشۈرۈش، ئامانلىق ساقلاش ۋە ئارقا سەپ مۇلازىمىتى قاتالىق تارماقلارنى قۇرۇش كېرەك.
نەشر بويۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقىنىڭ نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرىنى نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشىگە ھەمكارلىشىدۇ.
12 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرى بىخەتەرلىك، ئوت ئۆچۈرۈش، سۇغۇرتا، تازىلىق، تەشۋىقات قاتارلىق ئىشلارغا دۇچ كەلسە، ئۇ ئىشلارنى كومىتېت بىر تۇتاش بېجىرىدۇ.
13 - ماددا نەشر بۇيۇملىرى بازارلىرىنى باشقۇرۇش كومىتېتى شۇ بازار سودىسىنى باشقۇرۇش، نەشر بۇيۇملىرىنى ئوقۇپ تەكشۈرۈش، خادىملارنى تەربىيلەش، ئوت ئۆچۈرۈش، قوغداش ۋە مۇكەممەل بولغان باشقا ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ، بازارنىڭ ياخشى تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
14 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازىرىنى باشقۇرۇش ئېڭى، مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، ھوقۇقىغا تاينىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتماسلىقى، تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلماسلىقى لازىم.
نازارەتچىلىك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.
تۆتىنچى باب نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرىنى باشقۇرۇش
15 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرىنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى ۋە سورۇن ئىچىدىكى تىجارەت ئورۇنلىرى تەلەپ بويىچە نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرىنى باشقۇرۇش يۇمشاق ماتېرىيالىنى بىر تۇتاش قوللىنىپ، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
16 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش ئورۇنلىرىنىڭ توپ سېتىش بازارلىرىغا كىرىپ تىجارەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
17 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرىدىكى سودا پائالىيەتلىرىنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ، تالونلاشتۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرپ، قانۇنسىز سودىلىشىش ۋە سورۇن سىرتىدا سودىلىشىش قىلمىشلىرىنى مەنئى قىلىش لازىم. بازار ئىچىدىكى تىجارەت قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ قانۇنسىز سودا قىلىش پائالىيەتلىرىنى شەرت - شارائىت بىلەن تەمىنلىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
18 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرىنى باشقۇرۇشقا كومىتېتى قانۇنلۇق تىجارەتنى قوغداپ، بازارغا زومىگەر بولۇۋالىدىغان، مەجبۇرىي سېتىۋېلىپ، مەجبۇرىي ساتىدىغان قانۇنسىز سودا قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىشى كېرەك.
19 ـ ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرى قاتتىق خىزمەت تۈزۈملىرى، ئىش ئورنى بويىچە تەربىيلەش تۈزۈمى، نەشر بۇيۇملىرىنى سېتىشقا رۇخسەت قىلىش كىنىشكىسى بېرىش تۈزۈمى، بىر تۇتاش سېتىۋېلىش، سېتىش تالونى كېسىش تۈزۈمى، نەشر بۇيۇملىرىنى توشۇشقا يول قويۇش تۈزۈمى قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورنىتىشى لازىم.
20 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرىدىكى نەشر بۇيۇملىرى ئېلانلىرى، زاكاز تالونلىرى ۋە تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى بەلگىلىمە بويىچە بېسىش ۋە چاپلاش كېرەك، ئۇ نەرسىلەردە قانۇن - نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان مەزمۇن ۋە پەس، چاكىنا، خۇراپىي سۆز ياكى رەسىملەر، يالغان ۋە ئالدامچىلىق خاراكتېرىدىكى تەشۋىقاتلارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
21 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرىنىڭ مۇھىتى رەتلىك، پاكىز بولۇشى، نەشر بۇيۇملىرى رەتلىك تىزىلىشى كېرەك.
بەشىنچى باب تىجارەت ئورۇنلىرىنى باشقۇرۇش
22 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازىرى ئىچىدىكى تىجارەت ئورۇنلىرىدا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى بەرگەن <نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش (توپ تارقىتىش) ئىجازەتنامىسى> ۋە شۇ جايدىكى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇن بويىچە بەرگەن تىجارەت كىنىشكىسى بولۇشى ھەمدە ئۇلارنى تىجارەت سورۇنىدىكى كۆرۈنەرلىك جايغا ئېسىپ قويۇشى لازىم.
23 ـ ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازىرى ئىچىدە تىجارەت قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ ھەر بىرىدە بىردىن دۇكان، بىر ئىجازەتنامە، بىر كىنىشكا بولۇشى كېرەك. ئىجازەتنامە بىلەن تىجارەت كىنىشكىسىنى ئارىيە بېرىشكە، ھۆددىگە بېرىشكە، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە، ئېلىپ - سېتىشقا ۋە ئىجارىگە بېرىشكە، ئىجارەتنامىسىز، كىنىشكىسىز تىجارەت قىلىشقا بولمايدۇ.
24 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرى ئىچىدە تىجارەت قىلغۇچى ئورۇنلار <كىتاب سېتىشتىن ئىلگىرى تەكشۈرۈشكە يۇللاش> تۈزۈمىگە رىئايە قىلىش كېرە، قانۇن - نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان مەزمۇن بولغان نەشر بۇيۇملىرى، شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ساتقىلى بولمايدىغان باشقا نەشر بۇيۇملىرىنى ساتماسلىقى كېرەك.
25 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازىرىدىكى تىجارەت قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تاماقلىرى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن تىجارەت دائىرىسىدىن ھالقىپ تىجارەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، جەزمەن رەسمىي يوللار ئارقىلىق مال كىرگۈزۈش تالونىنى ساقلاپ قويۇش كېرەك.
26 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرىدا تىجارەت قىلغۇچى ئورۇنلار نىزام بويىچە باج تاپشۇرۇشى، بازار ئىچىدىكى تۈرلۈك قائىدە ۋە باشقۇرش تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشى، قانۇنسىز تىجارەت پائالىيەتلىرىنى پاش قىلىشى، باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىشى، بازار ئىچىدىكى تىجارەت تەرتىپىنى قوغدىشى كېرەك.
27 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازىرىدا تىجارەت قىلغۇچى ئورۇنلار شۇ جايدىكى ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارماقلارنىڭ تەلىپى بويىچە، يىللىق تەكشۈرۈش ۋە كىنىشكا ئالماشتۇرۇش، قايتا تىزىملاش خىزمىتىگە ئەستايىدىل قاتىنشىشى كېرەك.
28 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرىدا تىجارەت قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىدىدا ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات مەمۇرىي تارمىقى بەرگەن مۇناسىپ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بولۇشى كېرەك.
30 - ماددا نەشر بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرىدا تىجارەت قىلغۇچى ئورۇنلار مەلۇم سەۋەب بىلەن كەسىپنى توختاتسا، جەزمەن بازار باشقۇرۇش كومىتېتىغا تىزىمغا ئالدۇرۇشى لازىم. كەسىپنى ئۇدا ئالتە ئايدىن ئارتۇق توختاتسا، بازاردىن ئۆزلىكىدىن چىقىپ كەتكەن دەپ قارىلىدۇ ھەمدە كىنىشكا تارقاتقان ئورگان ئۇنىڭ نەشر بۇيۇملىرىنى، 2 - دەرىلىك توپ تارقىتىش ئىجازەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.
31 - ماددا تىجارەت قىلغۇچى ئورۇنلار 22 - ۋە 22 - ماددىلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلسا، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي تارماقلار ئەھۋالنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ 1000 يۈەندىن 30 مىڭ يۈەنگىچە جەرىمانە قويىدۇ.
ئالتىنچى باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
32 - ماددا بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ.